Quote:
5 - قەۋەتتىكى kariz 2008-05-07 11:22 دە يوللىغان نى نەقىل كەلتۈرۈش :
دۇنياغا مەشھۇر تىلچىمىزنىڭ نامى ۋە ئۆلمەس ئەسىرىنىڭ نامى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە مەخمۇت قەشقەرى، "تۈركى تىللار دىۋانى" دەپ، ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغان. ئۇنى بىر ئىككى ئالىم ماقالە يېزىپ، ئۇنداق دەيلى، مۇنداق دەيلى دېگىنىگە بولىدىغان ئىش ئەمەس. مېنىڭچە بولسا خەلققە ئومۇملاشقىنى بويىچە ئاتىغان تۈزۈك.
ئەپسۇس !تەپسىلى ئوقىماپسىزدە ،
يەنە تەۋسىيە قىلاي ،ئاۋۋال ئۇشبۇ يازمىنى بىر ئوقىۋېتىڭ .
بىز ھازىرقى ئادىتىمىز بويىچە باللىرىمىزنى مەخمۇت ئاتامدۇق ،مەھمۇت ئاتامدۇق ياكى مەھمەت -ماقمىت ئاتامدۇق بۇ ھازىرقى مەسىلە ،ھازىرقى ئىش .لىكىن ئىلگىرىكىلەرنىڭ نام- شەرىپىنى ئۆزگەرتىشكە ،ئىسىم قويۇشقا ھىچكىمنىڭ ھەققى يوق .
"ئۇنداق دەيلى،مۇنداق دەيلى "دىمەپتۇ ،"مەھمۇد كاشغەرىي" دەپ توغرا ئاتاشنىڭ بىزگە نىسبەتەن قەرز ۋە پەرزلىگىنى ،بۇزۇپ ئاتاشنىڭ نادانلىق ،ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىگىنى ئىلىمى چۈشەندۈرۈپتۇ .
تىل ،يېزىقلىرىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيتىمىزنىڭ جۇلالىق تەركىۋى قىسمى ،بۇلار بۇزۇلۇپ يېزىلسا ،بۇزۇلۇپ تەلەپپۇز قىلىنىپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇلسا كىمگە پايدا كىمگە زىيان ؟
زىيان تارتىدىغىنى بىز ۋە ئەۋلادلىرىمىز .ئەگەر كۈنلەر ئۆتۈپ "كاشغەر"راستىنلا قەشقەرغە ئايلىنىپ كەتسۇن قېنى...كۆرىدىغىنىمىز بار .