تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىدىكى تېما ۋە ئىنكاسلارنى باھالاش لايىھىسى
تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ مۇنبەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەزالارنىڭ سۈپەتلىك بولغان ئىجادىي،خاسلىققا ئىگە بولغان تەرجىمە ئەسەرلەرنى كۆپلەپ يوللىشىغا ئىلھام بېرىش، ئەزالارنىڭ كۆڭۈل ئېچىشنى بىرلەشتۈرۈپ تەرجىمە كەسپىدە ئۆگىنىش، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىدىكى تېما ۋە ئىنكاسلارنى باھالاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇنبەردە ئەسلىدە بار بولغان تېمىلاردىن تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ قائىدىسى ۋە خاسلىقىغا ماس كەلمەيدىغان 60 پارچە تېمىنى تاللاپ، ئۆزى ماش كەلگەن سەھىپىگە ئالماشتۇرۇلدى ۋە قىسمەنلىرى ئۆچۈرۈلدى، ھازىر مۇنبەردە 51 پارچە تېما بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى پائالىيەت ۋە سەھىپە ئۇقتۇرۇشىغا ئالاقىدار تېمىلار ۋە كىروران مۇكاپاتىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان تېمىلار چىقىرۋېتىلىپ، بۇ قېتىمقى تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ تېما ۋە ئىنكاسلارنى باھالاش پائالىيىتىگە 28 پارچە تېمىنى (مۇكاپاتلاش كۈنىدىن ئۈچ كۈن بۇرۇن يوللانغان تېمىلارمۇ قوشۇپ باھالىنىدۇ) قاتناشۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ پائالىيەت داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئەزالارنىڭ تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىگە داۋاملىق ئىجادىي، خاسلىققا ئىگە تېمىلارنى يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. باھالاش ۋاقتى: 2007- يىل 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ، ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيىتى 9- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە بولىدۇ، 10- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە مۇشۇ سەھىپىگە يوللانغان بارلىق تېمىلار مۇشۇ قېتىملىق باھالاش ئوبىكتى قىلىنىدۇ. كېيىن يوللانغانلىرى كېيىنكى قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلىدۇ. ئىنكاسلارمۇ شۇنداق بولىدۇ. مۇكاپاتلاش نامزاتلىرى 10- ئاينىڭ 4- كۈنى ئېلان قىلىنىپ، ئەزالارنىڭ پىكىرى بولمىغاندىن كېيىن، 10- ئاينىڭ 7- كۈنى رەسمىي بىكىتىلىپ، مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ، كېيىنكى پائالىيەت 10- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلىنىدۇ. ۋاقىتنى ئەستە چىڭ ساقلىغايسىزلەر.باھالاش تۈرلىرى: تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ كىروران چولپىنىدىن بىر نەپەر، يېڭى كىروران چولپان يۇلتۇزدىن 2 نەپەر، مۇنەۋۋەر ئەزادىن 3 نەپەر، مۇنەۋۋەر ئىنكاس يازغۇچىدىن 5 نەپەر، مۇنەۋۋەر باھالىغۇچىدىن 3 نەپەر تاللاپ چىقىلىدۇ، (ئەگەر يوللانغان تېمىلار كۆپ بولسا، سان مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ، ئەگەر تېما ئاز بولسا، سان مۇۋاپىق ئازايتىلىدۇ، ئەگەر باھالاش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن تېما ۋە ئەزا چىقمىسا، سان بوش قالدۇرۇلىدۇ، مۇنەۋۋەر تېما ۋە ئەزا كۆپ بولسا، مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ).
ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ نادىر تېما 1 پارچە، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىجادىي تېما 2 پارچە، مۇنەۋۋەر تېما 3 پارچە، نادىر تېما 6 پارچە، ئەڭ ياخشى ئىنكاس 5 پارچە، ئەڭ ياخشى باھا سۆزى 2 پارچە تاللاپ چىقىلىدۇ، (ئەگەر يوللانغان تېمىلار كۆپ بولسا، سان مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ،ئەگەر تېما ئاز بولسا، سان مۇۋاپىق ئازايتىلىدۇ، ئەگەر باھالاش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن تېما ۋە ئەزا چىقمىسا، سان بوش قالدۇرۇلىدۇ، مۇنەۋۋەر تېما ۋە ئەزا كۆپ بولسا، مۇۋاپىق كۆپەيتىلىدۇ) باھالاش شەرتلىرى: كىروران چولپىنىغا: يوللىغان تېمىسىنىڭ كۆپلىكى، مۇنبەردىكى ئەزالارغا بولغان ئەھمىيىتى، ئەزالارنىڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشىش دەرىجىسى، مۇنبەردىكى پائالىيەتچانلىقى ۋە ئاكتىپچانلىقى، يوللىغان ئىنكاسلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال شەرتلەرنى ئاساس قىلىپ تاللاپ چىقىلىدۇ. چوقۇم مۇنبەردە ئەدەپسىزلىك قىلىش، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلمىغان بولۇشى، مۇنبەردە بىر قەدەر ياخشى ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. يوللىغان تېمىللىرىدىكى ئىنكاسلارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان بولۇشى كېرەك. ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرمىگەن كۈنى ئارلىقى 1 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك. يېڭى كىروران چولپان يۇلتۇزىغا: كىروران چولپىنىغا قويۇلغان ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە مۇنەۋۋەر ئەزا تاللاپ چىقىلىدۇ، قويۇلغان تەلەپ ئوخشاش. چوقۇم مۇنبەردە ئەدەپسىزلىك قىلىش، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلمىغان بولۇشى، مۇنبەردە بىر قەدەر ياخشى ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. يوللىغان تېمىللىرىدىكى ئىنكاسلارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان بولۇشى كېرەك. ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرمىگەن كۈنى ئارلىقى 1 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك.
مۇنەۋۋەر ئەزاغا: يۇقارقى شەرتلەرنى تولۇق ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە، سەھىپىگە يوللانغان تېمىللىرى ئىچىدە بىر پارچە تېمىسى نادىر تېما مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇشى، ھەمدە ۋەكىل خاراكتىرلىك تېمىسى بولۇش كېرەك. چوقۇم مۇنبەردە ئەدەپسىزلىك قىلىش، تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى سادىر قىلمىغان بولۇشى، مۇنبەردە بىر قەدەر ياخشى ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە بولۇشى كېرەك. يوللىغان تېمىللىرىدىكى ئىنكاسلارغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، مۇنبەرنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغان بولۇشى كېرەك. ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرمىگەن كۈنى ئارلىقى 1 ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ئىنكاس يازغۇچىغا: يوللانغان تېمىلارغا ئەستايىدىل پىكىر قايتۇرغان، ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەن، ئىجادىي، ئەھمىيەتلىك تەكلىپ بەرگەن، ئىنكاسلىرى شۇ تېما ئىگىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىيالىغان بولۇشى ۋە ئىنكاسىنىڭ سانى، سۈپىتى، تەسىر قىلىش كۈچى قاتارلىق شەرتلەرنى ئاساس قىلىپ تاللاپ چىقىلىدۇ. چوقۇم باشقىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، مۇنبەر كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىنكاسلارنى يازمىغان بولۇشى كېرەك. «ياخشى يېزىپسىز»، «رەھمەت سىزگە» دېگەندەك بىر ئېغىز بىلەن ماختاپ يېزىلغان ۋە ياكى ئۇنىڭدىن باشقا پۈچەك مەزمۇندىكى ئىنكاسلىرى، يوللىغان ئىنكاسلىرىنىڭ 3\1 دىن كۆپ بولسا، بىردەك باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ. ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرمىگەن كۈنى ئارلىقى 2ھەپتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك. مۇنەۋۋەر باھالىغۇچىلىققا: كىروران مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان باھالىغۇچىلار بۇ پائالىيەتنىڭمۇ باھالىغۇچىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇ مۇنەۋۋەرلىككە شۇ باھالىغۇچىلار ئىچىدىن تاللاپ چىقىش بىلەن بىرگە، يەنە ئەزالار ئىچىدىن ئاكتىپلىق بىلەن تېمىلارنى باھالىغان ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشىغا نازارەت قىلىپ، پائالىيەتنىڭ ئادىل، ئاشكارە، باراۋەر، مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئەزالاردىن بىر نەپەر مۇنەۋۋەر باھالىغۇچى باھالاپ چىقىلىدۇ. بۇنىڭ شەرتلىرى كىروران پائالىيىتىدە باھالىغۇچىلارغا قويۇلغان تەلەپكە ئوخشاش، تېمىلارنى ئادىل، ئاشكارە باھالىشى، باھا سۆزى قايىل قىلارلىق، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ئاساستا باھالىشى، قىلچە شەخسى غەرەز ۋە ھېسىياتىنى ئالاشتۇرۋالماسلىقى كېرەك. ھەر قېتىم مۇنبەرگە كىرمىگەن كۈنى ئارلىقى 3 كۈندىن ئېشىپ كەتمىگەن بولۇشى كېرەك. تېمىلارنى باھالاشتا يۇقارقى باھالاش شەكىللىرىنى ئاساس قىلىش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
نادىر تېما ئادەتتە پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان تېمىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %3 بويىچە ھېسابلىنىپ سانى بىكىتىلىدۇ، شۇڭا مۇكاپاتلىنىدىغان سان ئومۇمىي سانغا قاراپ ھېسابلىنىپ مېڭىلىدۇ، بۇندىن بۇرۇنقى تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىدىكى بارلىق نادىرلانغان تېمىلار 10- ئاينىڭ 4- كۈنى بىردەك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، نادىر باھالانغان تېمىلار نادىرلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېيىن بىر باشقۇرغۇچىنىڭ پىكىرى بىلەن تېما نادىرلاشنى، ئەزالارنىڭ ئورتاق پىكىرى ئارقىلىق نادىرلاشقا ئۆزگەرتىلىدۇ. تېمىلارنى باھالاشتا، شۇ يولانغان تېمىنىڭ ئىجادىي تېما ئىكەنلىكى- ئەمەسلىكىنى چوقۇم تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك، باشقا جايدىن كۆچۈرۈپ كېلىنگەن تېمىنى مىنىڭ تەرجىمەم دەپ يوللاپ قويۇپ، ئاخىردا باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىنسا، مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى قالدۇرۇلىدۇ، مۇكاپاتلانغان بولسا، مۇكاپات جازا پۇلىنى قوشۇپ قايتۇرۋېلىنىدۇ. كۆچۈرۈلگەن تېمىنى مىنىڭ تەرجىمە ئەسىرىم دېگۈچىلەرنى بايقىغانلار ئەمەلىي پاكىت بىلەن تەمىن ئېتىپ ئىسپاتلاپ بېرىلسە، شۇ بايقاپ ئىنكاس قىلغان ئەزا دەرھاللا 500 سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: جەمئىي ھەر قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن 21000 دىن ئارتۇق مۇنبەر پۇلى چىقىم قىلىنىدۇ) كىروران چولپىنى 3000 سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
يېڭى كىروران چولپان يۇلتۇزى2000 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇنەۋۋەر ئەزا 1000 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇنەۋۋەر باھالىغۇچى 500 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇنەۋۋەر ئىنكاس يازغۇچى 300 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەڭ نادىر تېما 2000 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىجادىي تېما 1000 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
مۇنەۋۋەر تېما 500 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
نادىر تېما 200 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەڭ ياخشى ئىنكاس 200 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئەڭ ياخشى باھا سۆزى 200 سوم بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ. ئەسكەرتىش: تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللانغان تېمىلارنىڭ تىل چەكلىمىسى بولمايدۇ، پەقەت تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ خاسلىقىغا ئىگە بولسىلا بولىدۇ، بۇ تېمىلارنى باھالاشتا، مۇنبەردىكى بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارلىق ئەزالارنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەزالارنىڭ ئاكتىپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىگە يوللانغان تېمىلار
باشقۇرغۇچى قەلىپداشنىڭ يېڭى ئاتالغۇ ياساش دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-467.html ئەزا halis نىڭ غەلىتە مىللەت دىگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-244.html باشقۇرغۇچى كىروراننىڭ تېمىللىرى: <1> مانجۇ تىلىدا سۆزلىشەلەيدىغان ئادەم 100 گە يەتمەيدىكەن دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-925.html <2> ئەينەك تاختاي ئاستىدىكى سۆرەت (تەرجىمە ھېكايە) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5839.html <3> تېلېفون (تەرجىمە ھېكايە) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5870.html <4> قىزلار توي قىلىشتىن بۇرۇن بىلىشگە تىگىشلىك 10ئىش (تەرجىمە ماقالە) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5871.html <5> تەرجىمە ۋە نۇتۇق ئادىتى (ماقالە) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5872.html <6> ئۇيغۇر تەھرىر بۈلۈملىرىنىڭ ئادرىسى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5874.html <7> بۇرۇچ (تەرجىمە ھېكايە) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5877.html ئەزا نۇشىرىۋانئادىلنىڭ تېمىللىرى: <1> جۇڭگۇدىكى 100كۈچلۈك ئۇنىۋېرستېت دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-1376.html <2> شىنجاڭدىكى ئۇنۋېرستېت ۋە ئالى تېخنىكوملار دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-1379.html <3> بۇ سۆزلەرنى ئۆگۈنۈپ قويۇڭ!(ھامان ئەسقاتىدۇ) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-1406.html <4> دۇنيادىكى 100كۈچلۈك ئۇنىۋېرستېت دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-1320.html ئەزا ئالماكۆكنىڭ دېنىزاۋۇر سۇ ئۈزەلەمدۇ ؟ دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-1900.html سەھىپە مەسئۇلى ئەمىلىيەتنىڭ تېمىللىرى: <1> ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ماقال تەمسىل سىلىشتۇرمىسى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-2096.html <2> ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ماقال تەمسىلەر سىلىشتۇرمىسى 3 دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-2718.html <3> ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ماقال تەمسىللەر سىلىشتۇرمىسى (4) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-3117.html <4> ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ماقال تەمسىلەر سىلىشتۇرمىسى (2) دېگەن تېمىسى: http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-2320.html <5> ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ماقال تەمسىللەر سىلىشتۇرمسى (5) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-3448.html <6> بۇلارنىڭ خەنزۇچە ناملىرىنى بىلەمسىز دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-3658.html <7> تەرجىمە توغۇرلۇق جىددى ياردەم كېرەك دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-4195.html <8> تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلەمسىز ؟ دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5635.html <9> ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز قۇبۇل قىلىشى (ماقالە)(2) دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6115.html <10> ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز قۇبۇل قىلىشى (ماقالە )(3) دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6539.html ئەزا byron نىڭ (
تەرجىمە ) ئۆمۈرلۈك سۆيگۈ دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-2349.html ئەزا ئەنقانىڭ تېمىللىرى: <1> بۇ خەنزۈچە ناخشىنى تەرجىمە قىلىپ باقايلى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-4704.html <2> تەرجىمە قىلىپ باقايلى!!! دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5106.html باشقۇرغۇچى ::چوغ:: نىڭ تېمىللىرى: <1> ناخشا دېگەننى مۇنداق تەرجىمە قىلىمىز دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5028.html <2> ئۇيغۇرچە ناخشىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5029.html ئەزا ياسىمەنگۈلنىڭ مەنمۇ تەرجىمە قىلىپ باقاي! ھىكمەتلەر دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5055.html ئالىي ئەزا دوستۇمنىڭ تېمىللىرى: <1> (نەسىر)زەڭگەر كىرىستال! دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5100.html <2> ئالتۇن پەرىشتىمۇ ئالۋاستىمۇ؟ دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5288.html <3> جۇڭگو تور ساقچىلىرى ئىشقا چۈشتى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5508.html <4> (كرورەن سەھىپىسىگە)دادىلىق تەشۋىشى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5846.html <5> ياز كىچىسى سەن بىلەن ئارام جاڭگال دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-5942.html <6> گۈزەللىكتىن ھوزورلىنىڭ دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-5927.html <7> داڭلىق كىنولارغا يۇشۇرۇنغان پەلسەپىلەر دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-5940.html <8> ئامرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 22 تۈرلۈك جەڭ قائىدىسى دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-5932.html <9> بىر ئانىنىڭ ئۆمرىدىكى 8 يالغان سۆزى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6103.html <10> كومپيۇتىر رادىئاتسىيەسىدىن ساقلىنىشنىڭ 9خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6101.html <11> I LOVE YOU نىڭ ھەقىقىي مەنىسى دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6123.html <12> بىر دانە قىپقىزىل ئەتىرگۈل دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6635.html <13> (ئاۋازلىق ھىكايە)موزدوز بىلەن بانكىر دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6605.html <14> ئىسىل پەزىلەت(ئاۋازلىق نەسىر) دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6595.html <15> ھەسەتخورلۇق توغرىسىدا دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6991.html <16> توردا مۇھەببەتلىشىشكە ماس كىلەمسىز؟ دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6962.html <17> يازنىڭ ئاخىرىدىكى ئەتىرگۈل دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6647.html <18> تۈندىكى ئەتىرگۈل دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6653.html ئەزا قاراكۆلەڭگە1.8نىڭ ئۇنىۋېرستېتتىكى ئاجايىباتلار دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-3406.html باشقۇرغۇچى ئادىلەنىڭ ئايالدىن قورقۇشنىڭ يەتتە چوڭ پايدىلىق تەرىپى دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-5217.html ئەزا شەمشەرنىڭ ئۇيغۇر تېلدىن قوبۇل قىلغان سۆزلەر (ماقالە) دېگەن تېمىسى؛
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6077.html ئەزا hitman-x نىڭ ناماز ئوقۇمىغان ئادەمگە مەكتۇپ دېگەن تېمىسى:
http://bbs2.salkin.cn/read.php?tid-6117.html باشقۇرغۇچى چايان- شاھنىڭ بۇ بايراملارنى بىلەمدىكەنسىز؟ دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6591.html ئالىي ئەزا يۇلتۇز0991 نىڭ ( كىرورەن سەھىپىسىگە ) كۆڭۈل ئىزھارى دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6469.htmlئەزا hitman-x نىڭ ناماز ئوقۇمىغان ئادەمگە مەكتۇپ دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-6117.htmlئەزا ئا_ب_س نىڭ ئامېرىكىنىڭ M1A1 تىپلىق تانكىسى دېگەن تېمىسى:
./read.php?tid-7344.html يۇقارقى تېمىلار ئىچىدە مىنىڭ تېمام قېلىپ قاپتۇ دېگۈچىلەر ئىنكاس شەكلىدە ئەسكەرتىپ قويۇشىنى، يېڭى تېما يوللىغۇچىلارنىڭمۇ ئىنكاس شەكلىدە تېما يولىغانلىقىنى، تېمىسىنى ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.[ بۇ يازما كىروران تەرپىدىن 2007-09-24 19:37 دە قايت ]