ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • ياردەم سورىغۇچىلار سەمىگە - [ياردەم سوراش ئورنى]

    بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگ ھەققىدە ياردەم سورىغان سۇئاللىرىنىڭ بىر يەرگە مەركەزلىشىشى ھەم ئوخشاش سۇئال ۋە جاۋابنىڭ قايتا-قايتا تەكرارلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنداقلا بلوگگېر دوستلارنىڭ يولۇققان مەسىلىلەرنى تىز ھەل قىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن بۇ تېمىنى يوللىدىم. بلوگگېر دوستلارنىڭ ئىلگىرى سورىغان بىر قىسىم مۇھىم ياردەم سۇئاللىرى ھەم ئۇنىڭ جاۋابلىرىنى بۇ تېما ئاستىغا بىر-بىرلەپ يۆتكەپ كېلىمەن. بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھەرقانداق مەزمۇندىكى ئىنكاسلارنى يازغاندا، ئىنكاسنى ماس كەلگەن تېما ئاستىغا يوللىشىنى، ئەگەر ئىنكاسقا ماس كېلىدىغان تېمىنى تاپالمىغاندا، ئىنكاسنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تېما مەزمۇنى بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىنكاسلار  بۇنىڭدىن كېيىن بىردەك ئۆچۈرۈلىدۇ ھەم جاۋاب بېرىلمەيدۇ. مېنىڭ بۇنداق دىيىشىمنىڭ سەۋەبىنى بىر قىسىم سەزگۈر بلوگگېرلار ئاللىقاچان بىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئوخشاش بىر تېما ئاستىدىمۇ ئاللىقاچان جاۋاب بېرىلىپ بولغان سۇئالنى قايتا سورايدىغان، تېما مەزمۇنىنى ئوقۇپلا، ئاستىدىكى ئىنكاسلار ۋە جاۋابلارنى ئوقۇمايدىغان ئەھۋاللار ناھايىتى كۆپ. ئوخشىمىغان تېما ئاستىدا ئوخشاش سۇئال سوراش ئەھۋالىنى دەپ ئولتۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق.  شۇڭا يۇقۇرقىدەك ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ، بلوگگېر دوستلارنىڭ بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.