ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتىرەم تورداش، بلوگىمغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمەن. تارىم بلوگى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بلوگ.




  • بۇ سۇئاللار 2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان 5 قېتىملىق پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئېلىنغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ماتېماتىكا سۇئاللىرى بولۇپ، جەمئىي 168 يۈرۈش سۇئالنىڭ ھەممىسى تولۇق، ئىچىدە سۇئالنىڭ جاۋابىمۇ  بار. بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3-باسقۇچلۇق تەكراردا بۇ سۇئاللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدىن ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  • باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ 80 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:

    http://www.brsbox.com/filebox/down/fc/ea6f16f68950b0c11c555b4370e2fae9

    كېيىنكى قېتىم باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا پرويىكسىيە ئارگىناللىرى يوللىنىدۇ. شۇڭا كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى داۋاملىق بلوگىمىزدا بولغاي.

    ئەسكەرتىش: پرويىكسىيە ئارگىنالىنىڭ ئىلگىرى يوللانغان قىسمىنى ئالدىنقى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.

  • ئالدىنقى تېمىدا باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ Power Pont تا ياسالغان 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى تەمىنلىگەن ئىدىم. بۈگۈن يەنە 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى كەڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەغدىم قىلىمەن. بۇنىڭ 67 سى Power Pont تا، 33 ى Flash تا ياسالغان.

  • باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پرويىكسىيە ئارىگىنالى ياساش ۋە كونسىپىك يېزىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم پرويىكسىيە ئارىگىنالى (كېجيەن) ۋە كونسىپىك (جياۋئەن) لارنى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگىمغا يوللايمەن. باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللققىچە بولغان ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتېرىياللىرى ئايرىم بىر تېما قىلىنىپ، بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ھەر ۋاقىت بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىدە بولغاي. ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ.

  • تولۇق ئوتتۇرا  مەكتەپنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ۋە 5-قىسىملىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى يوللاپ  قويدۇم. لازىم بولغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار. كونسىپىك سائەتلەر بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

    ئەسكەرتىش: كونسىپىك پۈتۈنلەي خەنزۇچە تۈزۈلگەن.

    تولۇقلىما: دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنىڭ ھازىر تولۇق 2-، 3-يىللىقلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كونا دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكىنىمۇ يوللاپ قويدۇم.

  • تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەرگە دائىر  教案 ، 课件 ، 习题 ، 论文 قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.

    http://www.3edu.net  

                                                                  http://202.101.111.23/jsp/index.jsp

     .........................................

  • توپلام ئۈستىدە ئەمەللەر - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    توپلام ھەققىدىكى Flash دەرسلىكىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.

    خەتكۈچ:چۈشۈرۈش
  • فۇنكسىيىنىڭ دەۋرىيلىك خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە - [دەرسلىك چۈشۈرۈش]

    ھەر تۇرلۇك ئىمتىھانلاردا، ھەمىشە فۇنكسىيىنىڭ دەۋرىيلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى  ئۇچرىتىمىز،  بۇ ماقالىدا تولۇق 3- يىللىق تەكرار ماتىريالى ۋە ھەر تۇرلۇك ئىمتىھانلاردا چىقىرىلغان سۇئاللار ئاساسىدا بۇ تۇردىكى مەسىلىلەرنىڭ بىر قانچە خىل شەكلى ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇللىرىنى كوپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنماقچىمەن. بۇنىڭ كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى بىلىمىنى تولۇقلىشىدا بەلگىلىك ياردىمى بولىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.

    خەتكۈچ:ماتېماتىكا