![](4293141/resource_4293141_13686402008.gif)
-
مۇرەككەپ يېزىق ۋە ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان تىللار ئۈچۈن قاچىلاش پروگراممىسى (i386) - [يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش]
ئادەتتە كۆپىنچىمىز توردىن چۈشۈرۈۋېلىنغان GhostXP نى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. بۇنداق GhostXP لاردا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان يېزىقلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر قىسقارتىۋېتىلگەنلىكتىن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلىغان چاغدا WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سېلىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. قولىمىزدىكى گوستلانلغان دىسكا بولغاچقا، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماي قالىدۇ. بۇ مەغلۇبىيەت دەل WinXP نىڭ ئەسلىدىكى قاچىلاش دېسكىسىدىكى i386 ناملىق ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ بىزنىڭ كومپيۇتېرىمىزدا زاپاس ساقلاپ قويۇلمىغانلىقىدىندۇر. تۆۋەندىكى ئادرىستىكىسى دەل i386 نىڭ پرىسلانغان ھۆججەتلىرى بولۇپ، بىزنى مۇشۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ:
-
ئۇسلۇپ شەكلىنى تۆۋەندىكى رەسىمدىن كۆرۈڭ:
-
باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ 80 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ:
http://www.brsbox.com/filebox/down/fc/ea6f16f68950b0c11c555b4370e2fae9
كېيىنكى قېتىم باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا پرويىكسىيە ئارگىناللىرى يوللىنىدۇ. شۇڭا كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى داۋاملىق بلوگىمىزدا بولغاي.
ئەسكەرتىش: پرويىكسىيە ئارگىنالىنىڭ ئىلگىرى يوللانغان قىسمىنى ئالدىنقى تېمىغا كىرىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ.
-
ئالدىنقى تېمىدا باشلانغۇچ مەكتەپ 1-يىللىقنىڭ Power Pont تا ياسالغان 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى تەمىنلىگەن ئىدىم. بۈگۈن يەنە 100 پارچە پرويىكسىيە ئارگىنالىنى كەڭ باشلانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا تەغدىم قىلىمەن. بۇنىڭ 67 سى Power Pont تا، 33 ى Flash تا ياسالغان.
-
باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ پرويىكسىيە ئارىگىنالى ياساش ۋە كونسىپىك يېزىش ۋاقتىنى تېجەش ئۈچۈن، نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان توردىن يىغىپ ساقلاپ قويغان بىر قىسىم پرويىكسىيە ئارىگىنالى (كېجيەن) ۋە كونسىپىك (جياۋئەن) لارنى بۈگۈندىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈپ بلوگىمغا يوللايمەن. باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا 3-يىللققىچە بولغان ھەر بىر يىللىقنىڭ ماتېرىياللىرى ئايرىم بىر تېما قىلىنىپ، بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىگە يوللىنىدۇ. كەڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ نەزىرى ھەر ۋاقىت بلوگنىڭ «چۈشۈرۈش» سەھىپىسىدە بولغاي. ماتېرىياللار پۈتۈنلەي خەنزۇچە بولۇپ، قوش تىللىق سىنىپلارغا دەرس بېرىدىغان ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ مۇۋاپىق پايدىلانسا بولىدۇ.
-
بۈگۈن يەنە بىر ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلدىم. بۇ ئۇسلۇپ تۆۋەندىكى ئادرىستىكى بلوگنىڭ ئۇسلۇبىكەن.
ئۇسلۇپ شەكلىنى ياقتۇرغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
تۈنۈگۈن Blogbus يەنە بىر يېڭى ئۇسلۇپ تارقىتىپتۇ. ئۇسلۇپ شەكلى خېلى چىرايلىقكەن. شۇڭا ئۇنى تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. ياراپ قالسا چۈشۈرۈپ ئىشلىتەرسىلەر.
ئۇسلۇپ رەسىمى:
-
دېتال ئىسمى:
捕捉软件
سىغىمى: 1.29 مېگابايت كېلىدىغان بىرلا ھۆججەتتىن تەركىپ تاپقان.
ئالاھىدىلىكى: بۇ دېتالنى كومپيۇتېرغا قاچىلاش ھاجەتسىز. پىرىستىن يېشىپلا، مائۇس بىلەن قوش چېكىپ قوزغاتساقلا بولىدۇ. بۇ دېتالنىڭ پىرىستىن يەشكەندىن كېيىنكى سىن بەلگىسى:
-
تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى دەرس ئۆلچىمى بويىچە تۈزۈلگەن ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ زۆرۈر ئوقۇشلۇق 1-قىسىم، 2-قىسىم، 3-قىسىم، 4-قىسىم ۋە 5-قىسىملىرىنىڭ كونسىپىكلىرىنى يوللاپ قويدۇم. لازىم بولغانلار چۈشۈرۈۋېلىڭلار. كونسىپىك سائەتلەر بويىچە تۈزۈلگەن بولۇپ، ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىغا زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ئەسكەرتىش: كونسىپىك پۈتۈنلەي خەنزۇچە تۈزۈلگەن.
تولۇقلىما: دوستلارنىڭ تەكلىۋىگە ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىنىڭ ھازىر تولۇق 2-، 3-يىللىقلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان كونا دەرسلىكىنىڭ كونسىپىكىنىمۇ يوللاپ قويدۇم.
-
توردىن چۈشۈرىۋالغان Flash ھۆججەتلىرىنىڭ بىر قىسىم يەرلىرى بىزنىڭ تەلىۋىمىزگە ماس كەلسىمۇ، يەنە بىر قىسىم يەرلىرى ئارتۇقچە ياكى تەلىۋىمىزگە ماس كەلمەيدۇ. بەزىدە «مۇشۇ ھۆججەتنى تەھرىرلىگىلى بولغان بولسا، ئارتۇق يەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ئىشلەتكەن بولساق، ئۆتمەكچى بولغان دەرسىمىزنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان بولاتتى» دەپ ئويلاپمۇ قالىمىز. بىزنىڭ بۇ خىيالىمىزنى IMPERATOR-FLA_V2.0 دىگەن يۇمشاق دېتال رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ بېرەلەيدۇ.
-
تۆۋەندىكى تور بەتلەردىن ماتېماتىكا ۋە باشقا پەنلەرگە دائىر 教案 ، 课件 ، 习题 ، 论文 قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.
http://202.101.111.23/jsp/index.jsp.........................................
-
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندىن بۇيان تەكلىماكان ئەپەندى ۋە ئارامگاھ ئەپەندى قاتارلىقلارنىڭ خالىسانە باشلامچىلىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بلوگ قىزغىنلىقى كۆتىرىلدى. ماڭا ئوخشاش پروگرامما تىلى ۋە كود دىگەندەكلەردىن قىلچە خەۋىرى يوق كىشىلەرمۇ تىرىشىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ، ئۇيغۇرچە بلوگ قۇرىۋالدۇق ۋە ئۆزىمىزنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆز خاسلىقىمىزنى نامايەن قىلىشقا كىرىشتۇق.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنىڭ «تارىم بلوگى» نى قۇرۇپ چىقىشىمغا يول كۆرسەتكەن، ياردەملەشكەن ۋە قىزغىن قوللىغان تەكلىماكان، ئارامگاھ، يوليار، يۈكسەل، سەھرا، دۆلەتباغ..... قاتارلىق بلوگلارغا، بلوگىمنى داۋاملىق زىيارەت قىلىپ تۇرىۋاتقان دوستلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
-
توپلام ھەققىدىكى Flash دەرسلىكىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ.