ئىرانلىق داڭلىق رېژىسسور مەجىد. مەجىدىينىڭ ئەسىرى «ئاياغ» نى كۆرگەندىن باشلاپ، ئىران كىنۇلىرىغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان ئىدىم، بۇ بىرقانچە يىلىدىن بۇيان سانى ئاز بولسىمۇ، شۇنىڭغا يارىشا ساز بولغان ئىران كىنۇلىرىنى سۆيۈپ كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئىراننىڭ ئاددىي ئەمما يۈرەككە تېگىدىغان بۇ كىنۇلىرىدا ئاددىي كىشىلەر ئارىسىدىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تېخىمۇ ئۆز ئەينى بويىچە تىتىيالايمىز، كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن خۇددى ئۆز بېشىمىزدىن ئۆتكەن كەچۈرمۈشتەك بىرخىل تۇيغۇغا غەرق بولىمىز، ئەلۋەتتە بۇ پېقىرنىڭ باھاسى خالاس.
بۈگۈن يېڭى كىنو ئۇچۇرلىرىنى ئارىلاۋىتىپ، بىردىنلا ئىراننىڭ«A Separation»(ئايرىلىش) ناملىق ھېكايە فىلىمنى ئۇچرىتىپ قالدىم ھەمدە زور قىزىقىش ئىچىدە فىلىم چۈشەندۈرۈشىنى كۆرمەيلا ، چۈشۈرۈپ كۆرۈپ تۈگەتتىم. دەرۋەقە فىلىم يەنىلا شۇ ئىرانچە ئاددىيلىققا ئىگە نادىر ئەسەر ئىكەن.
فىلىمنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشنى كۆرىۋىدىم ئويلىغىنىمدەك بۇ كىنونىڭ ئېرىشكەن شان-شەرەپلىرى ئۇلغىيىۋىتىپتۇ. 2011 -يىلىنىڭ ئاخىرى ئارقا-ئارقىدىن 61-نۆۋەتلىك بىرلىن كىنو بايرىمىدا، ئەڭ نادىرفىلىم شەرىپى بىلەن «ئالتۇن ئېيىق» مۇكاپاتىغا، ئاممىۋى باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن مۇسابىقە باسقۇچى مۇكاپاتىغا، 69-نۆۋەتلىك «ئالتۇن شار»كىنۇ بايرىمىدا«ئەڭ نادىر چەتئەل تىلىدىكى فىلىم» مۇكاپاتىغا نائىل بولغان. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئوسكار سەھنىسىگىمۇ يۈرۈش قىلىدىغان چىراي.
فىلىمنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى:
سەيمىن(ئايال باش پېرسۇناژ) ئىراندىن ئايرىلىپ، ئىرى نادىر ۋە قىزىنى ئېلىپ چەتئەلگە چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالماقچى بولىدۇ ھەمدە بارلىق تەييارلىقلارنى پۈتتۈرۈپ بولىدۇ.
لېكىن نادىرئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغان دېۋەڭلىك كېسىلى بار دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشتا قېينىلىپ قىلشىنى ئويلاپ، ئايالى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىشنى رەت قىلىدۇ.
بۇ ئىشتىكى پىكىر ئىختىلاپى ئاخىرى ئۇلارنى ئاجرىشىپ كېتىشتىن ئىبارەت ھېچكىم خالىمايدىغان يولنى تاللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ. لېكىن سوتچى سەيمىننىڭ ئاجرىشىش تەلىپنى يولسىز دەپ قارار چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سەيمىن ئائىلسىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ.
قىزى ۋە كېسەل دادىسى بىلەن بىرگە تۇرغان نادىر ناھايىتى تېزلا ئايالىنىڭ يوقلۇقىدىن ئىبارەت قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ، چۈنكى ئۇخىزمەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا ئامالسىز ئىدى، شۇنداق ئامالسىزلىق ئىچىدە ئۇرازىيەھ ئىسىملىك سائەتلىك ئشىچىنى ياللاپ دادىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىشلىش ئىشىغا سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. رازىيە ھامىلدار بولۇپ، يولدىشىنىڭ رەنجىشىدىن قورقۇپ، بۇ خىزمەتنى قىلىۋاتقانلىقىنى يولدىشىغا ئېيتمىغان ئىدى،…
بىركۈنى نادىرئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان بىر كۆرۈنۈشنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆزھاجىتىدىن چىقالمايدىغان دادىسى كارىۋاتتىن يېقىلغان پېتى ئۆلەر ھالەتتە يەردە ياتاتتى، لېكىن رازىيە يوق تۇراتتى…؟!!
قاتتىق غەزەپلەنگەن نادىر رازىيە پەيدا بولۇشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭغا بىردىنلاكايىپ كېتىدۇ، ھەتتا ئۆزىنى باسالماي ئۇنى ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ.
كىم بىلسۇن بۇ ئىشتىن كېيىن ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان تېراگىدىك ۋەقەلەر ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىشكە باشلايدۇ،…
ھاھاھا،..ئېغىزىمغا قاراپ ئولتۇرىۋەرمەي، كىنونى چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ ئاندىن تەسىرات ئالماشتۇرىمىز.
————————
چۈشۈرۈش ئادىرىسى : بۇيەرنى بېسىڭ