بۇلار دىگەن ئۇچۇرغا يېقىن كېلىدىغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار، كۆرۈپ بېقىڭ

تۇپراق

تۇپراق

تۇپراق بۆلۈنمەيدىغان كۆپ كاۋاكلىق ئاددى ماددا بولۇپ پۈتكۈل كائىنات جىسىملىرىنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئۇ چېچىلاڭغۇ جىسىم بولۇپ يەككە ھالەتتە ھەقىقى بىرلىك ھالىتىنى ساقلايدۇ. سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش تەسىرىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆز ئارا بىرىكىپ دانچە ھالىتىگە ۋە مۇرەككەپ شەيئىنىڭ ھالىتىگە كىرىدۇ.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »سالامەتلىك ئىلمى    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

ئوت

ئوت

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان. تۆت ئاساسى ماددا تەلىماتىدىكى تۆت ماددىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تىبابىتىدە  قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »سالامەتلىك ئىلمى    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

ھاۋا

ھاۋا

تۆت ئاساسى ماددا(تۆت داتۇ)تەلىماتىدىكى تۆت ماددىنىڭ بىرى .ھاۋا بوشلۇقلارنى  (ۋاكوئۇملارنى) ۋە بوشلۇقلارنى تولدۇرۇپ تۇرغۇچى مىكرو دانىچىلىق ماددىلارنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، قەدىمكى ئۇيغۇرلار يەنە ھاۋانىڭ جىسىملارغا گاھى ئىسسىق، گاھى ھۆللۈك ئۆتكۈزۈش تەسىرىنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئۇنى ھۆل ئىسسىق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا دەپ ھېساپلىغان.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »سالامەتلىك ئىلمى    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان

سۇ

سۇ

سۇ تۆت ئاساسى ماددا(تۆت داتۇ)تەلىماتىدىكى ئالەمدىكى ماددىلارنى تۈزگۈچى تۆت ماددىنىڭ بىرىدۇر . ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئورۇن جەھەتتىن تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ ، ۋەزنى نىسپى ئېغىر، تەبىئىيتى ھۆل سوغۇقتۇر.خىمىيىۋى تۈزىلىشىH₂O.

تۇرمۇش »ساغلاملىق »سالامەتلىك ئىلمى    بۇ يازما 2016-يىلى 08-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان