ئوت
ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان. تۆت ئاساسى ماددا تەلىماتىدىكى تۆت ماددىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر تىبابىتىدە  قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك دەپ قارىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئوت
تۈرى تىبابەت نەزىرىيىسى
خەنزۇچە
تەبىئىيتى قۇرۇق ئىسسىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىشلىتىۋاتقان ئوت چۈشەنچىسى، ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان ، كۆيىدىغان، ھەرقانداق ماددىدىن ھاسىل بولغان ھارارەت (ئالاۋ) غا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇتلەق يەڭگىل جىسىمدۇر، چۈنكى يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئۇنىڭ زىچلىقى ناھايتى كىچىك بولۇپ، يەرشارى ۋە باشقا سەييارىلەرنى ئوراپ تۇرغان ھاۋانىڭ زىچلىقىدىنمۇ كىچىك بولغاچقا، شۇ ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىدا داۋاملىق يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ئىبىنسىنا ئۆزىنىڭ «ئەل قانۇن فىت تىب» ناملىق ئەسىرىدە، « ئوت ئاددىي جىسىمدۇر، تەبىئىي ئورنى ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك ئورۇننىڭ ئەڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئوتنىڭ ئورنى ئاسمان گۈمبىزىنىڭ شۇنداق بىر پېتىنقى يۈزىدە بولۇپ. ۋۇجۇتقا كېلىش ۋە يوقىلىش ئورنى شۇ يەردە بولىدۇ. ئۇنىڭ شۇنداق ئورۇندا بولىشى ئۇنىڭ مۇتلەق يەڭگىللىكىدىندۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق » دېيىلگەن .

ھەكىم سۇلتان ئەلى ئۆزىنىڭ  «دەسترۇلئىلاج» ناملىق ئەسىرىدە ئوت توغرىسىدا توختىلىپ، «ئوت يىگانە جىسىم بولۇپ ئورنى ھەممە ماددىلارنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ ناھايتى شالاڭ ۋە رەتسىز دۇر، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ، ھەرقانداق نەرسە ئۇنىڭ تەسىرىدە پىشىدۇ، ھاۋا ئوتنىڭ قۇۋۋىتى بىلەن باشقا جىسىملارغا ئۆتىشىپ تۇرىدۇ، سۇ ۋە تۇپراقنىڭ سوغۇقلىقى ئوتنىڭ تەسىرىدە تەڭشىلىدۇ» دەپ بايان قىلغان،

ئوت تەبىئىي يادرو ئېنىرگىيىسى بولغان قۇياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزلار يەرشارىغا تەسىر بولغان ئۆزىدىن ئىسسىقلىق چىقىرالايدىغان يۇلتۇزلار، يەرشارىنىڭ ئۆزىنىڭ يادروسىدىن چىقارغان ئېنىرگىيە، ۋە ئادەتتىكى ئوت (خېمىيىۋى ئۆزگۈرۈش، كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ئوت ) كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، بۇ ئىنتايىن شالاڭ، ئىسسىق، ئۆتكۈر، رەڭسىز، ئەڭ يەڭگىل، مۇئەييەن شەكىلگە ئىگە ماددا بولۇپ ئۇنىڭ ۋەزىنى مۇتلەق يەڭگىل بولغاچقا دائىم يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ. يەرشارى ۋە باشقا پلانىتلارنى قاپلاپ تۇرىدىغان ھاۋا تەبىقىسىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ.

ئوت تۆت پەسىل ۋە كېچە-كۈندۈزلەردە يەرشارىنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا مۇۋاپىق ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئۆتكۈر قىزىتىش، جىسىملارغا ھاۋا ئۆتكۈزۈش، ئۇلارنى تەركىبلەرگە ئايرىش، پىشۇرۇش، سۇ ھەم تۇپراقنىڭ سوغۇقلۇقىنى تەڭشەش، ماددىلارنى ئېرىتىش، ئۆزگەرتىش، ۋە ماددىلارغا رەڭ بېرىشتەك روللارغا ئىگە، ئورۇن جەھەتتىن ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدۇ، كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق، ۋەزىنى مۇتلەق يەڭگىل .

ئۇيغۇرلار «ئوت»نى قۇياش، ئادەتتىكى ئوتنى قۇياشتىن كەلگەن ماددا دەپ تۇنۇغان. ئۇلار ئوت (قۇياش) تەبىئەت دۇنياسىدا كەم بولسا بولمايدىغان چوڭ ماددا، چۈنكى ئۇ تەبىئەت دۇنياسىغا يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىدۇ، تۆت پەسىلنى ۋە كېچە – كۈندۈزنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ئوخشاشمىغان جايلىرىغا ئىسسىقلىق يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئوت تەبىئەت دۇنياسىنى قىزىتىش، جىسىملارغا ھارارەت ئۆتكۈزۈش، پىشۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، قاتتىق جىسىملارنى ئېرىتىش، ماددىلاردا رەڭ پەيدا قىلىش، سۇنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇۋېتىشىنى، تۇپراقنىڭ سۇغۇقلۇقىنى تەڭشەش قاتارلىق روللارنى ئويناپ، دۇنيانى تەڭپۇڭ ھالەتتە ساقلاپ تۇرىدۇ، دەپ قارىغان. شۇڭا، ئەجداتلىرىمىز ئوتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يېتىپ، ئۇنى مۇقەددەس «ئىلاھ» دەپ قاراپ، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە قۇياشقا چوقۇنۇپ، ئوتنى ئۇلۇغلىغان.

ئۇيغۇر ۋە تۈركىي مىللەتلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان زەردۇشت(ئاتەشپەرەسلىك) دىنى، شامان دىنى (شامانىزىم) نىڭمۇ مۇشۇ قاراشتىن كېلىپ چىققانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن. ئۇيغۇرلار قۇياشنىڭ بىر يىلنىڭ تۆت پەسلى ئىچىدە تەرەتىپلىك دەۋر قىلىپ، جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسسىقلىق بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئىسسىقلىقنڭ ھەرقايسى ئايلار ۋە پەسىللەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئۇلار قۇياش ئىسسىقلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۆيدۈرۈش، قۇرۇتۇش، تارتىش، تېپىش، پىشۇرۇش ۋە ھەرىكەتلەندۈرۈش خۇسۇسيەتلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن، ئۇنى ئادەتتىكى ئوتقا ئوخشاتقان، چۈنكى ئوتمۇ كۆيدۈرىدۇ، ئىسسىتىدۇ، پىشۇرىدۇ ۋە يۇرۇقلۇق چىقىرىدۇ. شۇنىڭغا ئاساسەن، ئوتنى قۇياشنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى دەپ قاراپ، ئوتنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق جىسىملار ئۈچۈن ئەڭ موھىم ئىكەنلىكىنى، ئۇ باشقا ئۈچ چوڭ ماددا (ھاۋا، سۇ، تۇپراق) دىن يەڭگىل بولۇپ، ھاۋانىڭ ئۈستىدە پۈتۈن يەر شارىنى قاپلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلگەن ھەم يەنە ئوتنى قۇرۇق ئىسسىق تەبىئەتلىك چوڭ ماددا دەپ ھېساپلىغان.

ئادەتتىكى ئوت بولسا خېمىيىۋى ئۆزگىرىشتىن پەيدا بولغان ئېنىرگىيە بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئوتنى تونۇش ۋە ئىشلىتىش تارىخى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، ئۇلار تەبىئەتتىن ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ، ئوتنى ئىختىرار قىلغان، ئۇلار دەسلەپتە تەبىئىي ئاپەتلەر سەۋەبىدىن ئورمانلىققا ئوت كەتكەندە، ئوتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بايقاپ، ئوت ئىشلەتكەن. بىز ئىشلىتىۋاتقان ئوت بولسا، كۆيۈشچان ماددىلارنىڭ ئوكسىگېن تەسىرىدە ئوكسىدلىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ. ئوت يالقۇنىنىڭ رەڭگى يېقىلغۇنىڭ تەركىبىي بىلەن، يالقۇننىڭ كۈچلۈك –ئاجىزلىقى ئوكسىدلىنىش دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك. يېقىلغۇ تەركىبىدە كاربون، ناترىي ئىئونلىرى بولسا، يالقۇنى سېرىق رەڭدە، مىس ئىئونى بولسا كۆك رەڭدە، خروم ئىئونى بولسا يېشىل رەڭدە، كالىي ئىئونى بولسا قىزغۇچ بىنەپشە رەڭدە... يالقۇنلارنى چىقىرىدۇ. يالقۇننىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يېقىلغۇنىڭ ئوكسىدلىنىشىنىڭ تېز- ئاستىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، يېقىلىغۇ تەركىبىدە ئىشقارىي مېتاللار باغ تۈزۈلۈش جەھەتتىن تويۇنمىغان ئالكانلار ياكى ئورگانىك كابون –ھىدرت بىرىكمىلىرى بولسا، ئوكسىدلىنىشى تېز يالقۇنى كۈچلۈك بولىدۇ. ئوتنىڭ ئەتراپىدا بىرخىل ئۆزلۈكسىز مەيدان بولۇپ، بۇ «ئوت مەيدانى » دەپ ئاتىلىدۇ. ئوت مەيدانى ئۈچ ئۆلچەملىك بولىدۇ، ئۇ مەيداننىڭ كۈچىنىشىنىڭ يۆنىلىشى داۋاملىق يۇقىرغا قارىتا بولىدۇ.

ھەكىم مۇھەممەت ئەكبەر ئەرزانى «مۇپەررىھۇل قۇلۇب» ناملىق ئەسىرىدە «ئوتنىڭ شەكلى سەنوبەر (يىڭنە يۇپۇرماقلىق قارىغاي) نىڭ شەكلىدە بولىدۇ، ئۇنۇڭدىن باشقا شەكىلنى قوبۇل قىلمايدۇ» دەيدۇ. ئوتنىڭ شالاڭ يەڭگىل بولىشى، يۇقىرىغا ئۆرلىشى، ئۇنىڭ زىچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، زىچلىق ماسسىنىڭ ھەجىمگە بولغان نىسبىتىگە، ياكى ھەجىمنىڭ ماسسىغا بولغان ئەكس تەسىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، قوۋۇس بوشلۇقىنىڭ (ۋاكۇئۇمنىڭ) زىچلىقى مۇتلەق نۆلگە ئىنتىلىدۇ. ئوتنىڭ زىچلىقى بولسا ۋاكۇئۇمنىڭ زىچلىقىدىن چوڭ، ھاۋانىڭ زىچلىقىدىن كىچىك بولغاچقا شالاڭ، يەڭگىل يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ، ھەم ھاۋا تەبىقىسى بىلەن ۋاكوئۇمنىڭ ئارلىقىدا تۇرىدۇ. ھەم يىغىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە باشقا ماددىلار، (ھاۋا، سۇ، تۇپرا) نى مەلۇم قانۇنىيەت بويىچە، ھەركەتلەندۈرۈپ، بېرىكتۈرۈپ، باشقا بىر قۇرۇلما ھاسىل قىلىدۇ، ماسسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىك دەرىجىسى زىچلىق ئېتىبارى بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشنىڭ تېز-ئاستىلىقىغا قاراپ، قۇياشقا ئۇخشاش تۇرغۇن يۇلتۇز ياكى باشقا سەييارىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا تامامەن ئۇيغۇن . ئېنىرگىيىنىڭ ساقلىنىش قانۇنىنى تىبابەت ئالىملىرى، تىبابەت بىلەن باغلاپ نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. 18-ئەسىرگە كەلگەندە ياۋرۇپا ئالىملىرى بۇ قانۇننى قايتا پىشىقلاپ ۋە سۈپەتلەپ «ئېنىرگىيە يوقالمايدۇ، يوقلۇقتىن پەيدا بولمايدۇ، ئۇ بىرخىل شەكىلدىن يەنە بىرخىل شەكىلگە ئايلىنىدۇ، ئايلىنىش جەريانىدا ئېنىرگىيىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ» دەپ ئوتتورغا قويغان.

ئوتنىڭ يەنە قىزدۇرۇش، جىسىملارغا ھاۋا ئۆتكۈزۈش (مېكرو تەركىبلەرنى سىڭدۈرۈش)، ئېنىرگىيە تەسىرىدە پارچىلىنىدىغان ماددىلارنى پارچىلاش ۋە ئېنىرگىيە تەسىرىدە بىرىكىدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش تەسىرى بولۇپ، بۇ خۇسۇسىيەتلەر يەنىلا ئوتنىڭ خېمىيىلىك ۋە فىزىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

جىسىملارغا مىكرو تەركىبىلەرنى ئۆتكۈزۈش رولى بولسا، ئوتنىڭ جىسىملارنىڭ مۇكەمملەلىكىنى ساقلاشقا قوشقان مۇھىم رولى بولۇپ، ئۇ رولى ئارقىلىق ھاۋانىڭ بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن «ئالەمدە ئالقانچىلىكمۇ بىكار ئورۇن يوق» دېگەن ھېكمەتلىك سۆز ئۇيغۇرلارئارىسىدا كەڭ تارقالغان.

ئوتنىڭ  ئوت تەسىرىدە پارچىلىنىدىغان ماددىلارنى پارچىلاش، بېرىكىدىغان ماددىلارنى بېرىكتۈرۈش رولى بولسا، كونا شەيئىلەرنى يېڭىلاش خۇسۇسىيىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، بۇ خۇددى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قېتىشچان ماددىلارنىڭ قېتىپ، پارلىنىشچان قىسمىنىڭ پارلىنىپ ھاۋاغا تارقىلىشى قالغان قىسمىنىڭ تۇپراق تەركىبىگە قوشۇلۇشى، بۇنى ئۆسۈملۈكلەر پايدىلىنىپ يېڭى مەھسۇلاتلار ھاسىل قىلىشى بىلەن تاماق ئەتكەندە تاماققا كېتەرلىك خام ئەشيانى بىرىكتۈرۈش ئۈچۈن، ئوتتىن پايدىلىنىپ ئاخىرىدا «تاماق» تىن ئىبارەت مۇرەككەپ شەيئىنى بارلىققا كەلتۈرگەنگە ئوخشاش.

يىغىنچاقلاپ ئىيتقاندا ئوتنىڭ قىزدۇرۇش، جىسىملارنى مىكرو تەركىبلەرگە ئايرىش، ھەم جىسىملارغا مىكرو تەركىبلەرنى سىڭدۈرۈش، پارچىلىنىدىغان ماددىلارنى پارچىلاش، ئېرىتىش، بىرىكىدىغان ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش ئۇنىڭ خېمىيىۋى خۇسۇسىيىتىدىن ئىبارەت بولۇپ، ماددا شەكلىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئوت خۇسۇسىيىتىنىڭ ئەكس ئېتىشىدۇر .

سوغۇقلۇقنى تەڭشەش، ماددىلارغا رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتى بولسا، سۇ ۋە تۇپراق تەبىقىلىرىنىڭ يەرشارىنىڭ ئۆزىنىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىنى ئاساس، قۇياشتىن كەلگەن ئېنىرگىيىلەرنى قوشۇمچە قىلىپ تەڭشەيدۇ. چۈنكى قۇياشتىن كەلگەن ئېنىرگىيە مەجبۇر رادىئاتسىيە شەكلىدە كەلگەن ئېنىرگىيىدۇر. ھەرگىز مۇ يەرشارىدىكى ئوت يۇقىرغا، قۇياشتىكى ئوت تۆۋەنگە ماڭىدۇ دەيدىغان قاراش خاتا قاراشتۇر، چۈنكى يەرشارىغا نىسبەتەن ئىيتقاندا ئوت ھەممە ماددىلارنىڭ ئۈستىدە تۈرىدۇ. قۇياشقا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ھەم شۇنداق. ئۇنىڭ يۆنىلىشى ھاۋا تەبىقىسىنىڭ مۇتلەق يۇقىرسىغا قارىتا بولىدۇ. قۇياش ئېنىرگىيىسىنىڭ يەر شارىغا يېتىپ كېلىشى مەجبۇرىي رادىئاتسىيە ۋە مەجبۇرى ئەۋەتىلىشتۇر. قۇياشتىن شۇنچە يۇقىرى تېزلىك بىلەن چىققان رادىئاتسىيە، چۇقۇمكى ئۇنى قارشى يۆنىلىشتىكى (يۆنىلىش خالىمايدىغان) ئورۇنلارغا يەتكۈزىدۇ. بۇ نۇقتىنى خۇددىي يۇقىردىن سۇغا تاشلانغان بىرتال ياغاچنى مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ.

ياغاچ يۇقىردىن سۇغا تاشلانغاندا مەلۇم ئېغىرلىق كۈچ پوتېنسىئال ئېنىرگىيىسىگە ئىگە بولغانلىقتىن، سۇڭا شۇڭغۇيدۇ، شۇڭغۇپ مەلۇم چوڭقۇرلۇققا بارغاندا ئېغىرلىق كۈچ پوتېنسىئال ئېنىرگىيىسىدىن سۇنىڭ سىقىش كۈچى چوڭ بولۇپ، يەنە ئەسلىگە قايتۇرۇلۇپ سۇ يۈزىدە لەيلەيدۇ .

مانا بۇ قۇياش رادىئاتسىيىسىنىڭ ياكى ئوتنىڭ ھاۋا تەبىقىسىدىن يۇقىرغا ئۆرلىشى بىلەن ئوخشىشىدىغان بىر ھەقىقەتتۇر.

ئوتنىڭ جىسىلارغا رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتى بولسا، يورۇقلۇق (ئوتنىڭ ئالاۋى) يەتتە خىل رەڭلىك نۇرنىڭ ئارلاشمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، جىسىملار ئۆزىگە چۈشكەن يورۇقلۇق تەركىبىدىكى ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ھەم مۇناسىپ بولغان نۇرنى سۈمۈرېۋىلىپ، قايتۇرۋەتكىنى شۇ جىسىمنىڭ رەڭگى بولۇپ كۆرۈلىدۇ، بۇنى ھازىرقى زامان رەڭ سىپىكتر تەلىماتى ۋە پىلانىكنىڭ قاراجىسىم رادىئاتسىيە تەلىماتى تامامەن ئىسپاتلايدۇ.

ئوتنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دېگەن رولى بولسا، ئوتنىڭ يۇقىردا ئېيتىلغان بارلىق خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئوتنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتىغا جەملەنگەن بولۇپ شۇنىڭغا قارىتىلغان.

ئىبىنسىنا «يۈرەك دورىلىرى» ناملىق كىتابىدا «كەيپىيات خۇسۇسىيەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەيدۇ.

ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا ئوت، يەككە جىسىم بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتى قۇرۇق ئىسسىق، رەڭسىز ھەم رەتسىز بولىدۇ . ئۇنىڭ ئورنى ئۇنسۇرلارغا تېگىشلىك ھەممە جىسىملارنىڭ ئۈستىدىدۇر، ئۇنىڭ پەيدا بولىشى كۆپىنكى يۈزىدە، يۇقۇلىشى پېتىنقى يۈزىدە بولىدۇ. ماددى دۇنياغا نىسبەتەن كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە قۇياش نەزەردە تۇتۇلىدۇ، ئادەم بەدىنىدە كۆزدە تۇتۇلغان ئوتنىڭ خۇسۇسىيىتى ماددىي دۇنيادا كۆرسۈتۈلىدىغان ئوتنىڭ خۇسۇسىيىتىگە ئوخشىشىدۇ. بەدەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئوتنىڭ كۆرۈنىشى يوق پەقەت تەسىرىلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بىرخىل مەيدان بولۇپ (ماگنىت مەيدانىغا ئوخشاش)، ئۇنىڭ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلغاندا ئوتنىڭ ئۆزى بىرخىل رادىئاتسىيەدىن ئىبارەت بولۇپ، دولقۇن شەكلىدە ئوت چىقارغۇچى جىسىم ئەتراپىدا بىر يۆنىلىشتە مەيدان شەكلىدە ئۈزلۈكسىز تارقالغان بولىدۇ. ئۇنىڭ يورۇقلۇقى تەركىبىدە يەتتە خىل رەڭلىك نۇر ۋە بىر نەچچە خىل ئېلكتىر ماگنىت دولقۇنى بولىدۇ. ئادەتتە ئوتنىڭ رەڭلىك بولىشى مۇھىتنىڭ تەسىرىدىندۇر، ئۇ تارقاتقان يورۇقلۇق ھەم زەرىچىلىك ھەم دولقۇنلۇق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ ئۇ خىل خۇسۇسىيىتى ئايرىم-ئايرىم تەجرىبىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغاندۇر. ئۇ ماددىلارنى ئېرىتىش، پىشۇرۇش، ۋە تۇپراقنىڭ ئارتۇقچە سوغۇقلۇقىنى پەسەيتىش، ھۆللۈكىنى قۇرۇتۇش، ماددا ھەرىكەت ھالىتىنى تېزلەشتۈرۈش، ھەم ئۇنىڭدىكى قۇرۇقلۇق جىسىملارنىڭ بوش، ئاجىز قىسمىنى پارلاندۇرۇش، ماددىنى چىڭىتىش، باشقا جىسىملارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش، قاتارلىق رولى بولۇپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى سۇ تېزگىنلەيدۇ.

ئوت ئۆزنىڭ ھەرخىل تەسىرلىرى ئارقىلىق بەدەندىكى ھەر قايسى سىستىمىلارغا نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان تەسىرلەرنى بىرىدۇ. تۆۋەندە ئۇلار ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمىز.

ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەزىم قىلش ئەزالىرى ئىغىزدىن تارتىپ مەقەتكىچە بولغان بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىلىگۈچى خادىمى ئەزا بولۇپ ئوت ئۇلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتكە ئىگە، ئوت ئالدىن بىلەن ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش بىلەن تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ يىمەكلىكلەرنى پارچىلاش بەدەنگە كىرەكلىك بولغان ھەرخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەم ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ مىزاجىنى تەڭشەشتە موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى جەھەتتىن چۈشۈنىشىكە بولىدۇ.

①ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش رولى: ئادەم بەدىنىدىكى تىمپىراتۇرىسى ئەڭ يۇقىرى ئەزا يۈرەك ئۇندىن قالسا جىگەر ئۇندىن قالسا ئۆت ئۇندىن قالسا كۆز.....ئەڭ سوغۇق ئەزا سۆڭەك ئۇندىن قالسا ئۇرۇقدان....بولۇپ ئۇلارنىڭ ئۇنداق بولىشى نورمال فىزولوگىيىلىك خىزمىتىگە ماسلاشقانلىقىدىندۇر. ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاساسلىقى ئىغىز بوشلۇقى، تىل، يۇتقۇنچاق، بوغۇز، قىزىل ئۆڭگەچ، جىگەر، ئۆت، ئۆت خالتىسى، ئاشقازان كىرىش ئىغىزى، ئاشقازان، ئاشقازان چىقىش ئىغىزى، 12 بارماق ئۈچەي، ئاشقازان ئاستى بىزى، بوغماق ئۈچەي، سازاڭسىمان ئۆسۈكچە، قارىغۇ ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، Sسىمان ئۈچەي، تۈز ئۈچەي، مەقئەت قاتارلىقلار بولۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان تىمپىراتۇرا ھەرخىل بولىدۇ. بۇ ئورۇنلارنىڭ تىمپىراتۇرىسى ئوتنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق شۇنداق تەڭشىلىدۇ. ئوتنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتىكىنىمىزدەك ماددىلارنى ئىرىتىش، قىزدۇرۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش رولى بولغاچقا ھەزىم ئەزالارنىڭ نورمال تىمپىراتۇرىسى ( خىزمىتىگە ماسلاشقان ئىسسىقلىقى ) ساقلاش ئارقىلق يىمەكلىكلەرنىڭ نورمال ھەزىم بولىشىنى كاپالەتكە ئىگە قلىسا يەنە بىر جەھەتتىن ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ھەزىم قىلىش خەمىرەسى نورمال ئىشلەپ چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ( خەمىرە بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە خىميىلىك ماددا بولۇپ ئۇ تاللاشچانلىققا خاسلىققا ئىگە ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى مەلۇم تىمپىراتۇرا شارائىتى ئاستىدا ئىلىپ بىرىلىدۇ چۈنكى خەمىرەلەرنىڭ ئاساسى تەركىبى زۇلال ‹ئاقسىل› بولغاچقا زۇلال يۇقىرى تىمپىراتۇرادا قىتىشىپ سۈپەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ زۇلالنىڭ سۈپەت ئۆزگەرتىشى قايتىلما جەريان ئەمەس، خەمىرەنىڭ خۇسۇسىيىتى پۈتۈنلەي توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ نەتىجىدە خەمىرەلەرنىڭ نورمال ئەفئالى ‹فىزولوگىيىسى› توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ھەزىم قىلىشقا ئالاقىدار ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ )

ئوتنىڭ خلىتلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ۋە باشقا ئەزالارغا كۆرسەتكەن تەسىرى

خلىتلار بەدەننىڭ ھاياتلىق پائالىيىتىدە ئۆزلىكسىز ئىشلەپ چىقىلىرىلىدىغان ئاساسى سۇيۇقلۇقلاردىن ئىبارەت، بەدەننىڭ ئاساسى فىزولوگىيىلىك ئەھۋالى ۋە كىسەللىنىشى ئۇلاردىن تاشقىرى ئەمەس، ئوتنىڭ يۇقاردا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش تەركىبلەرگە ئايرىش خۇسۇسىيىتى بولغاچقا يىمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇقلار ماسارىقا تومۇرلار ( جىگەردىن ئۈچەيگە تارقلغان سۈمۈرگۈچى ۋىنالار ) ئارقىلىق سۈمۈرلۈپ جىگەرگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئوتنىڭ يۇقىرى خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق پىشىپ يىتىلىپ سان سۈپەتكە لايىق تۆت خىلىت ( سەپرا، سەۋدا، بەلغەم، قان خىلىتلىرى ) ئىشلىنىپ ( سىنتىزلىنىپ ) چىقىدۇ، خلىتلارنىڭ نورمالنى ئىشلىنىشگە ئۆت سۇيۇقلۇقنىڭ تەسىرى ئىسسىقلىقى جىگەرنىڭ ئۆزىدىكى ۋە يۈرەكتىكى ھارارىتى غەرىزىيە ( بەدەننىڭ ئەسلى ئسسقلىقى يەنى ئۇرۇقلانغان تۈخۈم ھاسىل قىلغان ئىسپىرما بىلەن تۇخۇمدىن كەلگەن ئىسسىقلىق ياكى ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا بار بولغان بىرخىل ئىسسقلىققا قارتىلغان بولۇپ بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى غايىپتىن كەلگەن ئىسسقلىق دىگەن بولىدۇ ) نىڭ تەسىرى ئارقىلىق بۇ خىزمەتلەر ئىشلىنىدۇ، ئەگەر ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرىغا بولۇپمۇ جىگەرگە بولغان تەسىرى بىنورمال بولسا ئىشلىنىپ چىققان خىلىتلاردا غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىش بولۇپ ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نورمال ئشلنىپ چققان سان-سۈپەتكەلايقلاشقان خىلتلارنىڭ بىر قسمى زۆرۈربولغان روللارنى (زۆرۈر بولغان روللار ئەزا توقۇلمىلارنى تۈزەش ۋە ئوزوقلاندۇرۇش رولىغاقارتىلغان ) ئۆتەش ئۈچۈن قان ۋە لىمفا ( ھەكىم غۇلام گىلانخان ئوزىنىڭ «مەخزىنول جاۋاھىر» ناملىق ئىزاھلىق لوغىتىدە بەلغەم خىلتىنى لىمفا سۇيۇقلىقى دەپ چۈشەندۈرگەن ) ئايلىنشغا قاتنىشىپ ئۆزنىڭ نورمال فىزولوگىيىلىك خىزمىتىنى ئۆتەيدۇ، زۆرۈر بولمىغان قىسمى ( زۆرۈر بولمىغان قىسمى بولسا سۈپەتكە لايىق لىكىن ئىھتىياجدىن ئاشقان قىسمى بولۇپ مەخسۇس ئورۇنلاردا ساقلىنىدۇ، بەدەن ئىھتىياجلىق بولغان ۋاقىىتتا قان ئايلىنىش لىمفا ئايلىنىش ۋە باشقا ئۆتكۈنچى يوللار ئارقلىق بەدەننىڭ فىزولوگىيىلىك خىزمىتلەرنى بىجىرىدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ ) مەخسۇس ئەزالاردا ساقلنىپ شۇ ئەزا ۋە باشقا ئەزالارنىڭ خىزمىتىگە ماسلاشقان بولىدۇ.

بۇنداق تەركىبلەرگە ئاجرىلىش ۋە بىرىكىش يەنىلا ئوتنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ ئاندىن داۋاملىشىدۇ،

ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيىتقاندا ئوت ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ نورمال خىزمىتىنى ساقلاش ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تەكىبلەرگە ئايرىش يىمەكلىكلەردىن قوبۇل قىنمىغان قىسمىنى ( ھەرخىل ھاياتىنلار، بىر قىسىم تىزابى زۇلالى ‹ئامىنىوكىسلاتلىرى› .....) بەدەندە بىرىكتۈرۈش قاتارلىق ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ھەزىم قىلش ئەزالىرىنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، مانا بۇ ئوتنىڭ ھەزىم قىلىش ئەزالىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن ئبارەت.

قان ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

قان ئايلىشى سېستىمىسى يۈرەك، قىزىل قانتومۇر، كۆك قانتومۇر، قىل قانتومۇر، ۋە قوشۇمچە لىمفا كاناللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يۈرەك، قىزىل قانتومۇر، كۆك قانتومۇر، قىل قانتومۇر، ۋە قوشۇمچە لىمفا كاناللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە قانتومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دەپ ئىككى جەھەتتىن چۈشىنىشكە بولىدۇ.

① ئوتنىڭ يۈرەك، قىزىل قانتومۇر، كۆك قانتومۇر، قىل قانتومۇر، ۋە قوشۇمچە لىمفا كاناللىرىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى:

ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىرىقىدەك تەسىرلىرى ئارقىلىق بىر تەرەپتىن يۈرەكنىڭ نورمال قىسىقىرىش كۈچىنى ساقلىسا يەنە بىر تەرەپتىن قانتومۇر ۋە لىمفا كاناللىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقچانلىقى ۋە ئۆتكۈزۈشچاقلىغىنى نورماللاشتۇرىدۇ، ئۇيغۇر تېبابتىدە يۈرەك بەدەننىڭ قۇياشى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ، قۇياشقا ئوخشاش ئۆزىدىن ئىسسقلىق چىقارالايدىغان يۇلتۇزلار ئالەمنىڭ ئىسسقلىق مەنبىيى بولغانغا ئوخشاش يۈرەكمۇ بەدەننى ئىسسقلىق بىلەن تەمىنلەيدۇ، يۈرەك بەدەندىكى ئەڭ ئىسسىق ئەزا بولۇپ ئىسسىق سوغۇقلۇققا بولغان سەزگۈسى ناھايىتى يۇقىرى،سىرتنىڭ تەسىرى ئىسسىقلىقى بولسۇن ياكى بەدەننىڭ ئىچكى ئىسسىقلىقى بولسۇن يۈرەكتە ناھايىتى تىز ئەكىس ئىتىدۇ. ئىبىنسىنا «ئەلقانۇن فىتتىب» ناملىق ئەسىرىدە يۈرەكنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنى سۆزلەپ «يۈرەكتە ئىسسىقتىن ئىششىق بولسا كىسەللەنگۈچى دەرھال ئۆلىدۇ، سوغۇقتىن ئىششىق بولسىمۇ ساقىيىشى قىيىن ياكى ئۆلىدۇ» دەپ بايان قىلغان مانا بۇ قاراشتىنمۇ يۈرەكنىڭ ئىسسىقلىققا بولغان تەسىرىنىڭ ياكى يۈرەكنىڭ ئىسسىقلىققا قانچىلىك سەزگۈرلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. يۈرەك بەدەندىكى ئەسلى ھارارەتنىڭ مەنبىيى بولۇپ ئۆزىدىكى تەبىئىي ئىسسىقلىق ئارقلىق بەدەننىڭ نورمال فىزولوگىيىلىك پائالىيىتنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئوتنىڭ قانتومۇر ۋە لىمفا كاناللىرىغا بولغان تەسىرى بولسا قانتومۇر لىمفا كاناللىرىدا ئىنتايىن ئۇششاق توشۇكچىلەر (غەلۋىرنىڭ توشىكىسىمان) بولۇپ ئۇئارقىلىق قانتومۇر ۋە توقۇلمىلار ئارسىدا ماددا ئالمىشىپ تۇرىدۇ، ئادەم سوغۇقتا قالغاندا بۇتۇشۇكچىلەر ئىتىلىپ ياكى كىچىكلەپ ماددا ئالمىشىش سۇسلايدۇ،ئەگەر ئىسسىق تەسىر قىلسا توشۇكچىلەر كىڭىيىپ ماددا ئالمىشىش جانلىندۇ. ئەگەر ئوتنىڭ قانتومۇرلارغا بولغان تەسىرى ئاجىزلىسا قانتومۇر بىلەن توقۇلمىلار ئوتتۇرسىدا ماددا ئالمىشىش توسقۇنلىققا ئۇچىراپ ئىمتىلا ‹توسۇلۇپ قىلىش› خارەكتىرلىك ھەرخىل كىسەللىكلەر كىلىپ چىقىدۇ.يەنە بىرتەرەپتىن قانتۇمۇرلارنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ساقلاپ قان بىسىمىنى تەڭشەشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. لىمفا ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىپ لىمفا كاناللىرى ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ بەدەن تەبىئەت كۇچىنى بەرپا قىلىدۇ.

قان تۇمۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارغا بولغان تەسىرى

قان تۇمۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلار بەدەننى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەرخىل تەركىبلەرنى ئۇزئىچىگە ئالغان بولۇپ قانتۇمۇر ئىچىدىكى تەركىبلەر ئوتنىڭ تەسىرى ئارقىلىق ئوزىنىڭ نورمال قىيامىنى ساقلاپ ئەزا ،توقۇلمىلارغا لايىقىدا سۇمۇرلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ،ھەم قانتۇمۇر ئىچىدە بىرقىسىم ماددىلار بىرىكىپ (سىنتىزلىنىپ) زۆرۇر بولغان روللارنى ئوينايدۇ. ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىردا بايان قىلىنغىنىدەك روللىرى بىلەن قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ قان تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق تەركىبلەر ئەزا،توقۇلمىلارنىڭ مىكرۇبۆلەكچىلىلىرىگىچە سىڭدىرىدۇ،ھەم ئەزا توقۇلمىلاردا تۇرۇپ قالغان فەزلات(بۇزۇق ماددىلار ) لارنى ئۆزىنىڭ ئېرىتىش خۇسۇسىيتى ئارقىلىق تازلايدۇ، قان خىلىتىنىڭ تەركىبى قىسىمى بولغان قىزىل قان ھۇجەيلىرىنىڭ كۆپىيىشنى ئىلگىرى سۇرىدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئېيتقاندا ئوت ئۆزىنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيتى ئارقىلىق قان ئايلىنىشنى جانلاندۇرۇپ بەدەندىكى پۇتكۇل ئەزالارنىڭ فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ، مانا بۇ ئوتنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى.

نېرۋا سېستىمىسىغا بولغان مۇناسىۋىتى

نېرۋا سىستىمىسنى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا مەركىزى نېرۋا سىستىىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى دەپ ئىككى تۇرگە بولىندۇ ،مەكىزى نېرۋا سېستىمىسى مىڭە ،يۇلۇنى ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى ،مىڭە ۋە يۇلۇندىن شاخلاپ چىققان نىرۋىلارنى ۋە ئاداشقان نىرۋىلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ .ئوتنىڭ نېرۋا سىستىىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئاساسلىقى ئوت تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۇپىتى بىلەن  ئۇلارنى تۇزىشكە قاتنىشىدۇ ،ھەم مىزاجىنى تەڭشەپ سەزگۇرلىكى ئاشۇرۇپ نورمال فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ،ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل شەرىتلىك ۋە شەرىتسىز رىفلىكىس (قوزغىلىش) لەرنى شەكىللەندۇرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، بەدەندە كېسەللىك ئۆزگىرىشى يۇزبەرگەندە يەرلىك ئورۇندىكى كىسەللىك ماددىسى نېرۋا ئۇچلىرىنى كۇچلۇك غىدىقلاپ ئاغرىش سىزىمى پەيدا قىلىدۇ، روھى نەپسانى ۋە قۇۋىتى نەپسانىنىڭ تەبئىي ھالەتتە ھەرقايسى ئەزا سىستىمىلارغا تولوق يىتىپ بىرىشىغا   كاپالەتلىك قىلىدۇ.  نېرۋاسىستىىمىسىدىكى ھەممە ئەزالارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ ئوت ئۇلانىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ فىزلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ،ھەم بۇ سىستىىمىدىكى ئەزالارنىڭ ئۆزىدىكى ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ نېرۋا سىستىمىسنىڭ نورمال تۇزلىشى ۋە رەئىس ئەزالىق رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم روللارنى ئوتەيدۇ.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيىتقاندا ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىرقىدەك تەسىرلىرى ئارقىلىق نېرۋا سسىتىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ.

نەپەسلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

نەپەس سىستىمىىسىغا تەئەللۇق ياكى نەپەس ئىلىش خىزمىتىگە ماسلاشقان ئەزالار:بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كىكىردەك،كاناي، كانايچە،ئۆپكە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئوت ئاساسلىقى ئۇلارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ ئۇلار ئوتتۇرسىدا ماددا ئالمىشىش پائالىيتىنى نورماللاشتۇرىدۇ،ئۆپكە پۇۋەكچىللىرىدىكى ھاۋا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۇرۇپ ساپ ھاۋانىڭ قان تەركىبىگە تولۇق سۇمۇرلىشىگە،رۇھ، قۇۋەتلەرنىڭ تولۇق پەيدا پەيدا بولشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، كاناي،كانايچىلار بۇرۇن شىللىق پەردىللىرىنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ئاجىرلىشنى تىزلىتىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سۇيدۈك ئاجىرتىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

سۇيدۇك ئاجىرتىپ چىقىرىش سېستىمىسى:بورەك،سۇيدۇك نەيچىسى ،سۇيدۇكلۇك‹دوۋساق›،سۇيدۇك يولىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ھەممىسىنىڭ تەبئىي مىزاجى سوغۇق.ئوت ئۇلارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ،بۆرەكنىڭ سۇزۇش ئىقتىدارىنى كۇچەيتىپ بۆرەك شارچىللىرىنىڭ تىرەڭلىكىنى ساقلايدۇ،دوۋساقنىڭ نورمال ھەجىمىنى ساقلاپ بوشۇشۇپ كىتىش، تۆۋەنلەپ كىتىش،زەئىپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

سۇيدۇك نەيچىسى، سۇيدۇك يولىنىڭ نورمال ھەجىمىنى ساقلاپ ئۇلارنىڭ نورمال فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئىچكى ئاجراتما بەز سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ئىچكى ئاجراتما بەز سېستىمىسى ئاساسلىقى، ھىپوفىز بىزى، قالقانسىمان بەز، تۆش بىزى،ئاشقازان ئاستى بىزى، بۆرەك ئۇستى بىزى، جىنسى بەزلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ بەدەننىڭ نورمال فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئوت ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئومومىي بەدەن تىمپىراتۇرسىدىن توۋەنرەك موھىتنى تەلەپ قىلغاچقا ئوتنىڭ ئارتۇقچە تەسىرى ئۇلاردا ھەرخىل كىسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ شۇڭا ئوتنىڭ ئارتۇق تەسىرى ئۇلاغا سەلبى تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.

كۆپىيىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

كۆپىيىش سېستىمىسىغا تەۋە ئەزالار ئەرلىك كۆپىيىش ئەزالىرى ۋە ئاياللىق كۆپىيىش ئەزالىرى دەپ ئىككى تۇرگە بۆلىندۇ،ئۇلارغا ئوتنىڭ تەسىرى بولسا تاناسىل ئەزالارنىڭ مىزاجىنى تەڭشەپ، كۆپىيىشنىڭ نورمال ئىلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ،ھەم ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ نورمال ساقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇق بولۇپ تىمپىراتۇرسى نورمال بەدەن تىمپىراتۇرسىدىن تۆۋەن بولىدۇ،بۇ ئۇنىڭ خىزمىتىگە ۋە ئىسپىرمىنىڭ نورمال ساقلىنىشىغا ماسلاشقان.

ئومۇملاشتۇرۇپ ئىيتقاندا ئوت ئۆزىنىڭ يۇقىرقىدەك تەسىرلىرى ئارقىلىق كۆپىيىش سېستىمىسىنىڭ فىزلوگىيلىك خىزمىتىنى تەرتىپكە سالىدۇ.

ئوتنىڭ ھەرىكەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەرىكەت سېستمسى سۆڭەك،بوغوم،ۋە مۇسكۇللاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ ئوتنىڭ ئۇلارغابولغان تەسىرى ئاساسلىقى بىرتەرەپتىن ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلكنى تىرەڭلكنى ساقلىسا يەنەبىرتەرەپتىن مۇسكۇل ۋە سۆڭەكنىڭ تۈزلىشگەكىرەكلىك بولغان موھىم ماددىلارنىڭ بەدەندەبىركشگەموھىم تەسىرلەرنى كۆرستىدۇ مەسىلەن:ھاياتىن ‹د›نىڭ بەدەندەبىرىكىشى ئوت بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ،

يىلىك ماددىسنى جانلاندۇرۇپ بەدەنىڭ تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىدۇ

ئوموملاشتۇرۇپ ئوت ئۆزىنىڭ قۇرۇق ئىسسىق كەيپىياتى بىلەن ھەم شالاڭلىق، رەتسىزلىك، قىزدۇرۇش، ئوت تەسىرىدە پارچىلندىغان ماددىلارنى پارچىلاش ياكى بىرىكتۇرۇش جىسىملارنى مىكرۇبۆلەكلەرگە سىڭدۈرۈش ،سۇ،تۇپراقنىڭ سوغۇقلىقى سۇ ھاۋانىڭ ھولىكىنى تەڭشەش جىسىملارغا رەڭ بىرىش قاتارلىق بارىلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلىق ئادەم بەدىننىڭ فىزۇلوگىيلىك خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ماددا ئالمىشىشنىڭ جانلىق ئېلىپ بىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بىلىمنۇر ساغلاملىق تورى:ئوت 

http://www.bilimnur.com/?p=1043

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#