ئەشمە يېزىسى

ئەشمە يېزىسى
ئەشمە يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى نىڭ بۈگۈر ناھىيەسى گە قاراشلىق يېزا، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىگە 78 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، دائىرىسى جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، شەرقىي كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 98 كىلومېتىر كېلىدۇ، غەرب تەرىپى قوشنا يېزا چېدىر يېزىسى دىن 17 كىلومېتىر يىراقلىقتا، 314-دۆلەت يولى پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. 


ئۇيغۇرچە نامى ئەشمە يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 3267
خەنزۇچە ئاتىلىشى 野云沟乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى
كىلىماتى قۇرۇقلۇق كىلىماتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەشمە يېزىسىئەشمە يېزىسى تەۋەسىدە ئەشمە كەنتى، تاللىق كەنتى، ئاقتام كەنتى قاتارلىق ئۈچ كەنت ئاھالە كومىتېتى، سەككىز كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، 902 ئائىلە، 3267 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %99.8 نى ئىگىلەيدۇ. يېزىدا ئورگان كادىرلىرى 17 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدە بۆلۈم دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلار يەتتە نەپەر، ئادەتتىكى كادىر 10 نەپەر. يېزا بويىچە بەش پارتىيە ياچېيكىسى، 94 نەپەر پارتىيە ئەزاسى، 203 نەپەر ئىتتىپاق ئەزاسى بار. بىر مەكتەپ بۇلۇپ، جەمئىي ئوقۇتقۇچى 60 نەپەر، 531 نەپەر ئوقۇغۇچى بار. يېزىلىق پونكىت ـ ئورۇنلارنى جەمئىي 12 گە يەتكەن. 

ئەشمە يېزىسىيېزا بويىچە ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 13 مىڭ مو، ئۆزلەشتۈرۈلمىگەن بوز يەر 35مىڭ مو، پۈتۈن يېزا تەبىئىي ئوتلاق كۆلىمى 20 مىڭ مو. يېزا كىلىماتى تىپىك قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا كىرىدۇ، قۇرغاق، يامغۇر ئاز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىشى كۈچلۈك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 44-45 مىللىمېتىر، 8-ئايلارغا كۆپ مەركەزلەشكەن؛ ئىسسىقلىق بايلىقى ئىنتايىن مول، ئاشلىق زىرائەتلىرى، كېۋەز، مېۋىلىك دەرەخ، دەل-دەرەخ قاتارلىقلار ئۆسىدۇ. 

يېزا تەۋەسىدە ئاساسلىق قېزىلما بايلىقلار گەج، قوغۇشۇن-سىنك كانى، پىرىت قاتارلىقلار، بۇ 3 كان بايلىقى زاپىسى ئىنتايىن مول. 

ئەشمە يېزىسىشىنجاڭ كورلا بۈگۈر ناھىيەسى ئەشمە يېزىسى ۋە چېدىر يېزىسى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى ئۇرلى شەھىرى تۇرۇشلۇق جاي بولغان، ئەينى چاغدىكى غەربىي يۇرتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار مەركىزى. ئۇرلى شەھىرى خارابىسى ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەن. ئەشمە يېزىسىدا ئىككى ئورۇندا قەدىمىي شەھەر خارابىسى بار، بىرىنچىسى، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بىر كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى چاسا شەكىللىك كىچىك شەھەر، ئېقىن سۇنىڭ يالىشى تەسىرىدىن، شەھەر سېپىلىنىڭ پەقەت 1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى سوقما سېپىلى ساقلىنىپ قالغان، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 100 مېتىر، شەھەر ئىچىدە كۆكۈچ كۈل رەڭ ساپال پارچىلىرى تارقالغان. يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ شەرقىگە 10كىلومېتىر كېلىدىغان تاشيولىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە يەنە بىر  قەدىمىي شەھەر خارابىسى جايلاشقان، شۇ جايدىكى كىشىلەر ئۇنى «ئاق دۆڭ» دەپ ئاتايدۇ، سېپىل ئىزلىرى، ئېتىز قىرلىرى ۋە ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئۈچ مېتىر كېلىدىغان توپا دۆۋىسى بار، بۇ توپا دۆۋىسى تونىل تۇرى بولۇشى مۇمكىن.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#