ھەرخىل سەۋەبلەردىن قان تومۇر ئىچىدىكى قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا بېرىدىغان بېسىمى يۇقىرىلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، يەڭگىل بولغاندا روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان، ئېغىرلاشقاندا مېڭە، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ مۇناسىپ ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان
بەزى كىشىلەردە ساپساق تۇرۇپمۇ يول يۈرگەندە بولۇپمۇ بىر ئورۇندا مەلۇم ۋاقىت ئولتۇرۇپ دەرھال ئورۇندىن قوپقاندا، ئۇشتۇمتۇت بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلىشىدۇ. ئېغىرراق بولغاندا يىقىلىپ چۈشىدۇ.كۆپىنچە قان ئازلىق كېسىلى، قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىش، ئۇزۇن مۇددەت قەۋزىيەت بولۇشقا ئوخشاش كېسەللىكلەردە كۆرۈلىدۇ.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 20-كۈنى يوللانغان
بۇ كېسەللىك، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەردە قان بېسىمى يۇقىرىلىق، قان تەركىبىدىكى ماي ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىقى نورمال مىقداردىن ئېشىپ كېتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان داۋاملىق باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇ قېچىش، كۆز تورلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 24-كۈنى يوللانغان
بۇ كېسەللىك، مەنىينىڭ كۆپلۈكى، مەنىينىڭ تېزلىكى، مەنىي خالتىسىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بۆرەك ئاجىزلىقى ۋە مەنىي كانالچىلىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ شەھۋانىي خىيال قىلىش، رەسىم ياكى سىنئالغۇ كۆرۈش، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بوشاڭ، غەيرەتسىز، ماغدۇرسىز، پەرىشان بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 26-كۈنى يوللانغان
قان ئازلىق دېگىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، ئەڭ تۆۋەن دائىرىسىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك .
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى يوللانغان