قان ئازلىق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قان ئازلىق ()
  2. قان ئازلىق (كېسەللىك )

قان ئازلىق

قان ئازلىق

قان ئازلىق دېگىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ئەتراپىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى، ئەڭ تۆۋەن دائىرىسىدىنمۇ تۆۋەنلەپ كېتىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك  .

غەرب تېبابىتى نامى قان ئازلىق
كېسەللىك سەۋەبى بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يىلىكنىڭ قان ئىشلىشى ناچار بولۇش ياكى قاناش
تەۋە بۆلۈم قان ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمى
ئىنگلىزچە نامى anemia
ئاساسلىق ئالامىتى ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، باش ئاغرىش، تېرە تارتىشىش
خەنزۇچە نامى 贫血
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قان ئازلىقھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بىر قىسىم كېسەللىكلەرگە ئەگىشىپ كېلىدىغان، ئەگەشمە كېسەللىكتىن ئىبارەت. قان ئازلىق كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ ؛ قان ئىشلەشكە قاتنىشىدىغان ماددىلارنىڭ يېتىشمەسلىكىدىن بولغان قان ئازلىق، قان ئشلىگۇچى ئەزالار خىزمىتىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن بولغان قان ئازلىق، قان يۇقۇتۇش خاراكتېرلىك قان ئازلىق، قان ئېرىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق دېگەن تۈرلەرگە بۇلىنىدۇ. ھۈجەيرە شەكلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن؛ كىچىك ھۈجەيرە تۆۋەن پىگمېنتلىق قان ئازلىق، نورمال ھۈجەيرە تىپلىق قان ئازلىق، چوڭ ھۈجەيرە تىپلىق قان ئازلىق دەپ ئۇچ تۈرگە بۇلىنىدۇ. 

سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يىلىكنىڭ قان ئىشلىشى ناچار بولۇش ياكى قاناش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: ئومۇمىي بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، باش ئاغرىش، تېرە تارتىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

  • غەيرى تەبىئىي سەۋدا ماددىسىنىڭ يىلىككە تەسىر قىلىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
  • فىزىكا – خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ( دولقۇن رادىياتسىيەسى، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى كوپ ئىشلىتىش.)
  • بىر قىسىم يۇقۇملىنىشلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.   ( ئاق قان كېسەللىكى، كېزىك جاراسىمى بىلەن يۇقۇملىنىش، لىمفا ئۆسمىسى، سۇزۇلما بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار )
  • سۇزۇلما ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش.( ئاشقازان، ئۈچەي ياللۇغى، سۇزۇلما ئىچ سۇرۇش، ئاشقازان راكى قاتارلىقلار.)
  • بەدەندە تومۇر ماددىسىنىڭ زىيادە سەرپ بۇلىشى. يەنى يوشۇرۇن قاناش، ئادەت كوپ كېلىش، ئاشقازان – ئۈچەي تېشىلىش، سۇزۇلما مەددە قۇرۇت كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىش قاتارلىقلار.
  •  ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە يىلىكنىڭ ئۇزىدىكى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. يەنى يىلىك ئوسمىسى، لىمفا تورسىمان ئوسمىسى، ئاق قان كېسەللىكى قاتارلىقلار. [0]

كىلىنىكىلىق ئىپادىسى

قان ئازلىقكىلىنىكىلىق ئالامىتى تەدرىجىي پەيدا بولۇپ. ئاستا-ئاستا ئېغىرلىشىدۇ. بۇنى بىمارلار ھېس قىلالمايدۇ، يەڭگىل دەرىجىدە تىرىلەر قۇرغاقلىشىش، تىرە شىللىق پەردىلەر تاتىرىش، ئاسان چارچاش، ماغدۇرسىزلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىش، قۇلاق غوڭۇلداش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار بۇلۇش بىلەن بىرگە يۈرەك چالاڭغۇراش، نەپەس تىزلىشىش، قاتارلىقلارمۇ كۆرىلىدۇ. ئېغىر بولغۇچىلاردا قان بېسىمى تۆۋەنلەش، سۈيدۈك مىقدارىدا ئۆزگىرىش بۇلۇش، ئاقسىل سىيىش، بەل ئاغرىش، جىگەر لىمفا تۇگۇنچىللىرى چوڭىيىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

دىياگنوز قۇيۇش:

1) كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ.

2) تىپىك بولغان قان ئازلىق ئىپادىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ.

3) لابوراتورىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن دىياگنوز قۇيىلىدۇ.

سېلىشتۇرما دىياگنوزى:

1) كېمىيىش خاراكتېرلىك سوسۇن داغدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2) ئاق قان كېسەللىكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. [0]

1-رېتسېپ

تەركىبى: ئاچچىق ئانار سۈيى 500 گىرام، تاتلىق ئانار سۈيى بىر كىلوگرام، شېكەر ئۈچ كىلوگرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى قاينىتىپ قىيام قىلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا 10 ~ 50 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا ئازايتىلىدۇ) .

2-رېتسېپ

تەركىبى: پىلپىل، قارىمۇچ، دارچىن، ئامىلە مۇقەششەر، بەلىلە پوستى، شاترەنج ھىندى، يۇمىلاق زىراۋەندە، سۆئلەپ، چىلغوزا، بابۇنە يىلتىزى، نارجىل، شاقاقۇل 10 گىرامدىن، بابۇنە ئۇرۇقى بەش گىرام، كىشمىش ئۈزۈم 30 گىرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

3-رېتسېپ

قان ئازلىقتەركىبى: قارا ھېلىلە، بەلىلە، يۇلغۇن مېۋىسى، زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن تۆمۈر پوقى، سۇمبۇل، كۇندۇر، ئىزخىر، سۆئدى كۇپى، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، جۇۋىنە تەڭ نىسبەتتە، ئامىلە سۈيى، ھەسەل مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئامىلە سۈيى بىلەن ھەسەلنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيام قىلىپ، دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

  • كېسەللىك سەۋەبچىسىنى يۇقۇتۇش. خىلىت تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا شۇ خىل خىلىتقا قارىتا داۋالاش.
  • ھەزىم ئەزا لىرىدىكى كېسەللىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا ئەسلى كېسەللىكىنى داۋالاش. ھەزىم خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلارنى تاللاپ ئىشلىتىش.
  • ئوزۇقلۇق بىلەن داۋالاشتا مېۋە – چىۋە، سۈت، قايماق، ھايۋاناتلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرى (جىگەر، بۆرەك) قاتارلىقلارنى بېرىش.
  • تومۇر تۇلۇقلاش مەقسەتتە پولات، تومۇر، ئالتۇن قاتارلىقلارنىڭ داغمال سۈيىنى ئىچكۈزۈش، چىلان، قان تېپەر قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش
  • قان كۆپەيتكۈچى، بەدەننى قۇۋەتلىگۇچى دورىلاردىن مادىتىل ھايات، نارپىننە شەربىتى، ئانار شەربىتى، خېمىرى مەرۋايىت، مەجۈنى خۇپسۇلھدىيىت، داۋايى مىشكى، داۋايى تەرەنجىبىن، قىزىل ئۈزۈم سۈيى قاتارلىقلارنى بېرىش.
  • قاننى تەكشۈرگەندە قان تەركىبىدىكى ھىموگلوبىن مىقدارى 60 گىرامدىن تۆۋەن بولسا دەرھال قان بېرىش كېرەك.
  • دىققەت قىلىدىغان ئىشلار؛
  • 1) دورا ئىشلەتكەندە قان ئازلىق دەرىجىسى ۋە تىپىنى ئېنىق ئايرىش لازىم.    
  • 2) ئارام ئالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەردىن ساقلاش كېرەك.
  • 3) قاناش ۋە يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا ئۇنى ئاكتىپلىق بىلەن داۋالاش. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببىى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=105

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

3 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    66.7%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#