ئېگىزتۆپە يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېگىزتۆپە يېزىسىئېگىزتۆپە يېزىسى بۇرچىن ناھىيەسى نىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، شەرق تەرىپى بۇرچىن دەرياسىغا تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمال قىسمى چوڭقۇر بازىرى بىلەن قوشنا، غەربىي جەنۇب قىسمى ئويماق يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 33 كىلومېتىر. بىر چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىقنى بىرلەشتۈرگەن يېزا. پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1100 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 1124 ئائىلە، 5116 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت %82 نى، قازاقلار %71.8 نى ئىگىلەيدۇ. قارىمىقىدا توققۇز مەمۇرىي كەنت بار، بۇنىڭ ئىچىدە 6 دېھقانچىلىق كەنتى، ئۈچ چارۋىچىلىق كەنتى بار. يېزا بويىچە ئوتلاق كۆلىمى 947900 مو، سۈنئىي ئوتلاق كۆلىمى 10 مىڭ 900 مو، تېرىلغۇ يەر 25350 مو، تېرىقچىلىقتا ئاساسلىقى گازىر تاۋۇزى، مايلىق ئاپتاپپەرەس، قوناق، سېرىق پۇرچاق مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، باقمىچىلىقتا ئاساسلىقى كالا، قوي، ئات ئاساس قىلىنىدۇ.
ئېگىزتۆپە يېزىسى 2004-يىلى تۇياق چارۋا ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 88480 تۇياق بۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشقان؛ يىل ئاخىرىدىكى سانى 53121 تۇياق(دانە)؛ ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلاتى 2126.2 توننا؛ ئىجتىمائىي ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 19687100 يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %12.3 ئاشقان. دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 3292 يۈەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.