بەيچۈەن بازىرى
بەيچۈەن بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شىخۇ شەھىرى گە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بەيچۈەن بازىرىبەيچۈەن بازىرى شىخۇ شەھەر رايونىنىڭ غەربىدىكى 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. بەيچۈەن بازىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، قاتنىشى قولاي، ياۋروپا-ئاسىيا تۆمۈر يولى، 312-دۆلەت يولى ۋە كۇيتۇن-سايرام يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيولى ئۇنىڭ چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، بازار رايونىدا ياۋروپا-ئاسىيا تۆمۈر يولى 3-دەرىجىلىك يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بېكىتى تەسىس قىلىنغان.
پۈتۈن بازارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 213 كۋادرات كىلومېتىر.
بەيچۈەن بازىرى2007-يىلى بازار بويىچە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 8842.11 مىليون يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 6519.39 مىليون يۈەن، چارۋىچىلىق مەھسۇلات قىممىتى 745.36 مىليون يۈەن، باشقا مەھسۇلات قىممىتى 1577.36 مىليون يۈەن بولغان، بازاردىكىلەرنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 5872.6 يۈەنگە يەتكەن.
بازار رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 3 كىلومېتىر كېلىدىغان يەردە «9 بۇلاق»، «لاما جىلغىسى» قاتارلىق ئىككى ئورۇندىكى سۇلۇق يەر بار، سۇ بايلىقى مول، مۇھىت ئادەمنى مەستخۇش قىلىدۇ، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قىلىپ ئېچىش قىممىتى بار.
مەشھۇر ئاسار-ئەتىقىلەردىن: بازارغا قاراشلىق بولغان قارىياغاچ كەنتىدە بىرنەچچە تۈپ 100 يىلدىن ئاشقان قارىياغاچ بار؛ تۆگلىك مودۇن مەھەللىسىدە شەھەر دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان قەدىمكى قەبرىستانلىق بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.