ئۇكرائىنا

ئۇكرائىنا

ئۇكرائىنا (ئۇكرائىن تىلى: УКРАЇНА) ياۋروپانىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى رۇسىيە، جەنۇبتا قارا دېڭىز، شىمالىي تەرىپى بېلارۇسىيە بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى بولان، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە، رۇمىنىيە ۋە مولدوۋا دۆلەتلەرگە تۇتىشىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئۇكرائىنا
قىتئە تەۋەلىكى ياۋروپا قىتئەسى
پايتەختى كىيېۋ
سىياسى تۈزۈلمىسى يېرىم زۇڭتۇڭلۇق جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
نوپۇس زىچلىقى 77 ئادەم / كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 乌克兰
ۋاقىت رايونى UTC+2
دۆلەت تىلى ئۇكرائىن تىلى
نوپۇسى 45 مىليون 550 مىڭ ئادەم (2016-يىلى 7-ئاي)
يەر مەيدانى 603 مىليون 700 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر (قىرىمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئۇكرائىنائۇكرائىنا (ئۇكرائىن تىلى: УКРАЇНА) ياۋروپانىڭ شەرقى قىسمىغا جايلاشقان. شەرقىي تەرىپى رۇسىيە، جەنۇبتا قارا دېڭىز، شىمالىي تەرىپى بېلارۇسىيە بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى بولان، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە، رۇمىنىيە ۋە مولدوۋا دۆلەتلەرگە تۇتىشىدۇ. ئۇكرائىنا جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى (م د ب) نىڭ، بولۇپمۇ بىلەن رۇسىيەنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي كېسىشىش نۇقتىسى. 

ئۇكرائىنا دۇنيادىكى مۇھىم شەھەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيادىكى 3-چوڭ ئاشلىق ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەت، شۇنداقلا كاپىتالىستىك دۆلەت. «ياۋروپانىڭ ئاشلىق ئامبىرى» دېگەن نامى بار. ئوكرائىنا سانائەت، يېزا ئىگىلىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %20 بولىدۇ. سانائىتىدە ئېغىر سانائەت ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن.

ئۇكرائىنائۇكرائىنا جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم، تەبىئىي شارائىتى ياخشى، تارىختا ئىستراتېگىيەلىك ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولغان. ئۇكرائىنا يېقىنقى زاماندىكى رۇسىيەدە كاپىتالىزم ئەڭ بالدۇر تەرەققىي قىلغان رايونلارنىڭ بىرى.  ئۇكرائىنا مىللىتى قەدىمكى رۇس مىللىتىنىڭ تارمىقى.

9-ئەسىردە، ئۇكرائىنا تارىخىدىكى كىيېۋسكايارۇس، شەرقىي سلاۋيانلارنىڭ دۆلىتى بىر مەھەل ئىنتايىن قۇدرەت تاپقان بولۇپ، تاكى 12-ئەسىرگىچە بۆلۈنىدۇ.14 -ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ئۇكرائىنا قىپچاق خانلىقى، پولەك پادىشاھلىقى ۋە لېتۋانىيە كىنەزلىكى تەرپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان. چوڭ شىمال ئۇرۇشى (1700-1721-يىلى) كېيىن، ئۇكرائىنا باشقا كۈچلەر تەرىپىدىن بۆلىشىۋېلىندى. 19-ئەسىردە، ئۇكرائىنانىڭ كۆپ قىسىمى رۇسىيە ئىمپېرىيەسى قالغان قىسمى ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى تېررىتورىيەسىگە مەنسۇپ بولىدۇ. 1-دۇنيا ئۇرۇشى ۋە رۇسىيە ئىنقىلاۋى قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە، ئۇكرائىنا ئىلگىرى مۇستەقىل ياشايدىغان ئۇششاق ئىشلەپچىقارغۇچىلار قىسقا بولغان. ئۇكرائىنا ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1922-يىلى سوۋىت ئىتتىپاقى قۇرغۇچى ئەزا رېسپۇبلېكىلاردىن بىرى بولۇپ، كېيىن رۇسىيە ئىككىنچى چوڭ جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991–يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغان كېيىن، ئۇكرائىنا قايتا مۇستەقىل بولغان.

ئورنى

ئۇكرائىنائۇكرائىنا ياۋروپانىڭ شەرقىي قىسمى، قارا دېڭىز، ئازوۋ دېڭىزى شىمال تەرىپىگە جايلاشقان. شىمالدا بېلارۇسىيە، شەرقىي شىمالدا رۇسىيە، غەربىي تەرىپى پولشا، سلوۋاكىيە، ۋېنگرىيە، جەنۇبىي رۇمىنىيە، مولدوۋا بىلەن چېگرالىنىدۇ. دۆلەت زېمىن كۆلىمى 603 مىڭ 700 كۋادرات كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى 1300 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 900 كىلومېتىر.

يەر شەكلى

ئۇكرائىنائۇكرائىنانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكى. غەربىي كەرپات تاغ تىزمىسى بولغان گېۋېرلا تېغى دېڭىز يۈزىدىن 2061 مېتىر ئېگىز، ئەڭ ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي قىسمىدا قىرىم تاغ تىزمىسى لومايىكىش تېغى. شەرقىي شىمالى جۇڭگو رۇسىيە ئېگىز يەرلىرىنىڭ بىر قىسمى، شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا دونېتس تېغى، يېقىن ئەتراپىدا ئېدىرلىق ۋە ئازوۋ دېڭىزى بار.

سۇ رايى

ئۇكرائىنائۇكرائىنا تەۋەسىدىكى 100 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دەريالار 116 تارماق ئېقىن بولۇپ  ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى دنېپر دەرياسى، ئۇكرائىنا دەرياسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 810 كىلومېتىر. باشقا يەنە جەنۇبىي بوگ دەرياسى، دنېستر دەرياسى، شىمالىي دونېتس دەرياسى، پرۇت دەرياسى، دوناي دەرياسى (دەريا ئېغىز قىسىمى) قاتارلىقلار بار.

ئۇكرائىنا تەۋەسىدە، 3000 دىن كۆپرەك تەبىئىي كۆل بار، ئاساسلىقى ساسېك كۆلى، ئىسسىق كۆل، كاگۇر كۆلى ۋە ئالىبېيى كۆلى قاتارلىقلار بار.

كىلماتى

ئۇكرائىنائۇكرائىنا كىلماتى ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىللىق نەم ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، كۆپ قىسىم رايونلار مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمى سۇبتروپىك بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃7.4-، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃19.6. يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى شەرقىي جەنۇبىي قىسمى 300 مىللىمېتىر، غەربىي شىمال قىسمى 700 ~ 600 مىللىمېتىر، 6-7-ئايلارغا كۆپ مەركەزلەشكەن.

ئۇكرائىنا ئاھالىسى 45 مىليون 550 مىڭ ئادەم، (2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى). جەمئىي 130 دىن ئارتۇق مىللەت بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇكرائىن % 77 نى، رۇسلار %20نى ئىگىلەيدۇ، قالغانلىرى بېلورۇسلار، يەھۇدى، تاتارلار، مولداۋىيانلار، كوپبرنىك پولشالىق، ۋېنگرلەر، رۇمىنلار، گرېكلەر، نېمىسلار، بۇلغارلار دېگەنگە ئوخشاشلاردىن ئىبارەت. ھۆكۈمەت تىلى ئۇكرائىن تىلى، ھەممىباب ئوكرائىن تىلى ۋە رۇس تىلى. ئاساسلىق ئاھالىسى پراۋوسلاۋىيە دىنى ۋە رىم دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 

دۆلەت بايرىقى

ئۇكرائىنائۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىقى ئۇزۇنچاق چاسا شەكىللىك، يۇقىرىدىن كۆك ئاستىدا سېرىق ئىككى دانە پاراللېل توغرا تىك تۆت بۇلۇڭدىن تەشكىل قىلىنغان، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكىنىڭ نىسبىتى 2 : 3. ئۇكرائىنا ئىلگىرى يەنى 1917-يىلى ئۇكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى بۇلۇپ  قۇرۇلغان.

1922-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۇنجى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتىگە ئايلانغان. 1952-يىلدىن باشلاپ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بايرىقى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بەش يۇلتۇز ۋە ئورغاق، بولقا نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن قىزىل بايراق، بايراقنىڭ ئاستى ئەتراپىغا كۆك رەڭلىك بولغان بايراق قوللىنىلغان.

1991-يىلى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

1992-يىلى ئۇكرائىنا مۇستەقىل ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىدىكى كۆك، سېرىق رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىپ بېكىتكەن. 

دۆلەت گېربى

ئۇكرائىنائۇكرائىنانىڭ دۆلەت گېربى قالقان شەكىللىك بولۇپ، كۆك قالقانغا ئالتۇن رەڭلىك ئۈچ ئۇچلۇق نەيزە دۆلەت گېربىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، ئۇ ۋىلادىمىر كىنەزى دېگەن دەۋرىدە كيېۋ دۆلىتىنىڭ بەلگىسى ئۇكرائىنا مىللەتلەر ئۇزاق تارىخ ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئىزچىللىقىنى سىمۋولى، شۇنداقلا ئۇكرائىنانىڭ ئىدىيەۋى جەھەتتىكى گۈللىنىشى ۋە مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ بەلگىسى. 

ئۇكرائىنائۇكرائىنا دۆلەت زېمىنى كۆلىمىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمى قاراتوپىلىق يەر، دۇنيا قارا تۇپراق ئومۇمىي مىقدارىنىڭ 1/ 4 نى ئىگىلەيدۇ. ئورمان بايلىقى بىر قەدەر مول بولۇپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %43، ئۈچ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بەلۋىغى بار، يەنى: ئورمان سازلىق بەلبېغى، ئورمان يايلاق بەلبېغى ۋە يايلاق بەلبېغىغا بۆلۈنىدۇ.

ئۇكرائىنادا قېزىشقا بولىدىغان ئېنىقلانغان كاندىن 80 نەچچە خىلى بار، ئاساسلىقى كۆمۈر، تۆمۈر، مانگان، نىكېل (Ni)، تىتان، سىماب (Hg)، گرافىت، ئوتقا چىداملىق توپا، تاش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار بار، بۇ كان مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 7000 دىن ئارتۇق رايونلىرىغا تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 4000 دىن ئارتۇق رايونى ئېچىلغان. 

ئۇكرائىنادا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان 275 يۈز مىليون توننا تۆمۈر رۇدىسى زاپىسى بار؛ مانگان رۇدىسىنىڭ زاپاس مىقدارى ئىككى مىليارد 100 مىليون توننا، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ؛ كۆمۈر، بوياق ماتېرىياللىرى، رۇدا، ساپال يەر موم ۋە گرافىتنىڭ زاپاس مىقدارى بىر قەدەر مول. ئۇكرائىنا نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقى نىسپىي كەمچىل. ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى كېرەكلىك نېفىتنىڭ %90 ى ئىمپورت قىلىنىدۇ. ئۇكرائىنا ئەڭ چوڭ كۆمۈر كانى 1090 يۈز مىليون توننا كۆمۈر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى. 

ئۇكرائىنا2012-يىلى، ئۇكرائىنا ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش خارەكتېرلىك ئېشىپ، ماكرو ئىگىلىك ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، ئىقتىسادىي ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى ئازراق ئۆسكەن، لېكىن ھۆكۈمەت مالىيە قىيىنچىلىقى ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشى چوڭ ئەمەس. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مالىيە، پۇل مۇئامىلە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، مالىيە قىزىل رەقىمىنى يەنىمۇ ئازايتقان. سانائەت، يېزا ئىگىلىك ۋە قاتناش ترانسپورت قاتارلىق يېتەكچى كەسىپ بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاساسىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرغان، يېزا ئىگىلىكىدە يەنە مول ھوسۇل ئېلىنغان. دۆلەت قەرزنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى چەكلەنگەچكە، چەت ئەلنىڭ بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى كۆپەيگەن، تاشقى سودا ۋە سودا پاسسىپ بالانىسى قوش كۆپەيگەن. 

ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي كىرىمىنى ئاشۇرۇلغان بۇلۇپ، 2012 ـ يىلىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك بولغان. 

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى: 1678.665 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى.

كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى: 3685 ئامېرىكا دوللىرى.

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى: %0.2.

ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 1534.67 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.6 ئاشقان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#