ۋېنگرىيە

ۋېنگرىيە ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ۋېنگرىيەنىڭ شەرقىي تەرىپى رۇمىنىيە، ئۇكرائىنا، جەنۇبتا سلوۋېنىيە، كرودىيە، سېربىيە، غەرب تەرىپى ئاۋسترىيە، شىمالدا سىلوۋاكىيە بىلەن قوشنا، چېگرا لىنىيىسى ئۇزۇنلۇقى 2246 كىلومېتىر. پايتەختى بۇداپېشت

ئۇيغۇرچە نامى ۋېنگرىيە
قىتئە تەۋەلىكى ياۋرۇپا
پايتەختى بۇداپېشت
سىياسى تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى
يەر مەيدانى 93 مىڭ 30 كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 匈牙利
ۋاقىت رايونى UTC+1
دۆلەت تىلى ۋېنگرىيە تىلى
نوپۇسى 9 مىليون 942 مىڭ (2012)
چەتئەلچە نامى Hungary

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋېنگرىيەۋېنگرىيە ياۋروپا ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، دۇناي دەرياسى تىنما تۈزلەڭلىك، بىر تەرىپى تاغقا، بىر تەرىپى دەرياغا يانداش، غەربىي قىسمى ئالپىس تاغ تىزمىسى، شەرقىي شىمال قىسمىنىڭ قارباچان تېغى تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ئاتاقلىق دوناي دەرياسى بار، غەربىي ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. ۋېنگرىيە بايلىقى كەمچىل، لېكىن تاغ - دەريالىرى گۈزەل، قۇرۇلۇشى ھەيۋەتلىك. بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە ئوتتۇرا دېڭىز كىلىماتىغا تەۋە، ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمى تەسىر كۆرسىتىدۇ، ياز پەسلىدە سالقىن، قىشتا ئىللىق بولىدۇ. تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسى بىردەك. 

ۋېنگرىيەۋېنگرىيەنىڭ تولۇق نامى ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى بۇلۇپ، ۋىنگرىيە دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى شەرقتىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەت- ئىدىل دەرياسى بويىدىن كەلگەن ماجار كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسى. مىلادى9-ئەسىردە ئۇلار ئۇرال تېغىدىكى ئېدىرلىقلار ۋە ۋولگا دەرياسى قولتۇقىدىن غەرىپكە قاراپ يۆتكەلگەن، مىلادى 896-يىلى دوناي دەرياسى بويىدا ئولتۇراقلاشقان، مىلادى 1000-يىلى رەسمى ھالدا فىئوداللىق تۈزۈمدىكى دۆلەتنى قۇرغان، 16-ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى تۈركلەر ئىگىلۋالغان، 1711-يىلىدىن كېيىن پۈتۈن دۆلەتنى ئاۋىستىرىيە بېسىۋالغان، 1867-يىلى ئاۋىستىرىيە بىلەن ۋىنگرىيە بىرلىشىپ ئاۋىستىرو-ۋىنگرىيە ئىمپىرىيىسى بۇلۇپ قۇرۇلغان. 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاۋىستىرو-ۋىنگرىيە تارمار بولغاندىن كېيىن 1918-يىلى ۋىنگرىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان، 1919- يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ۋىنگرىيە سوۋىت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. شۇ يىلى 8- ئايدا ۋىنگرىيە سوۋىت جۇمھۇرىيىتى چەتئەللەرنىڭ قوراللىق ئارلىشىشى بىلەن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا گېتلىر گېرمانىيسى بىلەن بىللە ئۇرۇشقا قاتناشقان. 1946-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان .

ۋىنگرىيە ۋىنگرىيە ئوتتۇرا ياۋروپاغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، تۈزلەڭلىكنى ئاساس قىلغان، %80 زېمىنىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 200 مېتىر، دوناي دەرياسى ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى تۈزلەڭلىككە كىرىدۇ، دوناي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋىنگرىيە تۈزلەڭكىكى، يەنە غەربى شىمالدىكى كىچىك تۈزلەڭلىكنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 100-150 مېتىر، تاغلىق رايونى 5/1 قىىسىمغىمۇ يەتمەيدۇ، شىمال تەرىپى كەرپات تاغ تىزمىسىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 300-1000 مېتىر. شىمال تەرىپىدىكى كېكىس چوققىسى پۈتۈن ۋىنگرىيە بويىچە ئەڭ ئېگىز نۇقتا ھېساپلىندۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1015 مېتىر، باكونى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى بالاتۇن كۆلى ئوتتۇرا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تاتلىق سۇلۇق كۆل بۇلۇپ مەنزىرسى گۈزەل كۆل بويىدا دەم ئېلىش، ساياھەت قىلىش ئورۇنلىرى ناھايتى كۆپ. ۋىنگرىيەنىڭ ئىقلىمى مۆتىدىل ماترىك خاراكتىلىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. 7- ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 18-23 سېلتسيە گىرادۇس كېلىدۇ، 1-ئايلىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4-2 سېلتسىيە گىرادۇس بولىدۇ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 450-900 مىللىمېتىر بۇلۇپ، دۆلەتنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلىرىنى ئوت-چۆپلەر، تاغلىقلارنى زىچ ئورمانلار قاپلاپ تۇرىدۇ.

ۋىنگرىيە9891-يىلى كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ نامىنى سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، ۋېنگىرىيە « دېموكراتىك سوتسىيالىزم » نى ئوتتۇرىغا قويدى. ۋېنگرىيە پارلامېنتى ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسى، « ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى » نى « ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى »، كوللېكتىپ دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتى جۇمھۇرىيىتى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى، شۇنداقلا زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ كۆپ پارتىيە تۈزۈمى ۋە پارلامېنت ئاساسىدىكى دېموكراتىيە بەرپا بولغان، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت. ماركسىزم - لېنىنىزمچىلار پارتىيىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، دولەت ئورگانلىرىدا رەھبەرلىك رولى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدۇر. 

ۋىنگرىيەۋېنگرىيە تەرەققىي قىلغان سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى دۆلىتى. سانائەتتە ماشىنسازلىق، ئاليۇمىن، خىمىيە، ئېلىكتىرون ئەسۋاپلىرى، توقۇمچىلىق، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان، ۋېنگرىيە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيادا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ۋېنگرىيىنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، ئۇنىڭ ماشىنلىشىش سەۋيىسى يۇقىرى. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسلىق بۇغداي، ئارپا، كۆممۇقوناق، ياڭيۇ، كۆكتات ئۆستۈرۇلىدۇ، چارۋىچىلىقىدا چوشقا، ئۆي قۇشلىرى ئاساس قىلىندۇ، ئۇنىڭدىن قالسا كالا بېقىلدۇ، ۋېنگرىيە ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى قامداپ ئېكىسپورت قىلىدۇ، ۋېنگرىيىنىڭ باغۋەنچىلىكى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ، ھەرخىل مېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ. ۋېنگرىيە چەتئەللەرگە كران، پاراۋۇز، تراكتۇر، ئاپتوموبىل، ئاليۇمىن، ۋە ئاليۇمىندىن ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئېكىسپورت قىلىدۇ، كۆمۈر، نېفىت، تۆمۈر رۇدىسى، ئېلىكتىر ئېنىرگىيسى قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ. ساياھەتچىلىك ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان بۇلۇپ ساياھەتچىلىك كىرىمى دۆلەتنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ھېسابلىندۇ. 2008-يىلى ۋېنگرىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 19مىڭ دوللار، 

يىللىق ئىقتىسادى ئېشىش نىسبىتى %2.1 بولغان. 

ۋىنگرىيەدۇئاۋلت جېرۋىن قەلئەسى « خانىش قەلئە » دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەشھۇر ئوتتۇرا ئەسىر قەلئەسى. بۇداپېشت داڭلىق ئارىشاڭ سۇغا چۈشۈش مەيدانى، مىچېللى شەھىرىگە جايلاشقان، غازىن يېرىم ئارىلى، ۋېنگرىيە دۆلەت باغچىسى ۋە 1 تەبىئىي بايلىق مۇھاپىزەت رايونى. 

دېڭىز ۋىللىنگادال كۆل ئارىشاڭلىق ساناتورىيە، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئىسسىق سۇ كۆلى، شۇنداقلا ياۋروپا بويىچە ئەڭ چوڭ تەبىئىي ئىسسىق سۇ كۆلى. مۇقەددەس ئىستىۋال چوڭ چېركاۋى قاتارلىقلار. 

ۋېنگرىيە 15 ياشتىن يۇقىرى پۇقرالار ئاساسىي مائارىپ سەۋىيىسى ئىگە  % 98.9 ئادەم بار. ۋېنگرىيە تىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىللاردا 40 -ئورۇندا تۇرىدۇ، ياۋروپا 21 - لىككە ئېرىشكەن. ۋېنگرىيە ئورال تىللىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ تارماق يىلى فىنلاندىيە تىل سىستېمىسىغا تەۋە، 3 مىڭ يىل مەۋجۇت. سەغىرە گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، بۇداپېشت كاۋ ۋېنتې ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋېنگرىيە ئېئوتۋوس . روۋلاند ئۇنۋېرسىتېتى قاتارلىقلار بار. 

ئاخبارات- نەشىرىياتچىلىق

2001 - يىلى تارقىتىلىش مىقدارى بىر قەدەر زور بولغان مەملىكەت خاراكتېرلىك گېزىت تۈرىدىن يەتتە خىلى بار، باشقا گېزىت - ژۇرنال 87 خىل. ئاساسلىق كۈندۈلۈك گېزىتلىرىدىن « مېترو » گېزىتى، « بۈگۈنگە بىر نەزەر »، « خەلق ئەركىنلىكى »، « مىللىي تەنتەربىيە گېزىتى »، « ۋېنگرىيە مىللىي گېزىتى »، « تېز خەۋەرلەر گېزىتى »، « ۋېنگرىيە ئاخبارات گېزىتى »، « خەلق ئاۋازى گېزىتى » قاتارلىقلار. ۋېنگرىيە ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى سودا ئورۇنلىرى  1880 - يىلى قۇرۇلغان. ئاساسلىق رادىئو ئىستانسىسى كېشۈت رادىئو ئىستانسىسى ( 1949 - يىلى قۇرۇلغان ) ۋە پېتوفى رادىئو ئىستانسىسى بار، ھەممىسى دۆلەت رادىئو ئىستانسىسى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باۋېردوك رادىيو ئىستانسىسى ۋە يول نۇرى رادىيو ئىستانسىسى. ئاساسلىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋېنگرىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بار، 1958 - يىلى قۇرۇلغان. دوناي دەرياسى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خۇسۇسىي. 

 1848-يىلدىن باشلاپ ۋېنگرىيە قىزىل، ئاق، يېشىل ئۈچ توغرا بەلدەملىك بايراقنى ئىشلەتكەن. 1946-يىلى ۋېنگرىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا دۆلەت بايرىقىغا دۆلەت گېربىنىڭ نۇسخىسىنى كىرگۈزۈپ، 1957-يىلى چىقىرۋەتكەن، قىزىل رەڭ مۇستەقىللىك ئۈچۈن تۆكۈلگەن قان بىلەن بويالغان يايراقنى بىلدۈرگەن، ئاق رەڭ تىنىچلىققا سىمۇۋۇل قىلىنغان، يېشىل رەڭ خەلقنىڭ كېلەچەككە بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىگەن.

دۆلەت گېربى چوققىسىغا ۋېنگرىيىنىڭ پادىشاھ تاجىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان قالقانسىمان گېرب بۇلۇپ، تاجىغا نۇر چاقناپ تۇردىغان ياقۇتلار نەقىشلەنگەن، ئۇ ۋېنگرىيە تارىخى ۋە مەدىنيىتىنىڭ قىممەتلىك مىراسىدۇر، بۇ تاج بىر مەھەل ئوغىرلىنىپ كېتىپ بىر سىم سېۋەت ئىچىدىن تېپىلغان ئوغرىنىڭ قوپاللىقى سەۋەپلىك تاج ئۈستىدىكى كرېست ئېگىلىپ كەتكەن بۇ تارىخنى خاتىرلەش ئۈچۈن تاجغا بېكىتكەن كرېست داۋاملىق سىڭايان تۇرىۋەرگەن. بۇ دۆلەت گېربىنى ۋېنگرىيە جۇمھۇرىيىتى 1989-يىلنىڭ ئاخىردا ئىشلىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بەيدۇ قامۇسى 

http://baike.sogou.com/v42998.htm

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#