تېرەكبازار يېزىسى
تېرەكبازار يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۈگۈر ناھىيەسىگە، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1364 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1030 مېتىر ئەتراپىدا.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېرەكبازار يېزىسىتېرەكبازار يېزىسى بۈگۈر ناھىيەسىگە، تەڭرىتاغ نىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، شەرقىنىڭ كورلا بىلەن بولغان ئارىلىقى 137 كىلومېتىر، غەرب تەرىپىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 35 كىلومېتىر، شەرقتە چېدىر يېزىسى بىلەن قوشنا، غەرب تەرىپى يېڭىسار بازىرىغا تۇتىشىدۇ، شىمال تەرەپتە تەڭرىتېغى، خېجىڭ ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تارىم دەرياسىغا تۇتىشىدۇ، لوپنۇر ناھىيەسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، دۆلەت يولى 314-لىنىيەسى پۈتۈن يېزىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، قاتنىشى ئىنتايىن قۇلايلىق، جۇغراپىيىلىك كوئوردىناتى شەرقىي ئۇزۇنلۇق °89′36، شىمالىي كەڭلىك °41′59، پۈتۈن يېزىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 1364 كۋادرات كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1030 مېتىر ئەتراپىدا.
تېرەكبازار يېزىسىپۈتۈن يېزىدا باشكۆيۈك كەنتى، باغتوغراق كەنتى، مانچۇلۇق كەنتى، كونا بازار كەنتى، توخۇلا كەنتى، سايمەھەللە كەنتى، قوشخامان كەنتى، تېرەكبازار يېزىلىق چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت، 24 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، بىر چارۋىچىلىق كەنتى، 14 پارتىيە ياچېيكىسى، سەككىز كەنت ئاھالە كومىتېتى، 9688 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار %98 نى ئىگىلەيدۇ، خەنزۇلار پۈتۈن يېزا ئاھالىسىنىڭ %1 نى ئىگىلەيدۇ، بىر تىپىك مىللىي يېزا.
تېرەكبازار يېزىسىپۈتۈن يېزىدا بىر قەدەر مول يەر ئاستى سۈيى ۋە يەر ئۈستى سۈيى بار. سۇ مەنبەسى ئۈچ قىسىمغا ئايرىلغان. يېڭىسار بازىرى دەرياسىنىڭ يىللىق ئېقىم مىقدارى 0.79 مىليون كۇب مېتىر، ئۇنىڭدىن قالسا قۇنۇر دەرياسى، يىللىق ئېقىم مىقدارى 22 مىڭ كۇب مېتىر، ئۇنىڭدىن باشقا مول يەر ئاستى سۇ بايلىق بار، 0.249 مىليون كۇب مېتىر. يېزا بويىچە 36500 مو سۇغىرىش كۆلىمى بار. سۇغىرىش ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 18 كىلومېتىر، سۇ سىڭمەس ئېرىق-ئۆستەڭ 76 كىلومېتىر كېلىدۇ. يۈرۈشلەشكەن كۆۋرۈك، سۈڭگۈچ قاتارلىق قۇرۇلۇشلار 85. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.