قوزغىتىش پىروگراممىسى

قوزغىتىش پىروگراممىسى

قوزغىتىش پىروگراممىسى — باشقا پىروگرامما بىلەن قاتتىق دېتالنى ماسلاشتۇرىدىغان پىروگرامما بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن قاتتىق دېتال ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاتتىق دېتالنىڭ ئىقتىدارنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەم سىستېما بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك تىل ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قوزغىتىش پىروگراممىسى
ئىنگلىزچە نامى set-up procedure
خەنزۇچە نامى 启动程序

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قوزغىتىش پىروگراممىسى — باشقا پىروگرامما بىلەن قاتتىق دېتالنى ماسلاشتۇرىدىغان پىروگرامما بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى مەشغۇلات سىستېمىسى بىلەن قاتتىق دېتال ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈپ مەشغۇلات سىستېمىسىغا قاتتىق دېتالنىڭ ئىقتىدارنى تونۇشتۇرىدۇ، ھەم سىستېما بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك تىل ئوتتۇرىسىدا تەرجىمانلىق رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، مۇزىكا قويغاندا قويۇش يۇمشاق دېتالى مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇقنى ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىغا يوللايدۇ، قوزغىتىش پىروگراممىسى بۇيرۇقنى ئاۋاز كارتىسىغا تەرجىمە قىلىپ بەرگەندىن كىيىن ئاۋاز كارتىسىدا ماس سىگنال پەيدا بولۇپ مۇزىكا چىقىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرى مەشغۇلات سىستېمىسىغا توپلاشتۇرۇۋېتىلگەن بولىدۇ. بىراق، مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلىغاندىن كىيىن بىر قىسىم قاتتىق دېتاللار يەنىلا قوزغىلالمايدۇ. چۈنكى، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتى ھامان قاتتىق دېتال تەرەققىياتىدىن كىيىن تۇرىدۇ.

قوزغىتىش پىروگراممىسىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىم بولغاچقا كومپيۇتېرنىڭ بارلىق قاتتىق دېتاللىرى ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ. ئادەتتە CPU، قاتتىق دىسكا، ئېكران قاتارلىقلارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسى مەشغۇلات سىستېمىسى تەرىپىدىن ئاپتوماتىك قاچىلىنىدۇ.

ئادەتتە قوزغىتىش پىروگراممىسىنىڭ دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا قاتتىق دېتاللار ئۆزىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ ۋە ياخشى ماسلىشىدۇ.

قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاتتىق دېتالنى ئىشلەپچىقارغان كارخانا ياكى ساتقان ئۇرۇن تەمىنلەيدۇ. ئەگەر تەمىنلىمىگەن ياكى يۇتۇپ كەتكەن ئەھۋالدا www.mydrivers.com دىن ئىزدەپ تېپىشقا بولىدۇ. ئادەتتە قوزغىتىش پىروگراممىسىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت خىل نەشرى بولىدۇ.

ئاممىۋى نەشرى: 公版 مەلۇم قاتتىق دېتالنى ئىشلەپچىقارغان شىركەت شۇ قاتتىق دېتالغا ئىشلەتكەن ئۆزەك پىلاستىنكا تىپىغا ئاساسەن لايىھەلىگەن قوزغىتىش پىروگراممىسى، بۇخىل قوزغىتىش پىروگراممىسى شۇ خىلدىكى ئۆزەك پىلاستىنكا ئىشلەتكەن قاتتىق دېتاللارغا ماس كېلىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى ياخشى، يېڭىلىنىش سۈرئىتى تېز بولغاچقا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.

غەيرى ئاممىۋى نەشرى : 非公版 قاتتىق دېتال كارخانىلىرى پەقەت ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتى ئۈچۈنلا لايىھەلىگەن قوزغىتىش پىروگراممىسى. بۇ خىل قوزغىتىش پىروگراممىسى پەقەت شۇ خىل ماركىدىكى مەھسۇلاتقىلا مۇۋاپىق كېلىدۇ، ئىقتىدارى ئاممىۋى نەشىرنىڭكىدىن ياخشى.

غەيرى رەسمىي نەشرى : 非正式版 ھەقىقىي نەشرى ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان سىناق نەشىرىنى كۆرسىتىدۇ. يۇمشاق  دېتال كارخانىلىرى ئىچكى قىسىمدا سىناش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان نەشرى. Alpha نەشرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئابۇنتلارنىڭ سىناپ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تارقاتقىنى Beta نەشرى دەپ ئاتىلىدۇ.

WHQL نەشىرى: بۇ ئىنگلىزچە Windows Hardware Quality Labs نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ ئۇيغۇرچە Windows قاتتىق دېتال سۈپەت تەجرىبەخانىسى دېگەن مەنىدە، بۇ خىل نەشرىدە Windows بىلەن ماسلىشىشنى سىناش قوراللىرى بار بولۇپ، قاتتىق دېتال ۋە قوزغىتىش پىروگراممىسى نىڭ Windows مۇھىتىدا نورمال، مۇقىم ئىجرا بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

(1)  مەشغۇلات سىستېمىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن مۇناسىۋەتلىك ياماقلىرىنى قاچىلاپ، قاتتىق دېتاللارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرىنى تەرتىپ بويىچە قاچىلايمىز.

(2) ئاۋۋال ئاساسى تاختا ۋە ئاساسى تاختىدىكى ئۆزەك پىلاستىنكىسىنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلايمىز، ئاندىن DirectX نىڭ يۇقىرى نەشىرىنى قاچىلايمىز، ئادەتتە مەشغۇلات سىستېمىسىدا DirectX بولىدۇ. بىراق، بۇ ئەڭ يېڭى نەشرى ئەمەس.

(3) كۆرسىتىش كارتىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلايمىز. مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئاۋاز كارتىسى، USB ئۈسكۈنە، پىرىنتېر، سېكانېر، كامېرا ... قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش كېرەك. 

قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلىغاندا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك:

(1) كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىشنى تەلەپ قىلغاندا چوقۇم قايتا قوزغىتىش كېرەك.

(2) يېڭى نەشىرىنى قاچىلىغاندا چوقۇم كونا نەشىرىنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

قوزغىتىش پىروگراممىسى تولۇق قاچىلانمىسا ياكى تۆۋەن نەشرى قاچىلانسا، تۆۋەندىكى مەسىلىلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن:

(1) CPU نىڭ ئىچكى ساقلىغۇچنى زىيارەت قىلىش ۋاقتى ئۇزىراپ، كومپيۇتېر ئاستىلايدۇ.

(2) DMA نىڭ ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ، قاتتىق دىسكىنىڭ ئۇچۇر ئۇقۇش، يېزىش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ.

(3) ئويۇن پىروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلغاندا سۈرئىتى ئاستىلاپ ئاسانلا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ.

(4) تور سۈرئىتى ئاستىلايدۇ ياكى توردىن ئۈزۈلۈپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ.

(5) كۆك ئېكران چىقىۋالىدۇ، مەشغۇلات سىستېمىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.

(6) قوزغىتىش پىروگراممىسى يوق ئەھۋالدا كومپيۇتېرنى تورغا ئۇلاپ، 驱动天使  يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ، تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلغاندا بۇ يۇمشاق دېتال توردىن ماس قوزغىتىش پىروگراممىسىنى ئاپتوماتىك ئىزدەپ تېپىپ قاچىلايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 5-سانىدىن ئېلىنغان.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

1 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    33.3%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    33.3%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#