قان ئازلىق دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. قان ئازلىق (كېسەللىك )
  2. قان ئازلىق ()
كېسەللىك

قان ئازلىق

قان ئازلىق

قان ئازلىق قان تومۇرنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى قاننىڭ بىرلىك ھەجىمدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ سانى ياكى ھېموگلوبىننىڭ مىقدارى نورمال قىممەتتىن تۆۋەن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قان ئازلىق
ئېنگىلىزچە نامى anemia
دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ئاز ، قان ئېرىش ، قان يوقىتىش قاتارلىقلار.
خەنزۇچە نامى 贫血
تەۋە بۆلۈم قان ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
يۇقۇملىنىش ئەھۋالى يۇقۇمسىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قان ئازلىق قان ئازلىق بەدەن سىرتىدىكى قان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىغىمچانلىقىنىڭ ئازلىقىدىن بولىدۇ، نورمال دائىرىسى تۆۋەن بولسا تۆۋەن چېكى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان كلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىغىمچانلىقى ئۆلچەپ بېكىتىش بىر قەدەر مۇرەككەپ، كلىنىكىلىق جەھەتتە دائىم قان قىزىل ئاقسىلى ئارقىلىق ( ) قويۇقلۇقى ئىشلىتىلدۇ. 

قان ئازلىق بۇ كېسەللىك، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، يىلىكنىڭ قان ئىشلىشى ناچار بولۇش ياكى قاناش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

 كېسەللىكلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە كېسەل سەۋەبلىرى 

ئوخشاش بولمىغان كلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، قان ئازلىقنى ئوخشاش بولمىغان تۈرگە ئايرىشقا بۇلىدۇ. مەسىلەن : قان ئازلىق ئىلگىرىلەش سۈرئىتى بويىچە، ئاستا خاراكتېرلىك قان ئازلىق؛ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى شەكلى بويىچە چوڭ ھۈجەيرە خاراكتېرلىك قان ئازلىق، نورمال ھۈجەيرە خاراكتېرلىك قان ئازلىق ۋە كىچىك ھۈجەيرە تۆۋەن پىگمېنتلىق قان ئازلىق بولىدۇ؛ قان قىزىل ئاقسىلى قويۇقلۇق دەرىجىسى بويىچە يېنىك، ئوتتۇراھال، ئېغىر، تولىمۇ ئېغىر كەمقانلىق؛ يىلىك بويىچە قىزىل سىستېمىسى ئۆسۈش ئەھۋالىنى بۆلۈپ ئۆسۈش خاراكتېرلىك قان ئازلىق كلىنىكىلىق جەھەتتە دائىم قان ئازلىق كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخانىزمى ۋە كېسەللىك سەۋەبىنىڭ تۈرلەرگە ئايرىلىشى: 

 1.  قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغۇچى ئازىيىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق؛ 

قان ئازلىق قان ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە، يىلىك قان ھاسىل قىلغۇچى مىكرو مۇھىتىنى ۋە قان ئىشلەش خام ئەشيانىڭ غەيرى تەسىرىدە قىزىل قان ھۈجەيرىسى ھاسىل قىلىش. 

 ( 1 ) قان ئىشلەش غول ھۈجەيرە غەيرىي نورمالسىزلىق كۆرۈلۈپ قان ئازلىق كېلىپ چىقىدۇ. 

 ( 2 ) قان ئىشلەش مىكرو مۇھىتىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن كېلىپ چىققان قان ئازلىق.

 ( 3 ) قان ئىشلەش خام ئەشيا ماتىرياللىرى يېتەرلىك بولماسلىق ۋە پايدىلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن كېلىپ چىققان قان ئازلىق.

 2 . ئېرىشچان قان ئازلىق <(HA)>؛ 

 يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بۇزۇلۇپ كېتىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق . 

 3 . قانسىراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق؛ 

قانسىراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق ئاساسەن ئۆتكۈر ۋە سوزۇلما خارەكتېرلىك بۇلىدۇ. ئاستا خاراكتېرلىك قانسىراش تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق، كېسەلنى قان ئارىلاش ئۇيۇشقاق خارەكتېرلىك قان ئازلىق دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. 

قان ئازلىق قان ئازلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبى، قان ئوكسىدىنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى، قان سىغىمچانلىقىنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى، قان ئازلىق پەيدا بولۇش سۈرئىتى ۋە قان، دەۋرىي، نەپەسلىنىش سىستېمىلىرى بىلەن بەدەل ئىقتىدارى ۋە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنىڭ ئوتتۇرىچە يىغىندىسىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. قان ئازلىق بولسا كلىنىكلىقنىڭ ئىپادىسى. 

 1 . نېرۋا سىستېمىسى

قان ئازلىقباش چۆرگىلىەش، قۇلاق غوڭۇلداش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، خاتىرىسى ئاجىزلاش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك قاتارلىقلار، قان ئازلىق ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان نېرۋا توقۇلمىسىنى زىيانغا ئۇچىرىتىش ئارقىلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. كىچىك بالىلاردا قان ئازلىق كۆرۈلگەندە يىغلايدۇ، ھەتتا ئاچچىقى كېلىپ تۇرالماي قالغاندا، ئەقلىي جەھەتتىكى يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. 

2 . تېرە پەردىلىرى

ئاق قان ئازلىغان ۋاقىتتا تېرە پەردىلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى. قان ئازلىق ئورگانىزم نېرۋا ئارقىلىق بەدەن سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۈنۈملۈك قان سىغىمچانلىقىنى قايتا تەقسىملەيدۇ، نىسپىي ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ھەزىم قىلىش ئەزالىرى مەسىلەن، تېرە پەردىلىرىنى قان بىلەن تەمىنلەش ئازايغان بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئورۇن سىغىمى قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىسى ۋە قان قىزىل ئاقسىلىنىڭ تەركىبى ئازىيىپ، يەنە تېرە پەردىلىرىنىڭ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. 

 3 . نەپەس ئايلىنىش سىستېمىسى

 قان ئازلىق كۆرۈلگەن ۋاقىتتا قىزىل قان ھۈجەيرە ئىچىدە مۇرەككەپ بىر قەدەر كۆپ بولغان 2 - ، 3 - دىفوسفوگلىتسېرىك كىسلاتانى ئازايتىپ، قان قىزىل ئاقسىلىغا قارىتا ئوكسىگېننىڭ بىرىكىش كۈچى تۈۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوكسىگېن دىسسوتسىئاتسىيىسى ئەگرى سىزىقى ئوڭ يۆنىلىش تەشكىلاتىدىن تېخىمۇ كۆپ ئوكسىگېندىن بىرىكىدۇ.  

 4 . ھەزىم قىلىش سىستېمىسى 

قان ئازلىق، ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ  تۆۋەنلەپ كېتىشى، ھەتتا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بەزلەرنىڭ كىچىكلەپ كېتىشى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەزىم قىلىش ناچاربولسا، قورساق كۆپۈش پەيدا بۇلىدۇ، ئىشتىھا پەسىيش، چوڭ تەرەت قانۇنىيىتى ۋە ھالەت ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 5 . سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش ۋە كۆپىيىش ئىچكى ئاجراتمىسى سىستېمىسى

قان ئازلىققان تومۇر تاشقى بىلىرۇبىن قان ئېرىش يۈزىدە بولغان يۇقىرى ئۇروبىلىنۇرىيە سۈيدۈك قان تومۇر ئىچىدە قان ئېرىش قان قىزىل ئاقسىلى سىيىش ۋە ھېموسىدېرىن سۈيدۈك پەيدا قىلىش، قايتا غىدىقلىنىش ئارقىلىق بۆرەك كىچىك نەيچىسى توسۇلۇپ قېلىشى يۈز بەرگەن ئەركىن قان قىزىل ئاقسىلى، ئىلگىرىلەش ھالىتىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈيدۈك ئازىيىش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، ئۆتكۈر بۆرەك زەئىپلىشىش  يۈز بېرىدۇ.

 قاننى قائىدىلىك تەكشۈرۈش؛  يىلىك تەكشۈرۈش؛  قان ئازلىق بولسا كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخانىزمىنى تەكشۈرۈش؛  

ئالامىتىگە قارىتا داۋالاش

قان ئازلىق ئېغىر دەرىجىدىكى قان ئازلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار، ياشانغانلار ياكى قوشۇۋېتىش يۈرەك ئۆپكە ئىقتىدارى تولۇق بولمىغانلار قان ئازلىققا كېسىلىگە  قىزىل قان ھۈجەيرىسىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق قان ئازلىقنى تۈگىتىش، بەدەنگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ھالىتىنى ياخشىلاش؛  

 سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش 

 قان ئازلىق كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخانىزمىغا قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىش. مەسىلەن، تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق  تۆمۈر تولۇقلاپ داۋالاش، تۆمۈر كەمچىل بولسا ئەسلىدىكى كېسەللىك پەيدا بولىدۇ؛ گۆدەك ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق فولىك كىسلاتاسى ياكى ۋىتامىن B 12 نى تولۇقلاپ بېرىش؛ ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتى خاراكتېرلىك قان ئازلىق كېسىلىدە، قەنت پوستلاق ھورمونى ياكى تالنى ئېلىۋېتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇش؛  [0]  

  

  

  

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#