- گىلاس (خام دورا)
- گىلاس ()
گىلاس
گىلاس ئەتىرگۈل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق، ياغاچ غوللۇق يوپۇرماق تاشلايدىغان، نەشپۈتكە ئۇرۇقداش دەرەخ بولۇپ، مېۋىسى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كۆكرەكنى بوشىتىش، ئىچنى يۇمشىتىش، بۆرەك ۋە دوۋساقتىكى تاشنى چۈشۈرۈش، سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، تۇتۇش ۋە پارقىرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسىنى پىشقاندا يىغىۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆسىدۇ.
قۇرۇتۇلغان تاتلىق گىلاسنى رۇم بەدىيان بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇپ، دوۋساق ۋە بۆرەكتىكى تاشنى چۈشۈرىدۇ.
گىلاسنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىنى يۈزگە سۈرۈپ بەرسە، چىراينى پارقىرىتىدۇ.
يېڭى تاتلىق گىلاسنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، كۆكرەك، گالنىڭ يىرىكلىكى، يۆتەل ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
چۈچۈمەل گىلاسنى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىپ، كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشنى توختىتىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.