تاغىل ئات
تاغىل ئات (زېبرا) ئافرىقا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلىقىدا ياشايدۇ، تاشقى قىياپىتى ئادەتتىكى ئاتتىن ئانچە پەرىقلەنمەيدۇ، بەدىنىدىكى يول - يول سىزىقلار بولسا مۇھىتقا ماسلىشىدىغان قوغدىنىش رېڭى ھېسابىنىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۈزلەڭلىك تاغىل ئېتى
ئوتلاق تاغىل ئېتىنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 200 - 240 سانتىمېتىر، بوينىنىڭ ئۇزۇنلىقى 120-140 سانتىمېتىر، قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلىقى 47-57 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 350 كىلوگرام كېلىدۇ. قورساق قىسمىدا قارا سىزىقلار بولمىغاندىن باشقا، قالغان يەرلىرىدە كەڭ قارا سىزىقلار بولىدۇ، قوغداش رولىغا ئىگە. ئەركىكىنىڭ بوغۇز قىسمىدا ساڭگىلىما گۆش بار. ئافرىقىنىڭ شەرقى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمى، سۇ ئوتلىرى مول بولغان ئىسسىق بەلباغ يايلاقلاردا ياشايدۇ.
تاغ تاغىل ئېتى
مۈرىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 550 سانتېمىتېر، جۇغى ئەڭ كىچىك بىر خىل تاغىل ئات، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم ئىلمىي يوسۇندىكى نامى تاغىل ئات. قۇلىقى تار ۋە ئۇزۇن، يۇڭلىرى ناھايىتى قىسقا، تۇمشۇقى قوڭۇر سېرىق رەڭلىك، تېنىدىكى سىزىقچىلار توم ھەم ئاز. پەقەت غەربىي جەنۇبىي ئافرىقا ۋە جەنۇبىي ئافرىقادىكى تاغلىق رايونلاردىن چىقىدۇ.
ئىنچىكە يوللۇق تاغىل ئات
تار سىزىقلىق تاغىل ئات ھازىرغىچە ساقلانغان ئەڭ چوڭ ئات تۈرىدىكى ياۋايى ھايۋانلار، مۈرە ئېگىزلىكى 145-155 سانتىمېتىر. سومالىغا تارقالغان، ئېفىئوپىيە جەنۇبىي قىسمىدىن تارتىپ كېنىيە شىمالىي قىسمىغىچە جايلاشقان. ئەڭ چوڭ پەرق ئېتىش ئالاھىدىلىكى شۇكى، باشقا تاغىل ئاتلارنىڭكىدىن ئىنچىكە يوللۇق.
قۇرغاق مۇھىتتا ياشايدۇ، چاتقاللىق، ئوتلاق ۋە قۇملۇقلاردا بار ، تاغ تاغىل ئېتى تاغ ۋە تۆپىلىكلەردە ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتىكى تاغىل ئات تۈزلەڭلىك يايلاقلاردا ياشايدۇ؛ ئىنچىكە سىزىقلىق تاغىل ئات ئىسسىق ۋە قۇرغاق بولغان يېرىم چۆللەردە ياشايدۇ، تاغىل ئات ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ، ئادەتتە توپلىشىپ ياشايدۇ، دائىم شىرلارغا ئوزۇق بولىدۇ.
ئوزۇقلىنىش خۇسۇسىيىتى
تاغىل ئات چۆپخور ھايۋاندۇر. ئوت - چۆپنى ھېسابقا ئالمىغاندىن باشقا، چاتقال، دەرەخ شېخى، دەرەخ يوپۇرماقلىرى ھەتتا دەرەخ قوۋزىقىنى يېمەكلىك قىلىدۇ. ماسلىشىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، ئاساسلىق يىمەكلىك بولسا ئوت - چۆپ، بەزىدە يۇمران يوپۇرماقلارنى يەيدۇ، يالغۇز توپنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا ئىنتايىن دوستانە، بەزىدە تۆگە قۇش، زىراپە، بۆكەن قاتارلىق ئوتخور ھايۋانلار ئارىلاش ھەرىكەت قىلىپ بىللە ياشايدۇ، ئوخشاش يېمەكلىكلەردىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.
بوتسىۋانا، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، ئېفىئوپىيە، كېنىيە، مالاۋى، موزامبىك جۇمھۇريىتى، نامىبىيە، رۋاندا، سۇمالى، جەنۇبىي ئافرىقا، سۇدەن، سۋېزىلاند، تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى، ئۇگاندا، زامبىيە ۋە زىمبابۋې قاتارلىق رايونلارغا تارقالغان. [2]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ياردەم تورى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.