- كاكتۇس ()
- كاكتۇس (خام دورا)
كاكتۇس
كاكتۇس كاكتۇسلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ 2000 دىن ئارتۇق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىقان شەكىللىك، شار شەكىللىك، سىلىندىر(تۈۋرۈك) شەكىللىك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكىلىرى بولىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئەزەلدىن «ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان يەر» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن چۆل-جەزىرىلەردە كاكتۇسلار مەغرۇرانە ياشاپ، ئۈزۈلدۈرمەي ئەۋلاد قالدۇرۇپ كۆپەيمەكتە.قۇرغاقچىلىق مۇھىتتا سۇيىنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن، كاكتۇسنىڭ يوپۇرماقلىرى رودىمېنتلىشىپ يىڭنە شەكلىگە ئۆزگەرگەن، غولى قېلىن، گۆشلۈك، سۈيى كۆپ، نېپىز پوستلۇق توقۇلما ھۈجەيرىلىرى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، كۆپ مىقداردىكى سۇلارنى زاپاس ساقلايدۇ؛ غولىنىڭ ئېپىدېرما ھۈجەيرىلىرىدە قېلىن ھەم قاتتىق موم ماددىلىق قوغدىغۇچى قەۋىتى بولىدۇ ياكى زىچ ئۆسكەن تىۋىت تۈكچىلىرى بولىدۇ. بۇ تۈزۈلۈشلىرى ئۇنى كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن قوغدايدۇ ھەم سۇنىڭ پارلىنىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
كاكتۇس يىلتىزىنىڭ تارماق يىلتىزلىرى كۆپ، يىلتىز سىستېمىسى يوغان بولۇپ، كۆپ ياغمايدىغان يامغۇر سۇلىرىنى زايە قىلماي سۈمۈرۈپ ئالالايدۇ. يامغۇر يېغىپلا قالسا، كاكتۇسلار ئۈستۈنكى تۇپراق يۈزىگە نۇرغۇن يېڭى يىلتىزلارنى ئۆستۈرۈپ چىقىرىپ، زور مىقداردا سۇ سۈمۈرۈۋالىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ يىلتىزىنى ناھايىتى قېلىن پۇرۇپكىلىق توقۇلمىسى قوغداپ تۇرغاچقا، قىزىپ كەتكەن قۇم شېغىللىقتا ياشىسىمۇ قۇرۇپ قالمايدۇ. بەزىلەر تەجرىبە قىلىپ كاكتۇسنى ئالتە يىلغىچە سۇغارمىسىمۇ، ئۇ يەنىلا قەيسەرلىك بىلەن ئۆسۈۋەرگەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بەزى چوڭ كاكتۇسلارنىڭ ئۆمرى نەچچە يۈز يىلغا يېتىدىكەن.
كاكتۇس كاكتۇسلار ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇ 2000 دىن ئارتۇق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئالىقان شەكىللىك، شار شەكىللىك، سىلىندىر(تۈۋرۈك) شەكىللىك قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكىلىرى بولىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان كاكتۇس خىلىدىكى ئۆسۈملۈكلەردىن تۈۋرۈكسىمان كاكتۇس، تاغسىمان كاكتۇس، مۇشتسىمان كاكتۇس، قامچىسىمان كاكتۇس، شارسىمان كاكتۇس، ھۆرىگۈل، نەيزىسىمان كاكتۇس، قىسقۇچپاقا بارمىقىسىمان كاكتۇس قاتارلىقلار بار.
ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مېكسىكا كاكتۇسلارنىڭ يۇرتى، شۇنىڭدەك كاكتۇسلار ئەڭ كۆپ ئۆسىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. ھەر خىل شەكىل، خىلمۇخىل رەڭلەردىكى كاكتۇس گۈللىرى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاشمايدىغان مېۋىلىرى ئۆزگىچە چىرايلىق مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ يەردە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كاكتۇسلار بولۇپ، ئېگىزلىكى 15 ~18 مېتىر، دىئامېتىرى 30 ~60 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 10 توننىدىن ئارتۇق كېلىدىغانلىرى بولۇپ، تېنىدە 1000 كىلوگرامدىن ئارتۇق سۇنى زاپاس ساقلىيالايدۇ. سەپەر ئۈستىدىكى ئادەملەر ئۇسساپ كەتكەندە، كۆپ شىرنىلىك غولىنىڭ ئېتىنى خالىغانچە كولاپ يەپ ئۇسسۇلۇقىنى قاندۇرالايدۇ. مېكسىكىلىقلار كاكتۇسنى ئۆز دۆلىتىنىڭ سىمۋولى قىلغان بولۇپ، دۆلەت بايرىقى ۋە دۆلەت گېربىدا كاكتۇس سۈرىتى سىزىلغان.
كاكتۇسلارنى مەنزىرە ئۆسۈملۈكى ئورنىدا تاماشا قىلىشقا بولغاندىن باشقا، ئۇلار يەنە ئىنسانلارغا بەخت يارىتىپ بېرىدۇ. يەنى ئۇلاردىن پايدىلىنىپ قۇملارنى تۇراقلاشتۇرۇشقا، ئېتىز-ئېرىقلارنى قوغداشقا بولىدۇ. كاكتۇسنىڭ غولىنى يېمەكلىك قىلىشقا ياكى دورا قىلىشقا بولىدۇ. مېۋىسىنىڭ شىرنىسى كۆپ، تەمى تاتلىق بولۇپ، ناھايىتى ياخشى مېۋە ھېسابلىنىدۇ، شېكەر چىقىرىشقا ۋە ھاراق ئېچىتىشقىمۇ بولىدۇ. قۇرۇپ كەتكەن كاكتۇسلارنى يېقىلغۇ ماتېرىيالى قىلىشقا، زور ھەم ياپىلاق غوللىرى بىلەن دېھقانلار تۇرالغۇلىرىنى ياساشقا بولىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.