ئەركىن گىمناستىكا

ئەركىن گىمناستىكا

ئەركىن گىمناستىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى گىمناستىكا تېخنىكىسى بىلەن سەنئەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەتلەرنىڭ چاققان، كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇرارلىق ھەم كۆركەم، گۈزەل بولغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئەركىن گىمناستىكا
خەنزۇچە نامى 自由体操

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئەركىن گىمناستىكاھازىرقى زامان ئەركىن گىمناستىكىسىدا ئەرلەرنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ماھىرلىق ھەرىكەتلىرىنى ئاساس قىلىش، ئۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم بوشلۇقتا موللاق ئېتىش، تەڭپۇڭ ھالەتتە تايىنىش، بەدەن بۇراپ سەكرەشكە ئوخشاش مەزمۇنلارنىڭ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاياللارغا يۇقىرىقىلاردىن باشقا، ھەر خىل ماھىرلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە گىمناستىكا ئۇسسۇل مۇزىكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ بەدەن گۈزەللىكى، قىياپەت گۈزەللىكى ۋە ئىپادىلەش گۈزەللىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. 

ئەركىن گىمناستىكا1911-يىلى خەلقئارا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، ئەينى چاغدا پەقەت ئەرلەر بىلەنلا چەكلەنگەن، ئاياللارنىڭ ئەركىن گىمناستىكىسى1952-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن15-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇسابىقە مەيدانىنى8 ×8 مېتىردىن بۈگۈنكى12 ×12 مېتىرغا ئۆزگەرتكەن. 1958-يىلىدىكى10-نۆۋەتلىك دۇنيا گىمناستىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدىن باشلاپ، ئاياللار ئەركىن گىمناستىكىسىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىش رەسمىي بېكىتىلگەن. ئەركىن گىمناستىكىدا پۈتۈن يۈرۈش ھەرىكەتتە مەيدان بىلەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ، شەخسنىڭ ئۇسلۇبى، ئىجادىي ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا يېڭىچە، مۇۋاپىق، ئىخچام ھالدا رىتىمدارلىققا ۋە قىيىنلىققا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئەركىن گىمناستىكاجۇڭگو ئەرلەر ئەركىن گىمناستىكىسى80-يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىزچىل ھالدا دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇردى. لى يۆجيۇ، لى نىڭ، لۇ يۈن، لى جىڭ قاتارلىقلار كۆپ قېتىم خەلقئارا چوڭ مۇسابىقىلەردە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. ئاياللار ئەركىن گىمناستىكىسى70-يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن80-يىلىنىڭ بىشىغىچە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#