ئۇيغۇرچە نامى مورى بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 7.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى سۇبتروپىك بەلباغ موسسونلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 木垒镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسى
نوپۇسى 17062 ئادەم
پىنيىنچە يېزىلىشى mù lěi zhèn

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

مورى بازىرىمورى بازىرى، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي يېڭى يولىدىكى مۇھىم بازار، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى. تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى جوبېيسەن ئاستىغا جايلاشقان، شەرقتە شىنخۇ يېزىسىنىڭ شەنچى كەنتى بىلەن قوشنا، غەربتە مورى قەدىمىي لۇخۇا دەرياسى ۋە جوبېيسەن يېزىسىنىڭ نەنزا كەنتى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبتا لۇڭۋاڭ ئىبادەتخانىسى سۇ ئامبىرىدىن باشلىنىپ، شىمالدا تاشيول بۆلىكىدە ئاخىرلاشقان، جەنۇب-شىمال ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 1.5 كىلومېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 7.5 كۋادرات كىلومېتىر.

مورى بازىرى قارمىقىدا : 1-مەھەللە، 2-مەھەللە، 3-مەھەللە، 4-مەھەللە، 4-مەھەللە، 6-مەھەللە، 7-مەھەللە، 8-مەھەللە قاتارلىق سەككىز مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ۋە 56 ئاھالە گۇرۇپپىسى، مەمۇرىي كارخانا كەسپىي ئورۇنلاردىن 124 بار.

مورى بازىرىدا 5938 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 17062 ئادەم، خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر قاتارلىق 13 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 13463 ئادەم، قازاق 2364 ئادەم، ئۇيغۇر 895 ئادەم، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر 340 ئادەم، 

ھازىرقى مورى بازىرىنىڭ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرلۇشى مول نەتىجىگە ئېرىشكەن، ئىجتىمائىي ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۇرمۇشى خاتىرجەم، ھەممە يەر جۇشقۇن مەنزىرىلەرگە تولغان.

ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى ئەھۋالى: نۆۋەتتە پۈتۈن بازاردىكى تىجارەت كىرىمى 77 مىليون 840 مىڭ يۈەن، مەھسۇلات قىممىتى 56 مىليون 480 مىڭ يۈەن، قوشۇلما قىممىتى 26 مىليون 110 مىڭ يۈەن، ئورۇندىغان پايدىسى 5 مىليون 540 مىڭ يۈەن، تۇراقلىق مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 4 مىليون 100 مىڭ يۈەن، بازاردىكى خەلىق ئاممىسىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 5358 يۈەن.

مورى بازىرىئىقتىسادىي مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى : ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئۈچۈن، بازار يەنە 50 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 1 كىلومېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا يولىنى ئۆزگەرتىپ ياساش، 500 مېتىر ئېلېكتىر يولىنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنى تاماملىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، باقمىچى ئائىلىلەرگە 2 مىليون يۈەن تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز پۇلى ئاجىراتقان، 15 يېپىق قوتان ياساپ، يېپىق قوتان سانىنى 100 گە يەتكۈزگەن.

ھازىرغىچە بورداپ سېتىلغان چارۋا-مال سانى 17 مىڭ تۇياق، بۇنىڭ ئىچىدە : قوي 12 مىڭ تۇياق، كالا 300 تۇياق، چوشقا 2867 تۇياق، گۆش مەھسۇلات مىقدارى 512.5 توننا، سۈت مەھسۇلات مىقدارى 70.5 توننا. سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، كۆلىمى 200 كۋادرات مېتىر بولغان كالا، ئات، قوي سويۇش، ئىشلىتىلگەن سۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش، قان پىششىقلاپ ئىشلەش، پارچىلاش، ئوراش-قاچىلاش، توڭلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر سېخ قۇرغان. 56000 يۈەن مەبلەغ سېلىپ باقمىچىلىق رايونىدا يېڭىدىن سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى سالغان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، سۈت مەھسۇلات مىقدارى 86.5 توننىغا يەتكەن.

سۈت پونكىتى قۇرۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ سۈت سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى زور دەرىجىدە ئازايتقان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ھەر يىلىدىكى چىقىمنى 1000 يۈەن تېجەپ قالغان.

مورى بازىرى باقمىچىلىقتا ئەسلىدىكى ئىقتىسادىي كىرىم ئاساسى ئاستىدا، ئاھالىلەرنى تەرەققىيات چوشقا باقمىچىلىقىغا پائال تەشكىللەپ، ئۈچ چوشقا باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسى تۈرتكىسىدە، ھازىر  ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 3360     تۇياققا يەتكەن، گۆش توخۇسى باقمىچىلىق بازىسى 28000 گۆش سېتىلىدۇ، گۆش توخۇسى، 9000 دانە، تۇخۇم توخۇسى بېقىش 6000  ، توخۇ گۆشى مەھسۇلات مىقدارى 322 مىڭ توننىغا يەتكەن. يەنە ئاھالىلەرنى ئالاھىدە باقمىچىلىقىغا پائال سەپەرۋەر قىلىپ، ئىت، گۆش كەپتىرى، ھەسەل ھەرىسى قاتارلىق باقمىچىلىق تۈرىنى كۆپەيتكەن.

ﻗﻮﻝ-ﻫﯜﻧﻪﺭﯞﻩﻧﻠﯩﻚ : قازاقلارنىڭ مىللىيچە تارىخى ئۇزۇن، ئىسلام مىللىتىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن، چۈنكى بازار ئاھالىلىرى ئىچىدىكى قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر %22 نى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار 500 دىن ئارتۇق ئائىلىلىك، %90 ئائىلە مىللىي كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ھازىر ئەمەلىي كۈچى بار ۋاسىتىچىسى چوڭ ئائىلىسى ھەممىسى موڭغۇلىيە، قازاقىستان قاتارلىق جايلاردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارقىلىق زاكازلىق سېتىش نىسبىي مۇقىم ھەمدە دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان.

مەھسۇلات تۈرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئېگەر، قامچا، قەلەمتىراچ، ئاسما گىلەم، گۈللۈك كىگىز، ياستۇق، كىگىز ئۆي ۋە زىننەت بويۇملىرى، قول سومكىسى، شىپـپەك، دومبىرا، ھەر خىل ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلار بار. يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 6 مىليون يۈەن ئەتراپىدا، ياراتقان پايدىسى 3 مىليون 600 مىڭ يۈەن بولغان، كەشتىچىلىكنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 6000 يۈەنگە يەتكەن.

مورى بازىرىھازىرغىچە بولغان زاكاز قىلىش ئومۇمىي سوممىسى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەن بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مىللىي كەشتە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىشنى بىر تۇتاش يۈرۈشلەشكەن ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، بازارلىق پارتكوم، ھۆكۈمەت 70 نەچچە ئىش ئورنىدىن قالغانلار، قازاق ئاياللار ۋە بىر قىسىم قولىدىن ئىش كىلىدىغان ھۈنەرۋەنلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، مىللىي بۇيۇملارنى سېتىش ئاساس قىلغان مىللىي بازار ئاچقان.

ھازىر بۇ مىللىي بازاردا 85 دۇكان بار، بۇنىڭ ئىچىدە 72 دۇكان بازار ئىچىدىكى ھەر خىل مىللىي بۇيۇملارنى سېتىش، ئۆي جاھازلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە زىننەت بۇيۇملىرى، ئۆزگىچە يېمەكلىك قاتارلىقلارنى سېتىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بۇ بازار ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ بېيىشىغا سۇپا ۋە مىللىي بۇيۇملارنى سېتىش بازىسى بولۇپ، كارخانىلار تۈرتكە بولۇش، ئاھالىلەر ئىشلەپچىقىرىشتەك كەسىپى ئىگىلىك بازار ئەندىزىسى شەكىللەنگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#