ۋاڭ فېي
ۋاڭ فېي 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ داڭلىق ئايال ناخشىچىسى، ئارتىس، مودا ناخشا ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئارتىس.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋاڭ فېيۋاڭ فېي 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان، جۇڭگونىڭ داڭلىق ئايال ناخشىچىسى، ئارتىس، مودا ناخشا ساھەسىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان، 1990-يىللىرىدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە خەنزۇچە ناخشا ساھەسىدىكى خانىش شۇنداقلا ئاسىيا خانىشى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە، دېڭ لىجۈن دىن كېيىنكى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە خەنزۇ ئايال ناخشىچى، خەنزۇ مۇزىكا ساھەسى ۋە ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭ، داڭلىق چولپانلارنىڭ ئىزچىل ماختىشىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن، مەستانىلىرى كۆپ دەرىجىدىن تاشقىرى گىگانت يۇلتۇز.[1] ئۇنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك پەرقلەندۈرۈش ماھارىتى، سېھىرلىك ئاۋازى، شۇنداقلا ھاۋا بوشلۇقى سادالىرى خەنزۇ سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس بولغان ۋاڭ فېي دەۋرىنى ياراتتى، شۇنداقلا بىر دەۋىرنىڭ رىۋايىتىنى ياراتتى، ئۇ تۇنجى بولۇپ ئامېرىكا «دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى» نىڭ مۇقاۋىسىغا چىققان ناخشىچى. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن: ھاۋا بوشلۇقى، قىزىل پۇرچاق، يۇلتۇزنامە، ئاسان يارىلىنىدىغان قىز، خالايمەن، ياشلىق، ئالدىراش ئۆتكەن شۇ كۈنلەر، چۇڭچىڭ ئورمىنى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.