ئۆردەك كۆلى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۆردەك كۆلى قۇمقاناس موڭغۇل يېزىسى قاناس كەنتىنىڭ جەنۇبى تەرپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئويماندىن تەركىب تاپقان، ئۇزۇن، شەكلى كېپىنەكسىمان، جەنۇبتىن شىمالغا سوزۇلغان ئويمانلىق كەڭ ھەم تېيىز بولۇپ، كۆلىمى تەخمىنەن 1.3 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئۆردەك كۆلى قاناس تۇۋا كەنتى گە بىر كېلومېتىر كېلىدۇ، غەربتە قاناس دەرياسى بار بولۇپ، ئەتراپىنى بۈك-باراقسان ئورمانلىق ئوراپ تۇرىدۇ. قۇم-شېغىللىق تاشيول بار. دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1350 مېتىر، كۆلنىڭ شەكلى ئۇزۇنچاق، كېپىنەكسىمان، كۆل يۈزى كۆلىمى تەخمىنەن 13 مىڭ كۋادرات مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر، كەڭلىكى 600 ~ 800 مېتىر كېلىدۇ، كۆل ئەتراپى تەكشى، كۆل خۇددى ئەينەكتەك پارقىراپ تۇرىدۇ، يازدا توپ ياۋا ئۆردەكلەر ۋە ياۋا غازلار كۆل رايونىدا ياشاپ كۆپىيىدۇ.
كۆل ئەتراپىدىكى كەڭ كەتكەن سازلىق، سۇلۇق يەر ۋە ساي ئوتلاقلاردا، تۈرى ناھايىتى كۆپ بولغان ئۆي قۇشلىرى ياشايدۇ، توپ-توپ ياۋا ئۆردەك، ياۋا غاز ۋە ئاق قۇ قاتارلىقلار بۇ يەرگە داۋاملىق كېلىدۇ، ئۇلار تىنىچ سۇ يۈزىدە بەھۇزۇر ئۈزۈپ، شۇ يەردىكى ياۋا ئۆردەك توپلىرىنى چۆچىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈملىرى تەدرىجىي ئۇچۇپ كېتىدۇ، قانىتى سۇ يۈزىگە ئۇرۇلۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ؛ ھەم كەڭ كەتكەن سازلىق، يايلاقتا كالا، قوي قاتارلىقلار ئوزۇق ئىزدەيدۇ.
كۆل يۈزى كۆلىمى 1.3 كۋادىرات مېتىر، كەڭلىكى 600 ~ 800 مېتىر، كۆل ئەتراپى كەڭ كەتكەن ھەم تەكشى، كۆل خۇددىي ئەينەكتەك پارقىرايدۇ، يازدا كۆل رايونىدا توپ-توپ ياۋا ئۆردەك، ياۋا غاز ياشايدۇ. كۆل ئەتراپىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى سازلىق، ئوتلاق ۋە كەڭ يايلاق يېشىللىق بىلەن ئورالغان، كۆل سۈيى جىمجىت، گۈزەل.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.