فرانسىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى

فرانسىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى

1812-يىلىدىكى فرانسىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى ناپولېئوننىڭ سىرتقا قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرى ئىچىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيا يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر ئۇرۇش.

نامى رۇسىيە- فرانسىيە 1812-يىلىدىكى ئۇرۇشى
باش قوماندان 巴克莱、库图佐夫、拿破仑
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار رۇسىيە ئىمپېرىيەسى، فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيەسى
ۋاقتى 1812-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى __ 1812-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 俄法1812年战争
باشقا ئاتىلىشى فرانسىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى
ئورنى رۇسىيە
نەتىجىسى رۇسىيە تولۇق غەلبە قىلغان، فرانسىيە زومىگەرلىكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ،

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فرانسىيەرۇسىيە ئۇرۇشى1811-يىلى فرانسىيە 1-ئىمپېرىيەسىنىڭ كېڭەيمىچىلىكى چېكىگە يېتىپ، ناپولېئون پۈتكۈل غەربىي ياۋرۇپانىڭ خوجىسى بولۇشقا ئازلا قالدى. ئۇ ئىتالىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە ۋە گېرمانىيەنىڭ بىر قىسىم زېمىنىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلىدى. ئاۋسترىيە ۋە پرۇسسىيەمۇ ناپولېئون تەرىپىدىن مەغلۇپ بولدى. ناپولېئون ئىمپېرىيەسىنىڭ دائىرسى شەرقكە سوزۇلۇپ، تاكى رۇسىيە چېگرىسىغىچە يەتتى. 1807-يىلى ناپولېئون ھەربىي جەھەتتىكى غەلىبىسىدىن پايدىلىنىپ، رۇسىيەنى فرانسىيەنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقنى قامال قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشقا قىستىدى. ئېنىقكى، بۇ رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىسىز ئىدى. شۇڭا، رۇسىيە تۈرلۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ناپولېئوننىڭ كىڭەيمىچىلىكىنى چەكلىدى. شۇنداق قىلىپ فرانسىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسايىن كەسكىنلەشتى. 1811-يىلى رۇسىيە يەنە فرانسىيەگە ئىنتايىن پايدىسىز بولغان يېڭى باج قانۇنىنى يولغا قويدى. ناپولېئون پەيدىنپەي شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىكى، رۇسىيە ئۇنىڭ ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىدا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش يولىدىكى ئېغىر پۇتلىكاشاڭ ئىدى. شۇڭا، ئۇ ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، رۇسىيەنى مەغلۇپ قىلىش، ئاندىن  يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەنگلىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ياۋروپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش قارا نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش قارارىغا كەلدى.

فرانسىيەرۇسىيە ئۇرۇشىناپولېئون رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇش جەريانىدا زۆرۈر بولغان ئىستىراتېگىيە جەھەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1812-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى جەڭ ئېلان قىلمايلا 500 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ، تۆت يولغا بۆلۈنۈپ، نىمان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، رۇسىيەگە بېسىپ كىردى، شۇنىڭ بىلەن رۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتتى. فرانسىيە قوشۇنلىرى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا كوۋنۇنى ئالدى، ئاندىن شىددەت بىلەن ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلەپ كېتىۋەردى. 8-ئاينىڭ 17-كۈنى موسكۋاغا بارىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم تۈگۈن سۋېرلوۋسكنى قولغا كەلتۈرىدۇ، چار پادىشاھ ئالېكساندېر 1 ئەنە شۇنداق خەۋپلىك جىددىي پەيىتتە نۇرغۇن ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن پىشقەدەم سەركەردە كوتوزوۋنى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باش قۇماندانلىقىغا تەيىنلىدى. 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 120 مىڭ كىشىلىك رۇسىيە ئارمىيەسى موسكۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بورودىنودا 130 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە ئارمىيەسى بىلەن قانلىق جەڭ قىلىدى. ھەر ئىككى تەرەپتە قاتتىق يېڭىش-يېڭىلىش ئەھۋاللىرى تەكرارلىنىپ ئۆلگەنلەر ۋە يارىدار بولغانلار بەك كۆپ بولدى. ناپولېئوننىڭ قۇماندانلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيەسى تۇنجى قېتىم ئوقۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، شۇنىڭدىن كېيىن كوتزوۋ رۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ جانلىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە موسكۋادىن ۋاز كېچىپ، باتۇرلۇق بىلەن چېكىنىش، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈش ئىستىراتېگىيەلىك تەدبىرىنى قوللاندى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى فرانسىيە قوشۇنى قۇرۇق شەھەر موسكۋانى ئىشغال قىلىپ، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئوت قويدى، تالان-تاراج قىلدى. فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئوت قويۇش تالان-تاراج قىلىشتەك ياۋايىلارچە قىلمىشلىرىدىن غەزەپلەنگەن رۇسىيە خەلقى ھەر قايسى جايلاردا پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، فرانسىيە قوشۇنلىرىغا تۇشمۇ تۇشتىن ھۇجۇم قىلىپ، مۇنتىزىم قوشۇنغا ماسلىشىپ جەڭ قىلدى. ناپولېئون بۇ رۇسىيە بىلەن سۈلھى قىلماقچى بولدى. بىراق، ئالېكساندېر 1 ناپولېئوننىڭ سۈلھى قىلىش تەلىپىگە پىسەنت قىلمىدى. فرانسىيە قوشۇنى موسكۋادا ئالتە ھەپتە ھايال بولۇپ قالدى، بۇ چاغدا ئوزۇق-تۈلۈك، يەم-خەشەكمۇ، ھەربىي تەمىناتمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەھرىتان سوغۇق بولغانلىقى، ھەمدە يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيە قوشۇنى ئېغىر مۈشكۈلات ئىچىدە قالغانىدى. ناپولېئون يەككە-يېگانە ئىچكىرىلەپ كىرگەن فرانسىيە قوشۇنىنىڭ قاتمۇ قات مۇھاسىرىدە قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىش ئېتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قوشۇنغا چېكىنىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. فرانسىيە قوشۇنلىرى چېكىنىش داۋامىدا يول بويى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋە پارتىزانلارنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشىگە ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرىغا ئۇچراپ تۇردى. ئاچارچىلىق ۋە قەھرىتان سوغۇق دەستىدىن نۇرغۇن ئەسكەرلەر قىرىلىپ كەتتى. موسكۋادىن ئايرىلغان چاغدىكى 110 مىڭ كىشىلىك فرانسىيە قوشۇنىدىن 1812-يىلى 12-ئايدا نىمان دەرياسىدىن ئۆتكەندە پەقەت 20 مىڭلا ئادەم قالغانىدى. ناپولېئون ئۆزىچە يېۋڭىۋاشتىن قوشۇن تەشكىللەيمەن، دەپ ئۆزى يالغۇز چانىغا ئولتۇرۇپ، ئالدىراپ-تېنەپ پارژغا قايتىپ بېرىۋالدى. فرانسىيە-رۇسىيە ئۇرۇشى يىراققا يۈرۈش قىلغۇچى فرانسىيە قوشۇنىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇبىيتى بىلەن ئاخىرلاشتى.

فرانسىيەرۇسىيە ئۇرۇشىفرانسىيە قوشۇنىنىڭ رۇسىيەگە يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ناپولېئون قوشۇنى «يېڭىلمەس قوشۇن» دېگەن رىۋايەتكە خاتىمە بەردى، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ فرانسىيەگە قارشى كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناپولېئون ئىمپېرىيەسى ھالاكىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى. رۇسىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ ئۇرۇش دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش يولىدىكى قوغدىنىش ئۇرۇشى بولۇپ، رۇسىيەنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. شۇ قېتىمقى ۋەتەن ئۇرۇشىغا دائىر خاتىرە بۇيۇملىرى رۇسىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تا بۈگۈنگە قەدەر ساقلىنىپ كەلمەكتە.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#