شىگشىن بازىرى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىگشىن بازىرى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى خورا تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 755 كىۋادىرات كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يەر 59 مىڭ مو؛ ئولتۇراقلىشىپ قالغان مىلەتلەردىن خەنزۇ، خۇيزۇ، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت سەككىز مىللەت بار، 3320 ئائىلىلىك بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇلار %50.39، ئۇيغۇرلار %34.78، خۇيزۇلار %8.59، موڭغۇل %5.28 نى ئىگىلەيدۇ، باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر %0.96 ىنى ئىگىلەيدۇ، يېزا ئىگىلىك نوپۇسىدىكىلەر 12000 مىڭ؛ تەۋەسىدە 11 مەمۇرىي كەنت، بىر مەھەللە كومىتېتى. بۇ يەرنىڭ كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ قۇرغاق قۇرۇقلۇق ئىقلىمىغا تەۋە، تۆت پەسىل ئېنىق. ئاساسلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەردىن پىگمېنتلىق مۇچ، پەمىدۇر، كېۋەز، جۇخار گۈلى قاتارلىقلار بار.
2014-يىلى قاراشلىق مەھەللىلەردىن 11 كەنت ئاھالە كومىتېتى، بەخت يولى مەھەللىسى، سانباقباغ كەنتى، شارچېكە كەنتى ،شىگشىن كەنتى، خارمودۇن كەنتى، خوردۇن كەنتى، نەمانمودون كەنتى، خوراتاغ كەنتى، زىنىچۈەن كەنتى، خورا كەنتى، 54 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى، بىر ئاھالىلەر كومىتېتى تەسىس قىلىنغان.
2006-يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 321 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2011-يىلىدىكىدىن ٪32.6 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-ئىشلەپچىقىرىش 11386.2 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن، 2-ئىشلەپچىقىرىش 18229.63 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن، 3-ئىشلەپچىقىرىش 1345.12 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئاساسلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرىدىن : 10329 توننا ئاشلىق، ياغلىق دان 53 مىڭ توننا، 2367 توننا قىزىلچا، 426 توننا ئارپىبەدىيان، پىگمېنتلىق مۇچ 1333 توننا، پاختا 3319 توننا، سانائەتكە ئىشلىتىدىغان پەمىدۇر 11349 توننا قاتارلىق زىرائەت مەھسۇلاتلىرى بار. كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىدىغان يەر 11817مو.
2006-يىلى «ئاپتونوم رايوننىڭ سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكرى» نىڭ تەلىپى بويىچە، پۈتۈن بازاردىكى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلانى ئېلىپ بېرىلغان، ھەمدە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىنىڭ «بىر يىلدا ئاساس سېلىش، ئۈچ يىلدا ئۈنۈمىنى كۆرۈش، 5 يىلدا چوڭ ئۆزگىرىش بۇلۇش، ئون يىللىق نەتىجە يارىتىش» ئومۇمىي پىكىر يولى يولغا قۇيۇلۇپ، بازار رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئومۇمىي پىلانى تۈزۈپ چىقىلغان ۋە يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ تۈزىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار بويىچە ۋە ھەر قايسى كەنت «مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى»، «كەسىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى»، «كەنتلەرنى تۈزەش پىلانى» قاتارلىقلار يولغا قۇيۇلغان. كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى يولغا قويۇلغان. يېڭىدىن سۇ سىڭمەس ئۆستەڭلەر ياسالغان، توپىلار تىندۇرۇلغان، لاتقىلار تازىلانغان، تۇرۇبا سۈيى تۇرۇبا يولى قېزىش قۇرۇلۇشى تاماملانغان، كەنت ئاھالىسى ۋە دېھقانلارنىڭ سۇ ئىشلىتىش مەسلىسى ھەل قىلىنغان؛ ھەممە ئائىلىلەرگە توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يولغا قۇيۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەل قىلىنغان؛ ئىشلەپچىقىرىشنى زورايتىپ، ھەرقايسى كەنت، گۇرۇپپا كادىرلىرى، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى مەركەزلىك تۈزەش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان؛ يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي ياسالغان، ئەمگەك-مۇلازىمەت كىرىمى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دۆلەت خام چوتى ئىچىدىكى مەخسۇس مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق بازار مەدەنىيەت پونكىتىنى قۇرغان؛ ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىنىپ، پۇختىلاش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق تاماملانغان؛ ناھىيەلىك يېڭى يېزا خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا، بۇ كەنتىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.