چاكا مۇخ
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇ رويا ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك چاكا مۇخنىڭ پۈتۈن چۆپى بولۇپ «چاكا مۇخ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
پالىزتىروسىد (Palustoside)، رۇتىم، خلىروگىنىك كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار، ئۇچۇچان ماينىڭ تەركىبىدە مىتئونىللىن (methyioanillin) بىلەن پىپرونال (pipronal) بار. يىلتىزىنىڭ تەركىبىدە رۇبىدىن (Rubidin) بىلەن پىسۇدىپۇرپۇرىن گىلكوزا (Pserdequr purin glocoside) بار.
بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.
زەھەر قايتۇرۇش، ئىششىق ياندۇرۇش، سۈيدۈكنى راۋان قىلىش، قىچىشىشنى پەسەيتىش.
ئۆتكۈر يەلتاشما، چاقا، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، زەھەرلىك ھاشارات چېقىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1. چاكا مۇخنى ئېزىپ چايان يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، زەھەرلەنگەن ئورۇنغا چاپسا زەھەر قايتۇرۇپ ئىششىق ياندۇرىدۇ.
2. چاكا مۇخ، سەرسىبىل، چۆپچىن، زەرچۇبەلەرنى 10 گىرامدىن ئېلىپ، قاينىتىپ بەدەن سىرتىدىن يۇيۇپ بەرگەندە يەلتاشمىغا شىپا قىلىدۇ.
4~12 گىرام، سىرتقى تەرەپتىن مۇۋاپىق مىقداردا.
توسۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.
شاھتەررە.
چىمەنلىكلەردە، تاغ باغرىلىرىدا، ئورمان بويلىرىدا ئۆسىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن چىقىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.