بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى

بويۇن

بويۇن ئۇمۇرتقا كېسىلى بويۇن ئۇمۇرتقىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، — بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ، ئۆسۈش خاراكتېرلىك بويۇن ئۇمۇرتقا ياللۇغى بويۇن نېرۋا يىلتىزى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى بويۇن ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش،بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئۆسىۋىلىشقاتارلىقلارنىڭ  ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ،بويۇن ئومۇرتقىسىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى بويۇن ئۇمۇرتقا كېسلى
ئىنگلىزچە cervical spodylosis
كېسەللىك سەۋەبى بويۇن ئومۇرتقا سۆڭىكىنىڭ چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىشى
تەۋە بۆلۈم تاشقى بۆلۈم، سۆڭەك بۆلىمى
كېسەللىك ئورنى بويۇن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 颈椎病
ئاساسلىق ئالامىتى بويۇن، باش قىسمى ئاغرىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشانغانلار
يۇقۇملىنىشى يۇقۇمسىز
باشقا نامى بويۇن ئۇمۇرتقىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بويۇن ئۇمۇرتقا كېسلى بويۇن ئۇمۇرتقىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك بوغۇم ياللۇغى ، ئۆسۈش خاراكتېرلىك بويۇن ئۇمۇرتقا ياللۇغى، بويۇن نېرۋا يىلتىزى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، بويۇن ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چىقىپ كېتىش كىسىلى قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ ،ئۇمۇرتقىنىڭ چېكىنىش خاراكتېرلىك پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى سەۋەبلىك بولىدۇ . ئاساسلىقى بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئۇزاق مۇددەت زورۇقۇش ، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى , ياكى ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى چىقىپ كېتىش ،سەۋەبلىك بويۇن ئۇمۇرتقىسى ئۇمۇرتقا يولۇن ، نېرۋا يىلتىزى ياكى ئۇمۇرتقا ئاتېرىيەسىنىڭ بېسلىشى ، بىر قاتار ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسەللىك ئالامىتىنى پەيدا بولدى .[0]

دەسلەپكى باسقۇچتا بويۇن بىئارام بولۇپ، بويۇن ئاغرىيدۇ شۇنداقلا ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچرايدۇ

نېرۋا يىلتىزى بېسىلغاندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۆچە ئاغرىيدۇ، قول بارماقلىرى كۈچسىز بولىدۇ شۇنداقلا بارماق ئۇچىغا رىئاكسىيە قىلغاندەك سېزىم بولىدۇ.

ئەگەر ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئارتېرىيەسى بېسىمغا ئۇچرىسا، باش قېيىش، ئاغرىش، باش قېيىش، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ.

يولۇن بېسىمغا ئۇچرىسا، قول – پۇتلىرى كۈچسىز بولۇش، ھەرىكەت تېتىك بولماسلىق، يول يۈرسە پاختا دەسسىگەندەك سېزىم بولىدۇ، يول يۈرۈش تەسلىشىش، قەدەملىرى نورمالسىز بولۇش ھەتتا ئۆرە تۇرۇش تەڭپۇڭ بولماسلىق شۇنداقلا چوڭ – كىچىك تەرەت ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئارام ئېلىش

بويۇنتورۇق تاقاش ۋە ئېڭەك تىرەش

فىزىكىلىق داۋالاش

بويۇن ئۇمۇرتقىسىنى تارتىپ داۋالاش 

دورا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئۇۋىلاش، ئۇۋىلاپ داۋالاش 

بويۇن ئۇمۇرتقا كېسىلىنى ئوپراتسىيە قىلىپ داۋالاش

كەينى ئۇمۇرتقا تاختىسىنى كېڭەيتىپ شەكىل كىرگۈزۈش ئوپراتسىيىسى

ئالدى ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى كېسىش ئوپراتسىيىسى، ئۇمۇرتقا تېنى ئارىلىقغا سۆڭەك كۆچۈرۈپ بىرلەشتۈرۈش ئوپراتسىيىسى

ئۇمۇرتقا ئارىلىق تەخسىسىنى ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسى

ئاۋال بەزى چوڭقۇر نەپەسلىنىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛

ئەسلىگە كېلىش مەزگىلىدە، پۇت – قول ھەرىكىتى يېتىش ئورنى بارغانسىرى يېرىم يېتىش، ئولتۇرۇشقا ئاندىن كېيىن كارۋاتتىن چۈشۈپ ھەرىكەت قىلىشقا ئۆزگىرەيدۇ.

ئوپراتسىيە قىلغان ئورۇنغا قارىتا، ئېڭەك تىرىگۈچنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىپ بەرسە بولىدۇ، بىراق جىددىي ھەرىكەت قىلىپ، بويۇننى تولغاش قاتارلىق پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.

ئەڭ ئاخىرىدا، ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى 3 ئاي، يېرىم يىل، بىر يىل، ئىككى يىلدا دوختۇرخانىغا كېلىپ سۈرەتكە ئالدۇرۇپ، قايتا دىئاگنوز قويدۇرۇپ، ئوپراتسىيەدىن كېيىنكى ئەسلىگە قايتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەيدۇ.[1]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى  

http://www.bilimnur.com/?p=781

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#