بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىچىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بالىياتقۇ بوينى جىنسىي يول ياللۇغى ۋە بالىياتقۇ بوينى نەيچىسى شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كىلىنىكىدا ئۆتكۈر خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك بالىياتقۇ بوينى ياللۇغىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 11-كۈنى يوللانغان
بۇرما تەنچىسى پەيدا قىلغان سىرتقى جىنسىي ئەزا تىرىسىدە جاراھەت «يارا» پەيدا بولۇشى بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق سوزۇلما خاراكتېردىكى تىرە كېسەللىك «ياكى جىنسىي كېسەللىكى» بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىدە «كۈز يارىسى» خەلق ئارىسىدا قارا يەل دەپ ئاتىلىدۇ. غەرب تېبابىتىدە «سىفلىس» دەپ ئاتىلىدۇ.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 13-كۈنى يوللانغان
بۇ كېسەللىك، سىرتقى زەخىم، كۆپ تۇغۇش، قىيىن تۇغۇت، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپ قېتىم بالا ئالدۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان دوۋسۇن، بەل قاتتىق ئاغرىش ۋە چىڭقىلىش، بەزىدە قان بىلەن يىرىڭ ئارىلاش كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىكتۇر.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2015-يىلى 09-ئاينىڭ 30-كۈنى يوللانغان
تاجىسىمان ئارتېرىيەنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى تولۇق بولمىغانلىقتىن، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قان ۋە ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى جىددىي، ۋاقىتلىق، يېتەرسىز بولغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان كۆكرەك ئاغرىش ۋە كۆكرەك سىقىلىش ئالامىتى كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 19-كۈنى يوللانغان
قۇلاق ئاغرىش (ۋەجئۇلئۇزنى، دەردى گۇش) ھەر خىل قۇلاق كېسەللىكلىرىدە قۇلاق ساھەسى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان قوشۇمچە ئالامەتكە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسەللىك، ئومۇمىي بەدەننىڭ مىجەزى بۇزۇلۇش...
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 23-كۈنى يوللانغان
ئۆپكە ياللۇغى دېگىنىمىز ئاخىرقى نەپەس يولى، ئۆپكە ۋە ئۆپكە ئارىلىق توقۇلما ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ. باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرت قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملار ۋە رادىيوئاكتىپ نۇر، سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك غەيرىي فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان
باش ئاغرىش ھاياتىمىزدا ئەڭ كۆپ ئۇچۇرايدىغان بىر خىل كىسەللىك ئالامىتى .ھەرخىل سەۋەبلەردىن باش قىسمى چىڭقىلىپ ئاغرىيدۇ.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 06-ئاينىڭ 27-كۈنى يوللانغان
مېڭە ھۈجەيرە توقۇلمىلىرىغا تەكرار ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ياكى قېرىلىق سەۋەبىدىن مېڭە يىگلەپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەش، ئۇيقۇسىزلىق، خاتا سېزىم پەيدا بولۇش، ئەقلىي تەپەككۇرى سۇسلىشىش، ئاساسەن ئاچ...
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 07-ئاينىڭ 10-كۈنى يوللانغان
بۇ كېسەللىك، بويىدىن ئاجراش، قىيىن تۇغۇت، بالىياتقۇ زەخىملىنىش ۋە بالىياتقۇ زەئىپلىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ كىندىك ئاستىدا كۆپۈپ ئاغرىيدىغان ئىششىق بولۇش، باسقاندا ئاغرىش، ئاغرىش يانپاش ۋە مەيدە تەرەپكە تاراش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2015-يىلى 09-ئاينىڭ 30-كۈنى يوللانغان
ھەرخىل سەۋەبلەردىن قان تومۇر ئىچىدىكى قاننىڭ قان تومۇر دىۋارىغا بېرىدىغان بېسىمى يۇقىرىلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان، يەڭگىل بولغاندا روھىي جەھەتتىن جىددىيلىشىش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، كۆز تورلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان، ئېغىرلاشقاندا مېڭە، يۈرەك، بۆرەك قاتارلىق ئەزالارنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلىشىپ مۇناسىپ ئالامەتلەر كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك.
تۇرمۇش »ساغلاملىق »كېسەللىك بۇ يازما 2016-يىلى 02-ئاينىڭ 18-كۈنى يوللانغان