ئۇيغۇرچە نامى چاقۇرت بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 120 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 恰库尔图镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون كۆكتوقاي ناھىيەسى
نوپۇسى 2054 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چاقۇرت بازىرىچاقۇرت بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسى گە قاراشلىق مەمۇرىي رايون بۇلۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرقىي شىمال گىرۋىكى، كۆكتوقاي ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا بولۇپ، ئۈلۈڭگۈر دەرياسى ئىككى قىرغىقى 216-دۆلەت يولى لىنىيەسىنى تىك كىسىپ ئۆتىدۇ. چاقۇرت بازىرى ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي 216-دۆلەت تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. شىمالدا ئالتاي شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 280 كىلومېتىر، جەنۇبىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 396 كىلومېتىر، ئۈرۈمچى بىلەن ئالتاي ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، ئالتاي ۋىلايىتى نىڭ سىرت بىلەن ئالاقە قىلىدىغان «شەرقىي دەرۋازىسى»، شۇنداقلا پۈتكۈل ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قاتناش تۈگۈنى. ئومۇمىي كۆلىمى 120 كۋادرات كىلومېتىر، ئومۇمىي نوپۇسى 2054 ئادەم. 

كىلماتى 

چاقۇرت بازىرىچاقۇرت بازىرى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئوكيانلاردىن يىراق، كەڭلىكى ئېگىز، كىلىماتى قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتىغا تەۋە، قۇياش ئېنېرگىيە مەنبەسى مول، قۇياش رادىئاتسىيىسى كۈچلۈك. يىللىق رادىئاتسىيە ئومۇمىي مىقدارى 1338 كىلوكالورىيە/ كۋادرات سانتىمېتىر، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2805 سائەت، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش نىسبىتى %70-%65، ئەڭ كۆپ يىللىق يىغىندى تېمپېراتۇرا ℃30940، ھاۋاسى نەم، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃4.30، مۇتلەق ماكسىمۇم ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃40.60، مۇتلەق مىنىمۇم تېمپېراتۇرا ℃41.70-، قىروسىز مەزگىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 150 كۈن، ئەڭ چوڭ توڭ تۇپراق چوڭقۇرلۇقى 160 سانتىمېتىر.

يەر شەكلى، يەر يۈزىنىڭ تۈزۈلۈشى

چاقۇرت بازىرىچاقۇرت بازىرى ئۇلۇڭگۈر دەرياسى سايلىق بەلۋاغلارغا تارقالغان، شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى ئېدىرلىق تەكشىلىك، جەنۇبىي قىرغاق يانتۇلۇقى بىر قەدەر ئاستا، شىمالىي قىرغىقىدىكى يانتۇلۇقى بىر قەدەر تۆۋەن، شەرقى ئېگىز، غەربى پەس، يەر تۈزۈلۈشى بىر قەدەر تەكشى، بىراق نەچچە يۈز كىلومىتىر كېڭىيىۋاتىدۇ، ئومۇمىي يەر شەكلى جەنۇب شىمالى تۈز تۆپىلىك، ئوتتۇرىسى ساي، غەرب شەرقى تەكشى تار بەلباغسىمان يەر شەكلىدە.

سۇ رايى، گېئولوگىيەسى 

چاقۇرت بازىرىچاقۇرت بازىرى دەريا رايون بەلبىغى، شىمالىي قىرغىقى تىك قىيالار، تۆتىنچى سىستېما بىر قەدەر نېپىز توپا قاتلىمى بىلەن قاپلانغان، جەنۇبىي قىرغىقى بىر قەدەر يانتۇ، تۆتىنچى سىستېما بىر قەدەر قېلىن توپا قاتلىمى بىلەن قاپلانغان، خېلى بىر قىسمى 3 قەۋەت سېغىز. ۋادا بەلۋاغلىرىغا تارقالغان يەر ئۈستى تۆتىنچى سىستېما كەلكۈن چۆكۈندىسى تۈزلەڭلىكلىرىگە قۇمسىمان توپا قاپلاپ تۇرىدۇ، ئاستى قۇم-شېغىل، قېلىنلىقى بىر قانچە مېتىردىن ئون نەچچە مېتىرغىچە كېلىدۇ. تەۋەسىدە دەريالاردىن ئاساسلىقى ئۈلۈڭگۈر دەرياسى بار، ۋادا بەلۋاغلىرىغا تارقالغان يەر قاتلىمى بىر قەدەر قېلىن قۇم شېغىل، يەر ئاستى سۇيىنى ساقلاش ۋە ھەرىكەتلىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ، ئۈلۈڭگۈر دەرياسى چاقۇرت دەريا ۋادىسىدىكى يەر ئاستى سۈيىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر مول.

چاقۇرت بازىرىچاقۇرت بازىرى جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار قوغدىلىدىغان رايون-قارا مايلى تېغى تەبئىي مۇھاپىزەت رايونى بار، بۇ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 17 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. مۇھاپىزەت رايونىدىكى بۆكەن تەخمىنەن 180-150 مىڭ تۇياق، ئارقار تەخمىنەن 200 تۇياق، جۇڭغار قۇلانى 7000-5000 تۇياق.

چاقۇرت بازىرىچاقۇرت بازىرى قارمىقىدا ئىككى مەمۇرىي كەنت (چوسەنباي كەنتى، قاشۇۋۇن كەنتى)، بىر تەبىئىي كەنت (چاقۇرت كەنتى)، ئىككى مەھەللە (مېھمان كۈتۈش يولى مەھەللىسى، مەدەنىيەت يولى مەھەللىسى) قاتارلىقلار بار. 

چاقۇرت بازىرى2003-يىلى پۈتۈن بازار GDP قىممىتى 11 مىليون 875 مىڭ يۈەن، بۇنىڭ ئىچىدە، 1-كەسىپنىڭ 5 مىليون 600 يۈەن؛ 2-كەسىپنىڭ 4 مىليون 668 مىڭ 500 يۈەن؛ 3-كەسىپنىڭ 2 مىليون 210 مىڭ يۈەن؛

مالىيە كىرىمى 210 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2753 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 370 يۈەن ئاشقان.

2004-يىلى پۈتۈن بازاردىكى GDP قىممىتى 13 مىليون 965 مىڭ 300 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %15 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 5 مىليون 819 مىڭ 300 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 16% ئاشقان؛ 

2-كەسىپنىڭ 5 مىليون 470 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 17% ئاشقان؛ 

3-كەسىپنىڭ 2 مىليون 676 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 21% ئاشقان؛  

مالىيە كىرىمى 3 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 3255 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 470 يۈەن ئاشقان.

2005-يىلى پۈتۈن بازاردىكى مۇقىم كىرىم 22 مىليون 40 مىڭ يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %27 ئاشقان؛

مالىيە كىرىمى 900 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3710 يۈەن ئېشىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 455 يۈەن ئاشقان.

2006-يىلى بازار بويىچە سانائەت قوشۇلما قىممىتى 1 مىليون 560 مىڭ يۈەن؛ مالىيە كىرىمى 1 مىليون 120 مىڭ يۈەن؛ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 4005 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 295 يۈەن ئاشقان.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#