ئۈرۈمچى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹گۈزەل يايلاق ››دېگەن مەنىدىكى سۆز بولۇپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز –ئوكياندىن ئەڭ يىراق شەھەر ھېسابلىنىدۇ.
ئۈرۈمچى بولسا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسى ،ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، پەن –مائارىپ ،قاتناش مەركىزى، دۆلىتمىزنىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇھىم مەركىزى شەھەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىغا يۈزلەنگەن سەدا مەركىزى، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغىدىكى مەركەزلىك شەھەر .
ئۈرۈمچى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى زامانىۋىيلاشقان تېز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىۋاتقان ھەم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان شەھەر، يۇقىرى دەرىجىدە مەركەزلەشكەن ئىقتىسادى، سىياسى، بايلىق ئورنى ۋە قاتناش تۈگۈنى قاتارلىق سەۋەپلەر ئۈرۈمچىنى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان ئونۋېرسال كۈچكە ئىگە قىلدى، ھەمدە غەربتىكى مەركىزى شەھەرگە ئايلاندۇرغان.
ئۈرۈمچى ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. غەربىي ۋە شەرقى قىسىمى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، جەنۇپ قىسىمى بايىنغىلون موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەن چىگىرلىنىدۇ، شەرقى جەنۇبى قىسىمى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى مۇھىم شەھەر.
ئۈرۈمچى-دۇنيادىكى دېڭىز–ئوكيان بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق شەھىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دېڭىز قىرغىقى بىلەن بولغان ئارىلىقىمۇ 2250 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئۈرۈمچى- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى بولۇپلا قالماي، يەنە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنڭ مەركىزى شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ مەدەنيەت ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم مەركەز. ئۈرۈمچى ئۆزىگە خاس جۇغراپىيىلىك ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربنى ئېچىشتىكى مۇھىم يول ئېغىزى ھەمدە سىرتقى ئىقتىساد–مەدەنيەت ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆزنەك.
ئۈرۈمچى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسىمىغا جايلاشقان، ياۋرو ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالى ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىگە جايلاشقان. شەرقى قىسىمى تۇرپان ۋىلايىتى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى تۇدۇڭخابا ۋە سانجى شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، غەربى جەنۇبى خېجىڭ ناھىيىسى بىلەن چىگرىلىنىدۇ، شىمالىدىكى بوغدا تېغى بويلاپ بىلەن جىمىسار ناھىيىسى، فۇكاڭ شەھىرى بىلەن چىگرىلىنىدۇ. شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86°37'33"-88°58'24" قا جايلاشقان، شىمالىي كەڭلىك 42°45'32"-45°00'00" كە جايلاشقان.
2014-يىلى ئاخىرىغىچە، پۈتۈپ چىققان رايونى كۆلىمى 41260 كۋادرات كىلومېتىر. 2014-يىلى، پۈتۈن شەھەر كۆكەرتىش قاپلىنىش كۆلىمى 26900 گېكتار بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 5.9 ئاشقان، باغۇ-بوستان كۆلىمى 14600 گېكتار، %7.4 ئاشقان.
يېشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %38.5 كە يەتكەن. ئۈرۈمچى يەر تۈزۈلۈشى ئېگىز – پەسلىك پەرقى چوڭ، تاغلىق يەر كۆلىمى كەڭ. جەنۇبى قىسمى، شەرقىي شىمالىي قىسىمى ئېگىز، ئوتتۇرا قىسمى، شىمالىي پەس. ئەڭ ئېگىز نۇقتىسى تەڭرىتاغ بوغدا چوققىسى چوققا، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 5445مېتىر، ئەڭ تۆۋەن نۇقتىسى مېڭجىن سۇ ئامبىرى چوڭ ئۆستىڭى جەنۇپ تەرىپىدە، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 490.6 مېتىر كېلىدۇ.
ئىككى جايدىكى گورىزونتال ئارىلىق 75 كىلومېتىر بولۇپ، ئېگىزلىك پەرقى 4954.4 مېتىر كېلىدۇ. تاغلىق يەر كۆلىمى ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلەمنىڭ % 50 تىن كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ، شىمالى تىنما تۈزلەڭلىك ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ ئوندىن بىرىگە يەتمەيدۇ، شەھەر رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئىگىزلىكى 800 مېتىر.
ئۈرۈمچى دۇنيادىكى ئوكيان بىلەن بولغان ئارلىقى ئەڭ يىراق شەھەر بولۇپ، ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرلىك قۇرغاق كىلىماتقا تەۋە ، ئەڭ ئىسسىق ۋاقتى 7 -، 8 -ئاي بولۇپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 25.7 سېلسىيە گىرادۇس، ئەڭ سوغۇق ى بولسا بىرىنچى ئاي بولۇپ ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 15.2- سېلسىيە گرادۇس.
ئۈرۈمچىنىڭ كۈز پەسلى ھەر يىلى 24 – ئاۋغۇست ھەر باشلىدى. شىمالى تۈزلەڭلىكىدى 10 كۈن كېچىكىپ كېلىدۇ، كۈز كىرگەندىن كېيىن، ھاۋا مۇھىتى بىر قەدەر مۇقىم، ھاۋا سوغۇقمۇ ئەمەس، ئىسسىقمۇ ئەمەس، ناھايىتى يېقىشلىق. 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا كېيىن، سوغۇق ھاۋانىڭ كەينى-كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، تېمپىراتۇراىنىڭ تۆۋەنلىشى تېز بولىدۇ.
10-ئايدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى چوڭىيىپ كېتىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن قىش، ھەر يىلى 11- ئاينىڭ 3 -كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 4-ئاينىڭ 8 -كۈنىگىچە 150كۈن داۋاملىشىدۇ. ئۈرۈمچى شەھىرى ئۈچ تەرەپتىن تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، شىمالى خۇددى جۇڭغار ئويمانلىقىىغا قاراپ تۇرغان كاناي ئېغىزى، تەڭرىتاغ توسىقى بولغاچقا، سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھەمىشە ئويمانلىقى ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ.
جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى تاغ ئالدى ئېدىرلىق بولمىسىمۇ بىراق بىر « مۆتىدىل بەلباغ » باردەك، 1-ئايدا ھاۋا تېمپېراتۇرىسى شەھەر رايونى 4، 5 سېلسىيە گىرادۇس يۇقىرى بولۇش، بۇ خىل ئۆزگىچە قىش پەسىللىك كىلىمات شارائىتى، پارنىكتا كۆكتات ئىشلەپچىقىرىشقا ماس كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى قار 175 كۈن داۋاملىشىدۇ.
نوپۇس
2011 -يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى ئېلىپ بېرىلغان مەملىكەت بويىچە 6 - قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش كۆرسىتىش شەھەر بويىچە :
دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس3112559 كىشى ، 5 - قېتىملىق مەملىكەت بويىچە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش 2000 -يىلى 11-ئاينىڭ 1 -كۈنى سائەت 0 دىكى2081834 ئادەم بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، 10 يىلدا جەمئىي 1030725 ئادەم كۆپەيگەن، ئېشىشى %49.51 ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى%4.10 بولغان . پۈتۈن شەھەردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس ئىچىدە ئەرلەرنىڭ نوپۇسى 1610775 ئادەم ، %51.75 نى ئىگىلەيدۇ؛ ئاياللار نىڭ نوپۇسى 1501784 ئادەم ، %48.25نى ئىگىلەيدۇ. پۈتۈن شەھەردىكى نوپۇس ئىچىدەخەنزۇ نوپۇسى 2331654 ئادەم بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 74.91، ھەر قايسى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى 780905 ئادەم بولۇپ ، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ % 25.09 . 6 -قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش ۋە 2014 يىللىق جامائەت خەۋپسىزلىكى نوپۇس يىللىق مەلۇمات ماتېرىياللىرىنى ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا ،2014 -يىلى پۈتۈن شەھەردىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس0000 353 ئادەم ، بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا70 مىڭ ئادەم كۆپەيگەن.
مىللەت
ئۈرۈمچى كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر، بۇرۇندىن تارتىپ ئولتۇراقلاشقان مىللەتتىن13 ى بار، ئۇيغۇر، خەنزۇدىن باشقا ،ئاتا بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئولتۇراقلىشىپ كېلىۋاتقانلىرىدىن خۇيزۇ ، قازاق ، مانجۇ، شىبە ، موڭغۇل، قىرغىز، تاجىك، تاتار، ئۆزبېك، روس، داغۇر قاتارلىق مىللىتلەر بار. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاز سانلىق مىللەت 49 ى بار، ئومۇمىي نوپۇسى 3110300 (6-قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئۆلچىمى.
رايون نامى | كۆلىمى(k㎡) | نوپۇسى | نوپۇس نىسبىتى(%) | پوچتا نومۇرى |
---|---|---|---|---|
تەڭرىتاغ رايونى | 171 | 696277 | 22.37 | 830002 |
سايباغ رايونى | 422 | 664716 | 21.36 | 830000 |
يېڭى شەھەر رايونى | 143 | 730307 | 23.46 | 830011 |
بۇلاقتاغ رايونى | 92 | 390943 | 12.56 | 830017 |
تۇدۇڭخابا رايونى | 276 | 172796 | 5.55 | 830026 |
داۋانچىڭ رايونى | 5188 | 40657 | 1.31 | 830039 |
مىدۇڭ رايونى | 3407 | 333676 | 4.94 | 831400 |
ئۈرۈمچى ناھىيەسى | 4332 | 83187 | 3.57 | 830063 |
رايونلار ئايرىمىسى نامى 2005-يىلى 12-ئايغىچە بېكىتىلگەن نام ئېلىندى، يەر كۆلىمى 2006-يىلىغىچە بولغان ئۇچۇر ئېلىندى، نوپۇس سانى ئالتىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئىشلىتىلدى. |
ئۈرۈمچى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكىدىكىدىكى ئىككىنچى ئىقتىساد بەلبېغى، جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى مۇھىم ئىقتىساد مەركىزى. ئۈرۈمچى بىلەن قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى ئەللەر، قەدىمدىن تارتىپ ئالاقە قىلىدىغان سودا مۇھىم تۈگۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا نىسبەتەن بىر قەدەر كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش رولى بار.
2014 -يىلى ياراتقان ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىت 251مىليارد يۈەن بولغان، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 10.5 ئۆسۈپ. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3 مىليارد يۈەن، %5.6 ئاشقان، ئىككىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 95 مىليارد 500 مېليون يۈەن بولۇپ، % 12.2 ئاشقان، ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 152 مېليارد 500 مېليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ شۇ مەزگىلىدىكىدىن% 9.3 ئاشقان.
ئۈچىنچى كەسىپنىڭ قۇرۇلما نىسبىتى 1.2:38.1:60.7 بولغان. پۈتۈن بىر يىلدا يەرلىك مالىيە كىرىمى 45 مېليارد 297 مېليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %13.0 ئاشقان. يىللىق تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكىسپورت ئومۇمىي سوممىسى 8 مېليارد 285 مېليون دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 6.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 7 مېليارد 217 مېليون ئامېرىكا دوللىرى، %12.8ئاشقان، ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى1 مېليارد 68 مېليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%23.6 تۆۋەنلىگەن.
ئۈرۈمچى بولسا پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەتتە پۈتۈن جوڭگۇدىكى مۇھىم ساياھەت توپلاشقان مەركەزلىك ئورۇن، تەڭرىتاغ تىزمىللىرىدا ئىگىز تاغ قارمۇز مەنزىرلىرى بار، تاغدىكى ئورمان مەنزىللىرى، ئوتلاق مەزىرلىرى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادىتى مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ساياھەت مەنزىرلىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
شىنجاڭ خەلىقئارا چوڭ بازار، دۆڭكۆۋرۈك، مىللەتلەر كوچىسى قاتارلىقلار قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەنزىرە نۇقتىسى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا داڭلىق، يىپەك يولى قارمۇز ساياھىتى، يىپەك يولى كىيىم-كېچەك بايرىمى قاتارلىق يىپەك يولى مەداەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرنى مۇجەسسەم قىلغان بايرام ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى ئۈرۈمچىنى ئۆزگىچە بىر شەھەر قىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا قىزىل تاغ، يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانى، شۇيموگو ساياھەت نۇقتىسى، جەنۇبىي تاغ غەربى بەيياڭگۇ قاتارلىق ساياھەت نۇقتىللىرى بار .
ئۈرۈمچى ئاساسلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە قول ھۈنەر بويۇملىرىىدىن ئۇيغۇر دوپپىسى، كەشتىە، ئالتۇن كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرى، قاشتاش نەقىش بۇيۇملىرى، گىلەم، ياغاچ ئويما، مۈڭگۈزسىمان قامچا، شىبە مىللىتى غاڭزا، خۇرۇم ئۆتۈك، ئېرىق رىئېس تاۋىرى بولدى، يېڭىسار پىچىقى، خوتەن گىلىمى قاتارلىقلار بار.
يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلار بۇغا مۈڭگۈزى، ئېشەك يېلىمى، بۇغا قان ھارىقى، ئىلى ناخشىللىرى ، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك يېڭى مېۋىلەر، مەسىلەن، ئۈزۈم، قوغۇن، ئانار، ئەنجۈر، ئەنجۈر شاپتۇل، كورلا نەشپۈتى، كۇچانىڭ ئاق كىشمىشى، ئاقسۇنىڭ ئالمىسى ۋە ھەرخىل قۇرۇق مېۋىلەر بار.
بۇنىڭ ئىچىدە ئوسمىنىڭ قاشنى قارايتىدىغان رولى بولۇپ تەبىئىي بولغان پەرداز بۇيۇملىرى، ئۇيغۇر قىزلىرى كىچىكىدىن تارتىپلا ئۇنى ئىشلەتكەچكە، شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر قىزنىڭ قېشى قارا ھەم قويۇق بولىدۇ .
بەنفاڭگۇ _____ ئېقىندالا
خىي جىياسەن _____ تاشبۇلاق
جيۇ جىياۋەن _____ شاپتۇللۇق
نىيەن زىگوۋ _____ خۇمدانلىق
ۋۇ جىيا چۈ _____ ئوتۇنكوزا
با جىيا خۇ _____ سەككىزتۈتۈن
دوڭ باجىياخۇ _____ سېغىزدۆڭ
يەن ئەنلۇ _____ شامالباغ
داۋەن _____ داۋان (بۇ ئېنىقلىغۇ!)
نەنمېن _____ ئاققوۋۇق
ماشىخاڭزا _____ مال بازىرى
بېيمېن _____ تۆگەدەڭ
خېي شەنتو _____ يىقىلغان تاش
سەن شىخاڭزا _____ بۇلاقبېشى
خې تەنلۇ _____ ساي يولى
سەن دۇڭبېي _____ ئۈچتاش
خۇا ئەرگو _____ گۈلساي
بەي ياڭگو _____ تېرەكساي
جى جىسوزا _____ چىغدەن
يەنئەرۋو _____ قارلىغاچلىق
شۈي موگو _____ بۇلاقتاغ
جۈخۇا تەي _____ گۈلتەكچە
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى ئۇيغۇرچە قانىلى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.