قاراساي بازىرى
قاراساي بازارى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
قاراساي بازارى قاراقاش ناھىيەسى بازىرىنىڭ غەربىي شىمالىغا 33 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، شىمالى تەرىپىدە تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ ئاۋات ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى تەرىپى 47-تۈەن مەيدان ئورگىنى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبتا كۇيا بازىرى، پۇرچاقچى يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى ياۋا يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەھەر شەرقى مېردىئان ′40°79 ~ ′40°79، شىمالىي كەڭلىك ′34°37 ~ ′23°37 ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1305 مېتىر، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 3902 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 58913 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 1.63 مو.
1937-يىلىدىن كېيىن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ 7-رايونى بولغان.
1948-يىلىدىن كېيىن ئەلگە قۇلايلىق بازىرى، پارلاق يېزىسى قىلىنغان.
1948-يىلىدىن كېيىن پارلاق يېزىسى قىلىنغان، ئۇنىڭ قارىمىقىدا تاباق، بۇلاق، خوشئاۋات، چىلەك، بازار، باشئاۋات، ئاقئاۋات قاتارلىق سەككىز كەنت بولغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، 6-رايونغا ئۆزگەرتىلگەن، قارمىقىدا قازىئەھلى، شالتەر، خۇشكۆل، يىئەيئاۋات، خىشۈئاۋات قاتارلىق 5 يېزا بولغان. خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 6-رايون ۋە 7-رايون بىرلەشتۈرۈلۈپ، «قىزىل بايراق» خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان.
1978-يىلى ئۆزگەرتىلگەن ئەنئەنىۋى يەر نامى بىلەن قاراساي دەپ ئاتالغان.
1984-يىلى قاراساي يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن.
2012-يىلى قاراساي بازىرىغا ئۆزگەرتىلگەن.
2006-يىلى، تەۋەلىكىدە 17 بازارغا بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار، ناھىيىگە قاراشلىق بازار بويى كەنتى، ئارال كەنتى، چەچقۇم كەنتى، باشكۆۋرۈك كەنتى، قارا دۆڭ كەنتى، ئالاقۇم كەنتى، خامانئېرىق كەنتى، پەغەزدۆڭ كەنتى، سەيشەنبە بازار كەنتى، قوشتېرەك كەنتى، باغچى كەنتى، كۆنچى كەنتى، بۇلاق كەنتى، ھۆپېغىل كەنتى، ھاتتا كەنتى، غەجەك كەنتى، قۇمۇشكۆل كەنتى، غازئېغىل كەنتى، تېرىم كەنتى، شالدىراڭ كەنتى، تەتۈركۆل كەنتى، قويۇندۆڭ كەنتى، يېڭى يەر كەنتى، قيولۋاسخانا كەنتى، جىگدە قۇدۇق كەنتى، قاقلىق كەنتى، ئىتتىپاق كەنتى، يۇلغۇندۆڭ كەنتى، تاغدۆڭ كەنتى، كوچا يۇلغۇن كەنتى، ئايدىڭكۆل كەنتى، بوستان كەنتى قاتارلىق 32 مەمۇرىي كەنت، 158 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى بار.
2006-يىلى،بازار بويىچە 7751.59 مىڭ يۈەن ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ياراتقان، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 7100.58 مىڭ يۈەن، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %91.60 نى، 2-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 239.78 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %3.09 نى، 3-كەسىپنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 411.23 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %5.31 نى ئىگەللىگەن.
2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىم 1330.00 يۈەن بولغان. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 55500 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 416.14 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 23096 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 28 مىڭ مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 383.04 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 10725 توننا، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 27500 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 449.85 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 12371 توننا، كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىڭ 200 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 124.13 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى بىر توننا (ساپ پاختا) بولغان. يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 107150 تۇياق بولغان. ئۆزگىچە كەسىپلىرىدىن باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، پىلە باقمىچىلىقى قاتارلىقلار بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.