تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى

تولغاق كۈچسىز كېلىش

ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا بالىياتقۇ قىسقىرالماي ياكى قىسقىراش كۈچى يېتەرلىك بولماي، ھامىلىنى سىرتقا چىقىرالمايدىغان كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى
كېسەللىك سەۋەبى ھامىلىدار ئايال تېنىدىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
تەۋە بۆلۈم تۇغۇت بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى بىرلەمچى بالىياتقۇ قىسقىرىشى كۈچسىز بولۇشتا بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلمىغان بولىدۇ. تولغاق كۈچسىز كېلىدۇ.
خەنزۇچە نامى 子宫收缩乏力

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانىنىڭ 30 سائەتتىن ئېشىپ كېتىشى، بىر نەچچىنى تۇغقان ئاياللارنىڭ تۇغۇت جەريانىنىڭ 20 سائەتتىن ئېشىپ كېتىشى توختاپ قالغان تۇغۇت ياكى تۇغماسلىق دەپ ئاتىلىدۇ. توختاپ قالغان تۇغۇت ئاساسەن تۇغۇت كۈچىنىڭ نورمالسىزلىقى، تۇغۇت يولىنىڭ نورمالسىزلىقى ۋە ھامىلىنىڭ نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. تۇغۇت كۈچى نورمالسىزلىقى ئىچىدە تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ. تۇغۇت جەريانى باشلانغاندىن كېيىن بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش كۈچى كۈچسىز، قىسقىراش ۋاقتى قىسقا، ئارىلىقتىكى ۋاقىت ئۇزۇن ۋە تەرتىپسىز، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى قانۇنىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ بالىياتقۇنىڭ قىسقىراش كۈچى يېتەرلىك بولمىسا بالىياتقۇ ئېغىزى ياخشى ئېچىلماي ياكى ئېچىلغاندىمۇ ھامىلە تۇغۇلالماي، تۇغۇت جەريانى ئۇزىراپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى ياكى بالىياتقۇ قىسقىرىشى كۈچسىزلىك دەپ ئاتىلىدۇ. تۈرى: بۇ بىرلەمچى ۋە ئىككىلەمچى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنىڭ كۈچسىزلىكى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. نورمال تۇغۇتتا بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە داۋاملىشىش ۋاقتى ۋە ئارىلىق ۋاقتى بولىدۇ. بىرلەمچى خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ كۈچسىز كېلىشى: تۇغۇت باشلانغاندىلا بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى كۈچسىز بولۇپ، تولغاق بىرقەدەر ئاجىز كەلگەن ياكى قانۇنىيىتىنى يوقاتقانلىق سەۋەبىدىن بالىياتقۇ بوينىنىڭ ۋاقتىدا ئېچىلالماسلىقى)بالىياتقۇ بوينىنىڭ ئېچىلىشى ئاستا بولۇش(، بىرلەمچى خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ كۈچسىز كېلىش دېيىلىدۇ. ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ كۈچسىز كېلىشى: تۇغۇت باشلانغاندا تولغاق ياخشى بولۇپ، بالىياتقۇنىڭ ئېغىزى ئېچىلىپ، مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ياكى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ بولغاندا، تولغاقنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىپ ھامىلىنى سىرتقا چىقىرالماسلىقى ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ كۈچسىز كېلىشى دېيىلىدۇ. ئىككىلەمچى خاراكتېرلىك بالىياتقۇ قىسقىرىشىنىڭ كۈچسىز كېلىشىدە تۇغۇت باشلانغاندا بالىياتقۇ قىسقىراش كۈچى نورمال بولىدۇ. تۇغۇت جەريانى تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، بالىياتقۇ قىسقىراش كۈچى ئاجىزلاپ ھامىلە ئالدىن كېلىش قىسمى داۋاملىق تۆۋەنلىمەيدۇ. بالىياتقۇ بوينى ئېغىزىمۇ داۋاملىق ئېچىلىپ چوڭايمايدۇ. تۇغۇت جەريانى توختاپ قېلىپ ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ.

1. ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىتتىرىپ چىقىرىش قۇۋۋىتى ئاجىزلىغاندا بالىياتقۇ قىسقىرالماي ياكى قىسقىراش كۈچى يېتەرلىك بولماي، ھامىلىنى سىرتقا چىقىرالمايدۇ. 2. روھىي ئامىل سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆپىنچە تۇغۇتلۇق ئايالدا ئىدىيىۋى ئەندىشە بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، روھىي جەھەتتىن زىيادە جىددىيلەشكەنلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ كلىنىكىدا دائىم ئۇچرايدىغان مۇھىم ئامىلدۇر. 3. ياش ئامىلى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 18 ياشتىن تۆۋەن 35 ياشتىن يۇقىرى بولغان تۇنجى تۇغۇتلۇق ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. 4. ھامىلىدار ئايال تېنىدىكى بىر قىسىم كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئۆپكە كېسىلى، يۈرەك كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، كەم قانلىق، بالىياتقۇ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىق، بالىياتقۇنىڭ غەيرى شەكىللىك بولۇشى، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى قاتارلىقلاردا بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ياخشى بولمايدۇ. 5. بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرىنىڭ زىيادە كېڭىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: باش سۈيى زىيادە بولۇش، قوشكېزەك، زور ھامىلە قاتارلىقلار. 6. بالىياتقۇ مۇسكۇللىرى ياخشى تەرەققىي قىلالماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 7. بالىياتقۇنىڭ سەزگۈرلۈكى يېتەرلىك بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: ئانىلىق ھورمون ۋە ئوكسىگېن مىقدارىنىڭ يېتىشمەسلىكى ياكى ھامىلىدارلىق ھورمونىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى، ۋىتامىن B1، كالتسىي قاتارلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 8. ئاغرىق توختاتقۇچى ۋە تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار زىيادە كۆپ ئىشلىتىلگەنلىكتىن، بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى تورمۇزلىنىشىغا ئۇچراش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 9. كۆپ تۇغۇش سەۋەبىدىن بالىياتقۇ مۇسكۇل تالالىرى بوشىشىپ كېتىش ياكى بالىياتقۇ بوينىغا يەرلىك تەسىر يېتەرلىك بولماسلىق، يەنى داس سۆڭىكى نورمالسىز بولۇش ۋە ھامىلە ئورنى نورمالسىز بولۇش سەۋەبىدىن ھامىلىنىڭ ئالدىن كەلگەن قىسمى بالىياتقۇ تۆۋەنكى قىسمىغا ۋە بالىياتقۇ بوينىغا يېقىن كېلەلمەي بالىياتقۇ بوينىدىكى يەرلىك غىدىقلىنىش يېتەرسىز بولۇش ياكى بالىياتقۇ قىسقارماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

بىرلەمچى بالىياتقۇ قىسقىرىشى كۈچسىز بولۇشتا بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلمىغان بولىدۇ. تولغاق كۈچسىز كېلىدۇ. ئىككىلەمچى بالىياتقۇ قىسقىرىشى كۈچسىز بولۇشتا بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلغان ياكى تولغاق كەلمىگەن بولىدۇ. تۇغۇت ۋاقتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قورساق كۆپۈش، سۈيدۈك تۇتۇلۇش، تومۇرى تېزلىشىش، سۇسىزلىنىش ھەتتا كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كېلىپ چىقىدۇ.

تىپىك بولغان ئالامىتىگە يەنى تۇغۇت جەريانىنىڭ نورمال ۋاقىتتىن ئېشىپ كېتىپ، تۇغۇتنىڭ توختاپ قېلىشى ياكى تۇغالماسلىق قاتارلىقلارغا ئاساسەن دىئاگنوز قويىلىدۇ.

روھىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىش، تولغاق كەلتۈرۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۇغۇتنى تېزلىتىش ۋە تولغاق كەلتۈرۈش مەقسىتىدە تۆۋەندىكى ئۇسۇللار تاللاپ قوللىنىلىدۇ. قارا شېكەرنى قايناق سۇدا ئېرىتىپ ئىچكۈزىلىدۇ، توخۇ شورپىسىغا ئازراق بادام يېغى ياكى بادام بىلەن قاينىتىپ توخۇ بىلەن شورپىنى ئىستېمال قىلدۇرىلىدۇ. ماگنىت تاشنى سۇفۇپ قىلىپ سۇ ياكى ھاراق بىلەن ئىچىشكە بېرىلىدۇ ياكى 3g~2g نى تالقانلاپ قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ئاق ماشنىڭ ئۇنىنى ھەسەل ۋە يۇمشاق سوقۇلغان مورمەككى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ھەمەل قىلىنىدۇ. خىيارى شەنبەردىن 45g ئېلىپ سوقۇپ، قايناق سۇغا چىلاپ تەمى چىققاندىن كېيىن 100g نۇقۇتنى قايناتقان سۇ بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ. خىيار شەنبەرنى بىنەپشە شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ. ھاۋانىڭ ياكى شۇ ھامىلىدار ئايالنىڭ مىزاجىنىڭ ئىسسىق بولۇش سەۋەبىدىن قىيىن تۇغۇت كېلىپ چىققان بولسا، تۆۋەندىكى داۋالاش ئۇسۇللىرى تاللاپ قوللىنىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، مۇۋاپىق مىقداردا بىنەپشە يېغى، ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل، گولاپ قاتارلىق دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئازراق سۇ بىلەن سۈزۈپ ھامىلىدار ئايالنىڭ قورساق ۋە بەللىرىگە چېپىلىدۇ، ئاچچىق-تاتلىق ئانار سۇلىرىنى تىرەنجىۋىل بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ، بىنەپشە يېغى، زەيتۇن يېغى، توخۇ يېغى، ئۆردەك يېغى قاتارلىقلار بىلەن جىنسىي ئەزا ۋە بەل ياغلاپ بېرىلىدۇ. ئىكلىلمىلىك، بابۇنە، سېرىق چېچەك، مەرزەنجۇش قاتارلىقلارنى ئازراق سۇ بىلەن سۈزۈپ قاينىتىپ ھورلاندۇرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تولغاق كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆشنە، ئاقىر قەرھا، سىيادان، سوزاپ، پەراسىيۇن قاتارلىق دورىلارنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ زەيتۇن يېغى بىلەن يۇغۇرۇپ جىنسىي يولغا قويىلىدۇ. سېرىق ماينى بەل قورساق ئەتراپىغا چاپسىمۇ سۆڭەكلىك تۇغۇت يوللىرىنى كېڭەيتىپ تۇغۇتنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. تەر ياقى ئەربەئە، مەجۈنى ئۇبھەل ئىشتىلىدۇ. ئابدىمىلىك يېغىدىن بىر نەچچە تامچىنى قايناق سۇغا تېمىتىپ ئىچسىمۇ تولغاق كەلتۈرۈىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى جىددىي بولغانلارغا نىسبەتەن غەرب تېبابىتى دورىلىرى بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بىمارنىڭ پۈتۈن بەدەنلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىش، ئەھۋالغا قاراپ گلۇكوزا، تۇز سۈيى، ۋىتامىن C ياكى ئىشقارلىق ئېرىتمىلەرنى بېرىپ سۇسىزلىنىش ۋە كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى تۈزىتىلىدۇ. بالىياتقۇ بوينى كېڭىيىشىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى ئۇزىرىپ كەتكۈچىلەرگە بولۇپمۇ بۇ خىل ئەھۋال ئېغىرراق بولغانلارغا ئۆز ۋاقتىدا تىنچلاندۇرغۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. يەنى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن دولانتىندىن 100mg بېرىلىدۇ. دەم ئالغاندىن كېيىن دائىم رىتىملىق قىسقىراش كېلىپ چىقىدۇ. تولغاق كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئوكسىتوكنوم ۋىناغا تامچىلىنىلىدۇ. بالىياتقۇ ئېغىزى 6cm دىن ئارتۇق ئېچىلغاندا ئوكسىتوكنوم خېگو پەللىسىگە ئۇرىلىدۇ. ئۇندىن باشقا خېگو، سەنيىڭجىياۋ، تەيشى، تەيچۇڭ، جۇڭجى، گۇەنيۇەن قاتارلىق پەللىگە يىڭنە سانجىلىدۇ، ئەگەر بالىياتقۇ ئېغىزى 5cm دىن ئارتۇق ئېچىلغان بولۇپ، باش بىلەن داس ماسلاشمىغان چاغدا سۈنئىي ئۇسۇلدا ھامىلە قېپىنى يېرىپ ھامىلە بېشىنى بالىياتقۇ بوينىغا چىڭ تەككۈزۈپ تەسىر قىلدۇرۇش ئارقىلىق تولغاق كۈچەيتىلىدۇ. قاپ يېرىلغاندىن كېيىن قوشۇمچە ئوكسىتوكنوم ۋىناغا تامچىلىتىلىدۇ. تۇغۇت جەريانى ئۇزىراپ، داۋالاش ئۈنۈمى بەرمىسە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇشنى ئويلىشىش كېرەك.

بىر تەرەپ قىلىشتا ئالدى بىلەن جىنسىي يول نورمالسىز بولۇش، داس سۆڭەك نورمالسىز بولۇش ياكى ھامىلە نورمالسىز بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا قاراپ، ئەگەر جىنسىي يول ئارقىلىق تۇغۇش مۇمكىن بولمىغانلارغا بالدۇرراق قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش ئوپېراتسىيىنى ئىشلەش كېرەك. ئەگەر نورمال بولۇپ پەقەت تولغاقنىڭ كۈچسىز كېلىشى بىلەن ھامىلىدار ئايال تۇغالمىغان بولسا روھىي جەھەتتىن تەربىيە بېرىش، تىنچلاندۇرۇش، ئوزۇقلىنىشنى كۈچەيتىپ، پەرۋىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىيەلمىسە سۈنئىي ئۇسۇلدا سۈيدۈك ماڭدۇرۇش، قەۋزىيەت بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1212

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#