A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىروسى

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولسا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ بىر تۈرى.

ئۇيغۇرچە نامى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى
ئىنگلىزچە swine influenza ياكى H1N1 Flu
كېسەللىك سەۋەبى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمى
يۇقۇملىنىش يولى ئاساسلىقى H1N1 ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 甲型H1N1流感病毒
ئاساسلىق ئالامىتى قىزىپ قىلىش، يۆتىلىش، ھېرىپ-چارچاش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار 20 ~ 45 ياش ئەتراپىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئادەملەر
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق
باشقا نامى چوشقا زۇكىمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىA تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بولسا تارقىلىشچان زۇكامنىڭ بىر تۈرى. تارقىلىشچان زۇكام A تىپ، B تىپ ۋە C تىپتىن ئىبارەت ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭ A تىپى بولسا كەڭ دائىرىدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كىشىلەرگە بولغان زىيىنى ئېغىر. B تىپ بولسا تار دائىرىدە ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. C تىپ بولسا تۆۋەن ياشلىقلاردا بولۇپمۇ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدىغان زۇكام ۋىرۇسى بولۇپ، ھازىر دۇنيا مىقياسىدا كۆرۈلگىنى بولسا A تىپنىڭ كەنجى تىپى. A تىپمۇ خىمىيىلىك تەركىبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىنگلىزچىدە قىسقارتىلىپ، H ۋە N ھەرپى بىلەن ئىپادىلىنىپ يەنە نۇرغۇن كەنجى تىپلارغا بۆلۈنىدۇ. H تىپى بولسا 9 تۈرنى N تىپى بولسا 15 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

چەت ئەل مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى چوشقىلادا ئۇچرايدىغان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن، ئەمما تارقىلىش يوللىرىدا پەرق بار ئىكەن. يەنى بۇ زۇكام ۋىرۇسى چوشقا ۋە قۇشلاردا بولىدىغان شۇنداقلا ئادەملەردىكى ئادەتتىكى زۇكام ۋىرۇسىنىڭ بىرلىشىشىدىن شەكىلللەنگەن يېڭى زۇكام ۋىرۇسى ئىكەن. مۇتەخىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە كىشىلەر ئارا تارقىلىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىك تارقىلىش يوللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش، ھەزىم قىلىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش، ھەمدە ھاشارەتلەر ئارقىلىق يۇقۇملىنىش دەپ ئۈچ خىل تىپقا بۆلۈنىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغىنى نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئىكەن. بۇ خىل زۇكامنىڭ پەسىل خارەكتىرلىك ئادەتتىكى زۇكامدىن پەرقلىنىدىغان يېرى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى پەسىل خارەكتىرلىك زۇكامغا نىسبەتەن ئاللىقاچان ئىممۇنىتىت كۈچى شەكىللىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ يېڭى زۇكام ۋىرۇسى يېڭى پەيدا بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەردە قارشىلىق كۈچى شەكىللەنمىگەن ئىكەن. بۇ قېتىم كۆرۈلگەن A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام 2003-يىلى مەملىكىتىمىزدە كۆرۈلگەن سارس بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىغان بولۇپ، ھەر ئىككىلىسى نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدىغان كېسەللىككە تەۋە. شۇڭا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى سارس ۋىرۇسى بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن. ئەمما ئۆلۈش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، 1-2 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كىشىلەر بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەي تۇرۇپلا ۋىرۇس تارقىلىشقا باشلايدىكەن. 

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنۆۋەتتە كىشىلەر بىر قىسىم دۆلەتلەردە بايقالغان A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىدۇ. بۇ كېسەل ۋىرۇسى ئەڭ دەسلەپتە مىكسىكىدا بايقالغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە دۇنيادىكى 40 دىن ئارتۇق دۆلەتتە ئوخشىمىغان دەرىجىدە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار مەلۇم بولغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسىنى 3-دەرىجىدىن بەشىنچى دەرىجىگە كۆتۈرگەن. بۇ تارقىلىشچان زۇكام نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان قىزىق نۇقتا تېمىسىغا ئايلانغان. ئۇنداقتا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى قانداق ۋىرۇس؟ نۆۋەتتە، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىش، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئەھۋالى قانداق بولىۋاتىدۇ؟ 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى، مىكسىكىدا بىر نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن بىر قانچە ئون كىشىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن تەڭ، مىكسىكىغا يېقىن بولغان ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا چوشقا زۇكىمى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان. شۇنىڭ بىلەن قىسقىغىنا بىر ھەپتە بىر ھەپتە ئىچىدە بۇ زۇكام ۋىرۇسى يەنە باشقا دۆلەتلەرگە يامرىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلىپ، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە، گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، ئىسپانىيە، يېڭى زىللاندىيە، شياڭگاڭ قاتارلىق 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا گۇمانىي كېسەل 3000 دىن، دىئاگنوز قويۇلۇپ ئىنىقلانغان بىمار 200 نەپەردىن ئاشقان. تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ خىل زۇكام ۋىرۇسى چوشقىدا بولىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن، ئەمما بۇ قېتىمقى تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى سەۋەبىدىن 4-ئاينىڭ 30-كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ خىل تارقىلىشچان زۇكامنى چوشقا زۇكىمى دەپ ئاتىماي، A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام دەپ ئاتاشنى ئېلان قىلغان. 5-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو شياڭگاڭدا تۇنجى A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. تەكشۈرۈشتىن ئىنىقلىنىشىچە، بۇ بىمار مىكسىكىغا ساياھەتكە بېرىپ قايتىپ كەلگەنكەن. 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە دۆلىتىمىزنىڭ سىچۈەن، شەندۇڭ، بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلىرىدا 12، شياڭگاڭدا 10 گۇمانى كېسەل بايقىلىپ بۇ كىشىلەرگە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قۇيۇلغان. 5-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە دۇنيادىكى 47 دۆلەت ۋە رايوندا A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 12954 دىن ئېشىپ، 92 كىشى بۇ كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان.

H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ئاساسەن نەپەسلىنىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ. تارقىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز، بۇ ۋىرۇس 4-5 مىتىر ئارىلىقتا ئىككى سائەت تۇرالايدۇ. مۇشۇ خىل ھاۋا بىلەن نەپەسلەنگەنلەر يۇقۇملىنىدۇ.

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىيۇقۇملۇق زۇكام قاتارلىق تارقىلىشچان كېسەللكىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋاكسىىنا تەتقىق قىلىپ قىلىپ ئىشلىتىش. ئەمما ھازىرغا قەدەر A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىغا نىسبەتەن ۋاكسىنا يوق. دافىي قاتارلىق دورىلار ھازىر بۇ خىل كىسەلگە تەدبىقلىنىپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، كىشىلەر بۇ خىل دورىنى چوقۇم دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىيىشى لازىم. 

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىA تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كىيىن ئىپادىلەنگەن كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكام بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدىكەن، يەنى قىزىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش (گال ئاغرىش)، ياش تۆكۈش، بۇرۇن پۈتۈپ قېلىشش يۆتىلىش، بەلغەم تۈكۈرۈش، باش ئاغرىش، پۈتۈن بەدىنى كەم ماغدۇر بۇلۇش ۋە ئىچى سۈرۈش، بېشى قېيىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا زۇكام بولغۇچىنىڭ A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىش قىيىن.[0]

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسىA تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكام يۇقۇملۇق زۇكام بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر خىل ئەنئەنىۋى جۇڭگو تېبابىتى نەزەرىيە ئۇسۇلى بىلەن داۋالاشقا بولىدۇ. جۇڭگو تېبابەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تارقىلىشچان زۇكام قىزىش، شامالدىن قورقۇش، سوغۇقتىن قورقۇش (كېسەل)، باش ئاغرىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆۈلىدىغانلارغا دارچىن شورپىسى، ماخۇاڭ قايناتمىسى، پويرارىيە يىلتىزى شورپىسى قاتارلىقلار باب كېلىدىغان بۇلۇپ، مەسىلەن: ئۆز ۋاقتىدا ئىچكى زەخىملىك داۋالاش ئۇسۇلى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك مۇزەككەرلىك زەئىپلەشكەن مەنفى سوغاق كۈچىيىپ، بۆرەك ۋە ئۆپكىنىڭ يوللىرى راۋان بولماسلىق، يۈرەك - ئۆپكىنىڭ مۇسبەتلىكى يېتەرلىك بولماسلىق، ماڭقا ئېقىش،  شامال تېگىش، كۆپ چارچاش، سولغۇنلۇق، ياكى توختىماي چۈشكۈرۈش، ئىككى پۇتۇم مۇزدەك بۇلۇش قاتارلىقلارغا  مەنپەئەت قىلىدۇ.

جۇڭگو تېبابىتىدە ئاساسنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تارقىلىشچان زۇكاممىڭ ئاساسەن ئوخشاش بولمىغان تىپى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا داۋالاش.

جۇڭيى تېبابىتى داۋالاش تارقىلىشچان زۇكام بىلەن غەرب تېبابىتىنى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ۋىرۇسنى ئويلىشىپ، پەقەت بىمارنىڭ كونكرېت كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاساسنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. A تىپلىق تارقىلىشچان زۇكام H1 N1 تارقىلىشچان زۇكام ياكى باشقا زۇكام بولۇشىدىن قەتئىينەزەر جۇڭگو تېبابىتىدە ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل بىلەن داۋالاش ئالدىنقى شەرت ھېسابلىنىدۇ. 

تارقىلىشچان زۇكام ۋە ۋابا پەيدا بولۇش ۋاقتى ۋە رايونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس مۇقىم قانۇنىيىتى يوق. تارقىلىشچان زۇكام ۋە ۋابا ھەممىسى ئادەتتە ئەتىياز، كۈز پەسلىدە ياكى پەسىل ئارىلىقىدا كۆرۈلىدۇ. شۇڭلاشقا ئەتىياز پەسلىدە يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ جەنۇبتىن باشلاپ تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي شىمالغا قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ؛ ئەمما كۈز پەسلىدە يۈز بەرگەن يۇقۇم ئەھۋالى كۆپ ئەھۋاللاردا شىمالدىن باشلاپ تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ھالدا جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلدۇ. بۇ تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى (ياكى ۋابا ۋىرۇسى) ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ مەنبەسى ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنىڭ سەۋەبى. 

A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالدىنى ئېلىش جۇڭگوچە دورىگەرلىك. 

نورمال تەن ساپاسىنى ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى : قايناتما دورا ئىچىش «خۇاشى IA-نومۇرلۇق»: قالقانگۈل 15 گىرام، پىننە 10 گىرام، ئوسما يىلتىزى 15 گىرام، ھۇتتۇنا ئۆسۈملۈكى 20 گىرام، چۈچۈكبۇيا 4 گىرام.

ئاجىز بەدەن سۈپىتى ماس كېلىدىغان ئادەملەر توپى: ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۆستۈرۈپ، قايناتما دورا ئىچىش «خۇاشى IB نومۇرلۇق» كەتىرا 20 گىرام، قالقانگۈل 15 گىرام، پىننە 10 گىرام، ئوسما يىلتىزى 15 گىرام، چۈچۈكبۇيا 4 گىرام. 

«خۇاشى CI-نومۇرلۇق» ئاممىۋى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ. يەنى پۈركۈپ دېزىنفېكسىيە: سەرخىس 30 گىرام، ئەمەن 30 گىرام، يالپۇز 15 گىرام. ئالدىنقى ئىككى خىل دورا قاينىتىپ پىشۇرۇلۇپ سوۋۇغاندىن كىيىن ئاندىن ئىچىلىدۇ.[1]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#