ۋاڭ فېڭ

ۋاڭ فېڭ

ۋاڭ فېڭ 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچىسى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ناخشا تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ۋاڭ فېڭ
باشقا نامى 汪锋
مىللىتى خەنزۇ
تۇغۇلغان ۋاقتى 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى
بوي ئېگىزلىكى 176 سانتىمېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 汪峰
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
يۇرتى بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونى
يۇلتۇز تۈركۈمى سەرەتان يۇلتۇز تۈركۈمى
قان تىپى A تىپلىق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ۋاڭ فېڭۋاڭ فېڭ 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچىسى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ناخشا تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىجادىيەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن بىر ناخشىچى.

ۋاڭ فېڭۋاڭ فېڭ مەركىزى مۇزىكا ئۇنىۋىرىستىتى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا مەركىزى مۇزىكا ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇغان كەسپى ۋە ئۆگەنگىنى ئىسكىرىپكا كەسپى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا كەسپى مۇزىكا ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە روك ئۇسلۇبى ئىجادىيىتى ۋە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان، تولۇق كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن مەركىزى بالېت ئۇسسۇلى ئەترىتىدە ئىسكىرىپكا چالغۇچى بولغان، كېيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1994-يىلى 11-ئايدا «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتى قۇرغان، ۋاڭ فېڭ ئەترەتنىڭ باش ناخشىچىسى بولغان، 1997-يىلى «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» دېگەن تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقارغان.

2000-يىلى 5-ئايدا 21-ئەسىردىكى دۇنياۋى 3 چوڭ پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ بىرى بولغان، خۇانا مۇزىكا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى خۇانا پىلاستىنكىسى بىلەن توختاملاشقان، شۇ يىلى 3-پىلاستىنكىسى «ئوت گۈلى» نى چىقارغان.

ۋاڭ فېڭۋاڭ فېڭ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى جاڭ زىيىنىڭ تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىدە جاڭ زىيىغا توي تەكلىپى قويغان، ۋاڭ فېڭنىڭ مىليون يۈەن خەجلەپ پىلانلىغان بۇ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىدا تەسىرلەنگەن جاڭ زىيى توي تەكلىپىگە ماقۇل بولغان. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارالىق داڭلىق كىنو چولپىنى جاڭ زىيى بىلەن ۋاڭ فېڭ رەسمىي ئەر-خوتۇنلاردىن بولغان.  

ۋاڭ فېڭۋاڭ فېڭنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەرلىرىدىن «مەۋجۇتلۇق»، «سېنى ئويلىغان ۋاقتىمدا»، «بېيجىڭ بېيجىڭ»، «چۈشتەك ئەركىنلىك»، «ئېگىز ئۇچسام»، «باھار پەسلىدە»، «خوش ياشلىق»، «سېنى سۆيىمەن جۇڭگو»، «سەن مېنىڭ چىن دىلىمدىن سۆيگەن قىز»  قاتارلىق نۇرغۈن ئەسەرلىرى بار.

ۋاڭ فېڭۋاڭ فېڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق ناخشىچى، تالانتلىق ئىجادىيەتچى، 2001-يىلى 2-ئايدا رېژىسسور ۋاڭ شاۋشۈەي بېرلىن كىنو بايرىمىدا كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىرىنى ۋاڭ فېڭ ئىشلىگەن، ۋاڭ فېڭنىڭ «باھار پەسلىدە» ناملىق ناخشىسىمۇ مەملىكەت ئىچىدە نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 

ۋاڭ فېڭ 2013-يىلى 6-ئايدا «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پىروگىراممىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىكىدىن باشلاپ رەسمىي يېتەكچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇدا ئىككى نۆۋەت «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پىروگىراممىسىدا يېتەكلىگەن ناخشىچىسى 2-بوپ قالغان، ئۇنىڭ شىنجاڭلىق ناخشىچىمىز پەرھاتنى يېتەكلەش جەريانى ھەممىمىزگە ئايان.

ۋاڭ فېڭ جۇڭگو ناخشا ساھەسىدىكى روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشا ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنى يۇقىرى ناخشىچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سۆز-چۆچەكلەر بار، ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولىدىكى ئىزدىنىشلەر ھەققىدىمۇ نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەر بار، 1994-يىلى قۇرغان «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ھەققىدە ئۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەر بار، ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى تالانتى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز-چۆچەك يوق. ئۇنىڭ نەچچە ئون قېتىملاپ ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكلىرىدە ناخشا مەستانىلىرى يەنە شۇنداق كۆپ، ۋاڭ فېڭنىڭ ناخشا ساھەسىدە ناخشا يېزىپ بېرىشى ئەڭ قىممەت ناخشىچى دېگەن نامىمۇ بار. ئومۇمەن يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ۋاڭ فېڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى داڭلىق، ئىجادىيەتلىرى ھەممىنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان ناخشىچى. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#