ۋاڭ فېڭ
ۋاڭ فېڭ 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭ دا تۇغۇلغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچىسى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ناخشا تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋاڭ فېڭ 1971-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا تۇغۇلغان. جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچىسى، مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ناخشا تېكىستى ۋە مۇزىكىسىنى ئىشلىگۈچى، «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۇنىڭ ۋەكىل خاراكتىرلىك ئىجادىيەتلىرىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن بىر ناخشىچى.
ۋاڭ فېڭ مەركىزى مۇزىكا ئۇنىۋىرىستىتى قارىمىقىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ، شۇنداقلا مەركىزى مۇزىكا ئۇنىۋېرىستېتىدا ئوقۇغان كەسپى ۋە ئۆگەنگىنى ئىسكىرىپكا كەسپى بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا كەسپى مۇزىكا ئۆگىنىش، مەشىق قىلىش بىلەن بىرگە روك ئۇسلۇبى ئىجادىيىتى ۋە مۇزىكا ئەترىتى قۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغان، تولۇق كۇرسنى تاماملىغاندىن كېيىن مەركىزى بالېت ئۇسسۇلى ئەترىتىدە ئىسكىرىپكا چالغۇچى بولغان، كېيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1994-يىلى 11-ئايدا «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتى قۇرغان، ۋاڭ فېڭ ئەترەتنىڭ باش ناخشىچىسى بولغان، 1997-يىلى «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» دېگەن تۇنجى ناخشا پىلاستىنكىسىنى چىقارغان.
2000-يىلى 5-ئايدا 21-ئەسىردىكى دۇنياۋى 3 چوڭ پىلاستىنكا شىركىتىنىڭ بىرى بولغان، خۇانا مۇزىكا گۇرۇھى قارىمىقىدىكى خۇانا پىلاستىنكىسى بىلەن توختاملاشقان، شۇ يىلى 3-پىلاستىنكىسى «ئوت گۈلى» نى چىقارغان.
ۋاڭ فېڭ 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى جاڭ زىيىنىڭ تۇغۇلغان كۈن مەرىكىسىدە جاڭ زىيىغا توي تەكلىپى قويغان، ۋاڭ فېڭنىڭ مىليون يۈەن خەجلەپ پىلانلىغان بۇ تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىدا تەسىرلەنگەن جاڭ زىيى توي تەكلىپىگە ماقۇل بولغان. 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقئارالىق داڭلىق كىنو چولپىنى جاڭ زىيى بىلەن ۋاڭ فېڭ رەسمىي ئەر-خوتۇنلاردىن بولغان.
ۋاڭ فېڭۋاڭ فېڭ ھەقىقەتەن ئىقتىدارلىق ناخشىچى، تالانتلىق ئىجادىيەتچى، 2001-يىلى 2-ئايدا رېژىسسور ۋاڭ شاۋشۈەي بېرلىن كىنو بايرىمىدا كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئۇ رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمنىڭ پۈتۈن مۇزىكىلىرىنى ۋاڭ فېڭ ئىشلىگەن، ۋاڭ فېڭنىڭ «باھار پەسلىدە» ناملىق ناخشىسىمۇ مەملىكەت ئىچىدە نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ۋاڭ فېڭ 2013-يىلى 6-ئايدا «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پىروگىراممىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىكىدىن باشلاپ رەسمىي يېتەكچى سۈپىتىدە قاتنىشىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇدا ئىككى نۆۋەت «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى» پىروگىراممىسىدا يېتەكلىگەن ناخشىچىسى 2-بوپ قالغان، ئۇنىڭ شىنجاڭلىق ناخشىچىمىز پەرھاتنى يېتەكلەش جەريانى ھەممىمىزگە ئايان.
ۋاڭ فېڭ جۇڭگو ناخشا ساھەسىدىكى روك ئۇسلۇبىدىكى ناخشا ئاڭلاشنى ياقتۇرىدىغان ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى ئورنى يۇقىرى ناخشىچىلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ شەخسىي تۇرمۇشى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان سۆز-چۆچەكلەر بار، ئۇنىڭ ئىجادىيەت يولىدىكى ئىزدىنىشلەر ھەققىدىمۇ نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەر بار، 1994-يىلى قۇرغان «باۋجيا كوچىسى 43-نومۇر» مۇزىكا ئەترىتىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ھەققىدە ئۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن سۆز-چۆچەكلەر بار، ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان يېرى شۇكى، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ناخشا-مۇزىكا ساھەسىدىكى تالانتى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز-چۆچەك يوق. ئۇنىڭ نەچچە ئون قېتىملاپ ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكلىرىدە ناخشا مەستانىلىرى يەنە شۇنداق كۆپ، ۋاڭ فېڭنىڭ ناخشا ساھەسىدە ناخشا يېزىپ بېرىشى ئەڭ قىممەت ناخشىچى دېگەن نامىمۇ بار. ئومۇمەن يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ۋاڭ فېڭ جۇڭگودىكى ھەر مىللەت ناخشا مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدە ناھايىتى داڭلىق، ئىجادىيەتلىرى ھەممىنىڭ قۇلىقىغا ياقىدىغان ناخشىچى. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
بەيدۇ قامۇسى
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.