بۇلاقتاغ رايونى
بۇلاقتاغ رايونى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ بىرى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
بۇلاقتاغ رايونىبۇلاقتاغ رايونى تەۋەلىك جەھەتتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۆت مەركىزى شەھەر رايونىنىڭ بىرى. جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، جەنۇبتا قىزىل تاغ يولى ئارقىلىق تيانشان رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى داۋانچېڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساي تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ئارقىلىق سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، شىمالىي ۋە شەرقىي كۆكتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 277.56 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تەۋەلىكىدىكى نوپۇس 410 مىڭ ئادەم، رايون قارمىقىدا سەككىز كوچا، 69 مەھەللە، 6 كەنت بار، 2011-يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) نىڭ 113.63 مىليون يۈەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، 2010-يىلىدىكىدىن %15 ئاشقان.
2010-يىلىنىڭ ئاخىرى،بۇلاقتاغ رايونىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 410 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەرنىڭ 142589 ئادەم، ئاياللار 123577 ئادەم، ئەر-ئايال نوپۇس نىسبىتى 115:100؛ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاھالىسى 43548 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %16.38 نى ئىگىلەيدۇ؛ بۇلاقتاغ رايونىنىڭ يېزا نوپۇسى 9383، ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %3.53 نى ئىگىلەيدۇ. ۋاقىتلىق نوپۇس 73597 ئادەم.
بۇلاقتاغ رايونىدا خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق 29 مىللەت ئولتۇراقلاشقان.
ئورنى
بۇلاقتاغ رايونىبۇلاقتاغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا،جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي چېتىگە، تەڭرىتاغ تىزمىسىدىكى بوغدا چوققىسىنىڭ غەربىي شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان، جەنۇبتا قىزىل تاغ يولى ئارقىلىق تيانشان رايونى بىلەن قوشنا، شەرقىي جەنۇبى داۋانچېڭ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي ساي تېز سۈرئەتلىك تاش يولى ئارقىلىق سايباغ رايونى، يېڭى شەھەر رايونى بىلەن قوشنا، شىمالىي ۋە شەرقىي كۆكتاغ رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ.
بۇلاقتاغ رايونى2012-يىلىغىچە، بۇلاقتاغ رايونى قارمىقىدا سەككىز كوچا باشقارمىسى بار : شىمىگۇ كوچا باشقارمىسى، ليۇۋداۋان، ۋېيخۇلياڭ كوچا باشقارمىسى، باداۋان كوچا باشقارمىسى، شىنمىن يولى كوچا باشقارمىسى، جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى كوچا باشقارمىسى، يىكەنكۆل شىمالىي يولى كوچا باشقارمىسى، چىداۋان كوچا باشقارمىسى.
2011-يىلى، بۇلاقتاغ رايونى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 113.63 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2010-يىلىدىكىدىن % 15 ئاشقان. بۇلار ئىچىدە، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 3400 مىليون يۈەنگە يەتكەن، 2010-يىلىدىكىدىن % 2.5 تۆۋەنلىگەن؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 26.68 مىليون يۈەن بولۇپ، 2010-يىلىدىكىدىن % 10.7 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 86.61 مىليون يۈەن بولۇپ، 2010 -يىلىدىكىدىن % 16.4 ئاشقان، 3 كەسىپنىڭ ئىقتىسادقا قوشقان تۆھپە نىسبىتى بويىچە % 0.03، %24.67، % 75.3 بولغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.