- ئارپا (ئاشلىق زىرائىتى)
- ئارپا (خام دورا)
ئارپا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارپائارپا ئۆستۈرۈشنىڭ بارلىققا كېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا تارىختا100 يىلدىن ئارتۇق تالاش - تارتىش بولغان، 1974 - يىلىغا كەلگەندە ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە تۈرلۈك ياۋا ئارپىلار توغرىسىدىكى يېڭى بايقىشى بىلەن ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلدى. ھازىر ھەممە ئادەم ئارپا ئۆستۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ تاللىشى، تېرىپ ئۆستۈرۈشى ئارقىسىدا ياۋا ئىككى قىرلىق ئارپا − ياۋا شېشىسىمان ئارپا − ياۋا ئالتە قىرلىق ئارپادىن ھازىرقى ئارپىغىچە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ئارپا ئۆستۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يىنشۈدىن قېزىۋېلىنغان چىغىناق - تاغاق يېزىقلىرى ئىچىدە «来» بىلەن «牟» خەتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «来» خېتى بۇغداينى؛ «牟» خېتى ئارپىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى تىبەت تىلىدا ئارپىنى «来» دەپ ئاتايدۇ.
ئارپا كۆڭلەكلىك ئارپا ۋە يالىڭاچ ئارپا دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. يالىڭاچ ئارپا ئېلىمىزنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن غەربىي جەنۇبقىچە بولغان كەڭ رايونلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ، ئۇ شۇ جايدىكى خەلقنىڭ ئاساسلىق ئاشلىقى. شىزاڭ خەلقىنىڭ مەشھۇر يېمەكلىكىدىن بىرى بولغان زەنبا بولسا ئارپا تالقىنىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ؛ مەشھۇر ئارپا ھارىقىمۇ ئارپىنى ئېچىتىپ تەييارلىنىدۇ.
ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلىدىغان ئارپا كۆلىمى شال، بۇغداي ۋە كۆممىقوناقتىن قالسىلا دانلىق زىرائەتلەر ئىچىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارپا يېمەكلىك ئورنىدا ئىشلىتىلگەندىن باشقا يەنە پىۋا ۋە ئىسپىرت ياساشتا خام ماتېرىيال قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆي قۇشلىرى، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئېسىل يەم - بوغۇزى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەر ئارپىنى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى دېڭىز يۈزىدىن4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدا ئۆستۈردى. ئارپا ئاشلىق زىرائەتلىرى ئىچىدىكى جاپا - مۇشەققەتكە چىداملىق ئاۋانگارت بولۇشقا مۇناسىپ.[1]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.