- ئارپا (خام دورا)
- ئارپا (ئاشلىق زىرائىتى)
ئارپا
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئارپا بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ پىشقان دېنى. ئەسلى ئۆسۈملۈكى(Hordeum Vulgarul) بولۇپ60–100 سانتىمېتىر كېلىدۇ. پۇراقسىز تەمى تاتلىقراق كېلىدۇ. سېرىق رەڭلىك، غولى تىك، سىلىق، تۈكسىز، يوپۇرماق غىلىپىمۇ تۈكسىز بولىدۇ. باشاقلىق ئۆسۈملۈكلەر ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. 9 – ئايدا پىشقاندا يىغىۋېلىپ ئىشلىتىلىدۇ. مەملىكىتىمىز جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.
1. ئارپا قايناتمىسىغا چىلان، سەرىپىستان، ئەنجۈر قاتارلىق دورىلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئارىلاشتۇرۇپ بەرسە جۈدەتكۈچى قىزىتما ۋە سىل كېسىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. ئارپا قايناتمىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا كۆكنار تالقىنىنى قوشۇپ بەرسەك كۆكرەك ئاغرىقى، قۇرۇق يۆتەل، ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. ئارپا قايناتمىسىغا مۇۋاپىق مىقداردا زاراڭزا مېغىزىنى قوشۇپ بەرسە بەلغەم بوشۇتۇپ، توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.
4. ئارپا يارمىسى بىلەن شىرە گۈرۈچ تەييارلاپ بەرسە سەپرادىن بولغان ئىچى سۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
5. ئارپا سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىسا گال ئىششىقىنى قايتۇرىدۇ. ئاغرىق پەسەيتىدۇ.
6. ئارپا ئۇنىنى خىمىر قىلىپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا ياكى ھەمشىباھار ئۇرۇقى بىلەن (تەڭ نىسبەتتە) قوشۇپ تاڭسا سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، قولتۇق ئاستىدىكى ئىششىق، سۈت بېزى ئاغرىقى، گورەن بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
7. ئارپىنى زەمچە، رەۋەن قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ يەرلىك ئورۇنغا تاڭسا گۆرەن بەز ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
8. ئارپا قايناتمىسىغا بېھى سۈيىنى قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ئىسسىقتىن بولغان بوغۇم ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
9. ئارپىنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا چاپسا بويۇن بەز سىلىگە مەنپەئەت قىلىدۇ. ئىششىق قايتۇرىدۇ.
10. ئارپا، ئارپا بەدىيان، زېغىر ئۇرۇقى، زۇپىتى رۇمى قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ كىچىك بالىنىڭ سۈيدۈكى بىلەن قوشۇپ يەرلىك ئورۇنغا چاپسا ئۇششاق بوغۇم ياللۇغى(نىقرەس) غا مەنپەئەت قىلىدۇ.
11. ئارپا قايناتمىسىغا سىركە قوشۇپ چاپسا قىچىشقاق ۋە مودورلارغا پايدا قىلىدۇ
ئىسسىقتىن بولغان تەپ، بوغۇم ئاغرىقى جىگەر ياللۇغى، ئۆپكە سىلى، دىئابىت، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، سۈت بېزى ياللۇغى، يۇتقۇنچاق ياللۇغى، بويۇن بەز سىلى، يۆتەل، باش ئاغرىقى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ،
كراخمال، سۇدا ئىرىيدىغان فىرمىنتلار، ئاقسىل ماددىسى، ئارپا ئۈندۈرمىسى شېكىرى، ۋىتامىنA,B,E كىتون (tocopheret)، ئوندىن باشقا Lou coanthocyanin ،خرودىنىن(hordenine) قاتارلىقلار بار.
كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)
ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.