بوۋاسىر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاساسلىقى بەدەندىكى قويۇق قان ياكى سەۋدا خىلىتلىرىنىڭ تۈز ئۈچەي ۋە مەقئەت شىللىق پەردىلىرىگە تەسىر قىلىپ يەرلىك ئورۇندىكى ئىنچىكە قان تومۇرلارنى كېڭەيتىۋېتىش نەتىجىسىدە پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزۇن مۇددەت ئۆرە تۇرۇش ياكى قاتتىق ئورۇنلاردا ئولتۇرۇش، ئادەتلەنگەن ئىچ ئۆتكە ياكى قەۋزىيەتكە گىرىپتار بولۇش، تۇغۇت مەزگىلىدە قاتتىق كۈچىنىش، دائىملىق ئېغىر نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ خىزمەت قىلىش، غىدىقلاش، يەل تەسىرى پەيدا قىلىش تەسىرى بولغان، تەس ھەزىم بولىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ ئادەتلىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىنمۇ بوۋاسىر كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. ئۇ پەيدا بولۇش ئورنى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىچكى بوۋاسىر، تاشقى بوۋاسىر ۋە ئارىلاشما بوۋاسىر دەپ ئۈچكە بۆلۈنىدۇ.[0]
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، مەقئەتكە ئېغىر بېسىم چۈشۈش، مەقئەت يولىدىكى ئۇششاق قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئۇ ئىچكى بوۋاسىر ۋە تاشقى بوۋاسىر دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ، تاشقى بوۋاسىردا ھەرخىل شەكىلدىكى مونەكچە گۆش ئۆسۈكچىلىرى بولۇش بىلەن بىللە، ئىچكى-تاشقى بوۋاسىرلار مەقئەت قىچىشىش، ئاغرىش، تۇتقاندا مونەكچە مەلۇم بولۇش، تەرەت بىلەن قان كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
بوۋاسىرتەركىبى: قەلدىن 50 گىرام، كۇندۇر، سەبرە، قارا ھېلىلە، سانار 25 گىرامدىن، ئامىلە بەلىلە 20 گىرامدىن، كۈدە مۇۋاپىق مىقداردا.
تەييارلاش ئۇسۇلى: كۈدىدىن باشقا دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈدىنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى بىلەن خېمىر قىلىپ، پۇرچاقتەك چوڭلۇقتا كۇمىلاچ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يەتتە تالدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر ئۇيغۇر تېبابەت تورىدىن ئېلىندى
http:// دىن باشلانhttp://www.tibbiyjawhar.com/html/2014/tetqiqat_0325/935.htmlسۇن
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.