تۈۋەت يېزىسى
تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ،مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۇەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۈۋەت يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ شەرىق تەرىپىگە جايلاشقان بۇلۇپ، مەرھۇم گىتتار ماھىرىمىز ئەخمەتجان مەمتىمىننىڭ يۇرتى.
جەنۇب تەرىپى قاراقاش بازىرىغا، غەرىب تەرىپى قوچى يېزىسى، پۇرچاقچى يېزىلىرى قىرىق يەتتىنچى تۈەننىڭ 1-2-لىيەنى، شىمال
تەرىپى يىڭىيەر يېزىسىغا تۇتىشىدۇ. شەرىق تەرىپى قاراقاش دەرياسى ئارقىلىق خوتەن ناھىيەسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
يېزىلىق ھۆكۈمەتتىن ناھىيە بازىرىغىچە 7.3كىلومىتىر كېلىدۇ. يېزا تەۋەلىكىدە 21مەمۇرى كەنت بار. ئۇلار : تۈۋەت كەنتى، ئويئېرىق كەنتى، قۇمئېرىق كەنتى، سوپلا كەنتى، توقماقكەنتى، سېرىغتوغراق كەنتى، مۇغال كەنتى، چاۋاغ كەنتى، سايات كەنتى، كۆتىرەم كەنتى، ئوي كەنتى، قۇمبۇي كەنتى، چوڭكۆل كەنتى، خانلىقئېرىق كەنتى، سۆگەتلەك كەنتى، ھەلدوس كەنتى، ئاياغئەسكى كەنتى، يالغۇزتوغراق كەنتى، ناغرا كەنتى، ئوجۇنئېرىق كەنتى قاتارلىقلار.
تۈۋەت يېزىسىنىڭ كىلىماتى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق چۆللۈك كېلىماتقا تەۋە بولۇپ ، تۆت پەسىل ئېنىق , يازدا تومۇز ئىسسىق بولىدۇ.ئەتىيازدا ھاۋا بالدۇر ئىسسىيدۇ ، كۈز پەسلىدە تېمپراتۇرا تېز ، ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاز ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى تولۇق ، قىروسىز مەزگىلى ئۇزاق ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ . يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.6، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.6، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى 12.5-. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتى 2829.9 سائەت. 10 يىغىندا تېمپېراتۇرىسى 4360.9. قىروسىز مەزگىلى 217 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 41.3 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 1736.1 مىللىېمتىر. 1- ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃ -6.5، ،قىروسىز مەزگىل 177 كۈن ، يىللىق يورۇتۇش ۋاقتى 2250 سائەت.
تۈۋەت يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. دېھقانچىلىق قىلىشقا باب كېلىدىغان قاقاس يەر ۋە ئورمان يېتىشتۈرۈشكە باب كېلىدىغان قاقاس يەر بار. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كېۋەز، شال، كۆممىقوناق، مېۋە-چېۋە قاتارلىقلار بار. قەغەز ياڭاق ئالاھىدە مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ. دېھقانچىلىق رايونى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. چارۋىسىدىن كالا، قوي، ئېشەك قاتارلىقلار بار. يېزا ئىگىلىكىمۇ ماشىنىلاشقان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.