ئاقچال يېزىسى
ئاقچال يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دىكى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىگە جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاقچال يېزىسى خوتەن شەھىرى نىڭ شەرقىي شىمال يۆنىلىشىگە جايلاشقان، خوتەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەۋە، خوتەن رايونى بىلەن بولغان ئارىلىقى 100 كىلومېتىر، شەرقنى بويلاپ يۇرۇڭقاش ۋە خوتەن شەھىرىنىڭ جىيا يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، غەربنى بويلاپ قاراقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش ناھىيەسى نىڭ كاۋاك يېزىسى بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبى تەرىپى خوتەن ئىسلاماۋات يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالى تەرىپى ئاقسۇ ۋىلايىتى نىڭ ئاۋات ناھىيەسى بىلەن قوشنا.
ئاقچال يېزىسى تەۋەلىكىدىكى يۇرۇڭقاش دەرياسىنى بويلاپ ئىلگىرلىگەندە 280 مىڭ مو توغراق ئورمىنى ۋە 30 مىڭ مو ئەتراپىدا تەبىئىي ئوتلاق، قىزىل ئاق تاغ، يۇرۇڭقاش دەرياسى بىلەن قاراقاش دەرياسىنىڭ كېسىشكەن جايىدىكى گۈزەل مەنزىرە، ھەر خىل ياۋا بېلىق، ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بار. تەۋەلىكىنىڭ تۇپرىقى قۇمساڭغۇ تۇپراق، شور تەركىبى يۇقىرى، ياۋا يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەردىن يۇلغۇن، قومۇش، كۆك يانتاق، چۈچۈكبۇيا، دەريا ئارلىقىغا جايلاشقان نەچچە 100 مىڭ مو يەردىكى توغراق ئورمىنى، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا توڭگۇز، تۈلكە، سېرىق ئۆردەك قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.
ئاقچال يېزىسىغا قاراشلىق سەككىز مەمۇرىي كەنت بار، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 17.88 مىڭ مو، بۇنىڭ ئىچىدە تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1.8 مىڭ مو، پايدىلىنىلمىغان يەر كۆلىمى 80 مىڭ مو، تەۋەلىكىدىكى ئومۇمىي ئائىلىنىڭ سانى 896 گە يەتكەن، نوپۇسى 4806 ئادەم، ھەممىسى يېزا ئىگىلىك نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلار. يېزا ئىگىلىكىدە تېرىق، كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق نى ئاساس قىلىدۇ، باغۋەنچىلىك ىدە ئاساسلىقى چىلان، تاۋۇز، قوغۇن ۋە ئۈزۈم قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ، چارۋىچىلىق تا ئاساسلىقى كالا، قوي، ئېشەك ئاساس قىلىنىدۇ.
2012-يىلى ئاقچال يېزىسى 2179.44 مىڭ يۈەن ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 3686 يۈەنگە يەتكەن، 2002-يىلدىكىدىن 357 يۈەن ئاشقان. دېھقانلارنىڭ چىلان ئۆستۈرۈش ۋە سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش ئىشلىرىنى، مەركەزلىك بېقىش ۋە تارقاق بىرلەشتۈرۈش، چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىنى نۇقتىلىق يېتەكلەپ، دېھقانلارنى بېيىشقا يىتەكلىگەن. نامراتلارنى يۆلەش تۈرى ۋە مەبلەغلەرنى پائال قولغا كەلتۈرۈپ، 530 مىڭ يۈەن مەبلەغنى ھويلا-ئاراملارنى ئۆزگەرتىش تۈرىگە سالغان، دېھقان، چارۋىچىلار بۇنىڭدىن ھەقىقىي تۈردە مەنپەئەتلەنگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.