چېن دۇشيۇ

چېن دۇشيۇ

چېن دۇشيۇ (1879-1942-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ تۇنجى باش شۇجىسى. 

چېن دۇشيۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى چىڭتۇڭ، تەخەللۇسى جۇڭفۇ. ئەنخۇينىڭ خۇەينىڭ دېگەن يېرىدىن. دەسلەپتە ياپونىيىگە بېرىپ ئوقۇغان، كېيىن ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى چېن دۇشيۇ
باشقا نامى 原名庆同,官名乾生,字仲甫
مىللىتى خەنزۇ
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1942-يىلى
ئەسلىي ئىسمى چىڭتۇڭ
خەنزۇچە ئىسمى 陈独秀
دۆلەت تەۋەلىكى جۇڭگو
تۇغۇلغان ۋاقتى 1879-يىلى
كەسپى ئىنقىلابچى
تەخەللۇسى جۇڭفۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چېن دۇشيۇچېن دۇشيۇ (1879-1942-يىللار) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ تۇنجى باش شۇجىسى. 

چېن دۇشيۇنىڭ ئەسلىي ئىسمى چىڭتۇڭ، تەخەللۇسى جۇڭفۇ. ئەنخۇينىڭ خۇەينىڭ دېگەن يېرىدىن. دەسلەپتە ياپونىيە گە بېرىپ ئوقۇغان، كېيىن ئىنقىلابىي پارتىيەدىكىلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. 1915-يىلى شاڭخەيدە «يېڭى ياشلار» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، دېموكراتىيە، ئىلمىيلىقنى بايراق قىلىپ، فېئوداللىق مۇستەبىت تۈزۈمنى ۋە كۇڭزىچىلىقنى تەنقىد قىلغان. بۇ ژۇرنالنىڭ چىقىرىلىشى «4-ماي» يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ قوزغالغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە بىر مەيدان ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان. 1917-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى سەي يۈەنپېينىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1918-يىلى لى داجاۋ بىلەن بىللە ئەينى چاغدىكى سىياسىي ئەھۋالنى تەنقىدلەش ئالاھىدىلىك قىلىنغان «ھەپتىلىك ئوبزور» ژۇرنىلىنى چىقارغان. 1919 -يىلى «4-ماي» ھەرىكىتى پارتلىغاندا، ئۇ پۈتۈن زېھنى بىلەن جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىگە ئاتلىنىپ، ئارقا-ئارقىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، بېيياڭ ھۆكۈمىتىنى پاش قىلغان، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قوللاپ، «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرى بولۇپ قالغان ھەمدە «4-ماي» ھەرىكىتى مەزگىلىدىكى باش قوماندان دەپ تەرىپلەنگەن. 1919-يىلى 6-ئايدا، بېيياڭ ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى قولغا ئالغاندا، چېن دۇشيۇ بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ، «بېيجىڭ خەلقىنىڭ خىتابنامىسى» نى تۈزۈپ، ئاممىغا تارقىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئەكسىيەتچى ساقچى، ھەربىيلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، 83 كۈن تۈرمىدە ياتقان. 

چېن دۇشيۇ«4-ماي» ھەرىكىتىدىن كېيىن، چېن دۇشيۇ داڭلىق ماركسىزمچى بولۇپ قالغان. 1920-يىلى، كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ياردىمىدە شاڭخەي كوممۇنىزمچىلار گۇرۇپپىسىنى قۇرغان، ئۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نى ئاساسلىق قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، لى داجاۋ بىلەن بىللە «جەنۇبتا چېن دۇشيۇ، شىمالدا لى داجاۋ بار» دەپ تەرىپلەنگەن. 1921 -يىلى7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ مەملىكەتلىك 1-قۇرۇلتىيى شاڭخەيدە ئېچىلغان. شۇ چاغدا گۇاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان چېن دۇشيۇ «4-ماي» ھەرىكىتىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تەسىرىگە تايىنىپ مەركىزىي بيۇرونىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى نىڭ خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان، كېيىن مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1924-يىلى كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ھەمكارلاشقان دەسلەپكى مەزگىلدە، گومىنداڭ ئوڭچىللىرىنىڭ ھۇجۇمىغا قايتۇرما زەربە بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان. مىللىي ئىنقىلابنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، گومىنداڭنىڭ ئوڭچىل كۈچلىرى ئۈزلۈكسىز زورىيىشقا باشلىغان، بۇنىڭ بىلەن، چېن دۇشيۇدىمۇ تەدرىجىي سولچىل ئىدىيە باش كۆتۈرۈپ چىققان ھەمدە پۈتۈن پارتىيەگە سولچىل تەسلىمچىلىك لۇشيەنى ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، گومىنداڭ ئوڭچىلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۇلارغا يول قويۇپ، ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، ئەڭ ئاخىرىدا بۈيۈك ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

1927 -يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى قايتىدىن تەشكىللەنگەندە، چېن دۇشيۇ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ قويۇلغان. لېكىن، ئۇ سەۋەنلىكىنى بوينىغا ئالمىغاچقا، 1929-يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دىن چىقىرىۋېتىلگەن. 1931-يىلى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى سولچىل ئۆكتىچىلەر مەزھىپى» نىڭ باش شۇجىلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1932-يىلى، شاڭخەيدە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1937-يىلى 8-ئايدا تۈرمىدىن چىققان. ئۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بەرگەن ئەمەلنى رەت قىلغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىڭ ئۆز سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، پارتىيەگە قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى تەكلىپنىمۇ قوبۇل قىلمىغان. ئەڭ ئاخىرىدا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ، سىچۇەنگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىدىيىۋى ئېقىمدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى جاكارلىغان. 1942-يىلى نامراتلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، سىچۇەننىڭ جياڭلۈ دېگەن يېرىدە ۋاپات بولغان.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#