سۇ دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. سۇ (تىبابەت نەزىرىيىسى)
  2. سۇ (ئانئورگانىك ماددا)
تىبابەت نەزىرىيىسى
سۇ
سۇ تۆت ئاساسى ماددا(تۆت داتۇ)تەلىماتىدىكى ئالەمدىكى ماددىلارنى تۈزگۈچى تۆت ماددىنىڭ بىرىدۇر .

 ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئورۇن جەھەتتىن تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ ، ۋەزنى نىسپى ئېغىر، تەبىئىيتى ھۆل سوغۇقتۇر.

خىمىيىۋى تۈزىلىشىH₂O.

ئۇيغۇرچە سۇ
ئىنگىلىزچە water
تەبىئىيتى ھۆل سوغۇق
خەنزۇچە
تۈرى تىبابەت نەزىرىيىسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

سۇ ئاددى ماددا بولۇپ، ئالەمدىكى ماددىلارنى تۈزگۈچى تۆت ماددىنىڭ بىرىدۇر .

ئۇ ئالەمنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ باشقا ماددىلارنى سۇيۇقلاندۇرۇش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىش، ئوتنىڭ تۇپراققا بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش، ماددىلارنىڭ قىيامىنى تەڭشەش، تۇپراقنىڭ ئوتنىڭ تەسىرىدە پارچىلىنىشىنى توسۇش، ھاۋانىڭ تۇپراق تەبىقىسىگە بولغان ئارتۇقچە تەسىرىنى توسۇش، ھاۋانىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ساقلاش، سۇنىڭ تەسىرىدە ئېرىيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش، قاتىدىغان ماددىلارنى قاتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئورۇن جەھەتتىن تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ ، ۋەزنى نىسپى ئېغىر، كەيپىياتى ھۆل سوغۇقتۇر.

سۇ كائىناتتىكى پۈتكۈل جىسىملارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ، پۈتكۈل ئالەمنىڭ تۈزۈلىشىدە بىر ماددىلىق رول ئويناپ، ئالەمنىڭ تۈزۈلۈشىگە قاتنىشىپ ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. سۇ ھەرقانداق مادددىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما شەكلىنى تۇراقلىق ساقلىيالمايدۇ، ھەم ئۆزىنىڭ ھالىتىنىمۇ ساقلىيالمايدۇ، ئۇ شەكىلنى قوبۇل قىلغۇچى ماددىدۇر . ئۇ تۇپراقنىڭ شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ ئالەمنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلايدۇ.

سۇ ئالەمدىكى باشقا ماددىلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۈزلۈكسىز ھەركەت ھالىتىدە تۇرىدۇ، يەرشارىدىكى سۇلارنىڭ ئايلىنىشىنى مىسالغا ئالساق ئۇ يەر يۈزىدە تۇرغان ۋاقتىدا ‹‹سۇ ››دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ، ئەگەر ئوتنىڭ پارلاندۇرۇش تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ھاۋا تەركىبىگە تارقالسا ‹‹سۇ ھورى›› (بۇخارى ئاب) دەپ ئاتىلىدۇ .

ھاۋانىڭ يۆتكەش تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ بوشلۇقلارغا تارقالغاندا ‹‹بۇلۇت›› دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ .سوغۇقنىڭ ئۇيۇشتۇرۇش تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيۇشۇپ يەريۈزىگە چۈشكىچىلىك بولغان ئارلىقتا ‹‹ياغمۇر›› دەپ ئاتىلىدۇ . يەريۈزىگە چۈشۈپ دەريا-كۆللەرگە قۇيۇلسا يەنە ‹‹سۇ››دېگەن ئەسلى نامى بىلەن ئاتىلىدۇ . بۇ قانۇنىيەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئالەمدىكى ھەرقانداق ماددىلارنىڭ ئەسلى زاتى① بىر، لېكىن ئۇنىڭ تۈزۈلۈش ئۈزلۈكسىزلىكىنىڭ (داۋاملىشىشىنىڭ) ئۆزگۈرىشىگە ئەگىشىپ پەيدا بولغان ھالەتلىرىنىڭ ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ .

ئبىنسىنا ‹‹ئەل قانۇن›› ناملىق كىتابىدا ‹‹تۆت ماددا پارچىلانمايدىغان (بەست) ماددا، ئەگەر پارچىلانغان دەپ قارىساق، خۇسۇسىيتى ئۆزىگە ئوخشاش پارچىلارغا پارچىلىنىدۇ ›› دەيدۇ.

پارچىلىنىش ـ فىزىكىلىق پارچىلىنىش، خىمىيىلىك پارچىلىنىش ۋە بىئولۇگىيلىك پارچىلىنىش دەپ ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدۇ .

ئەگەر بىر ماددىنىڭ شەكىل ھالىتى ئۆزگەرسە بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ خۇسۇسىيىتى جۈزئى ئۆزگەرسە زاتى خۇسۇسىيىتى مۇتلەق ئۆزگەرمىسە بۇ فىزىكىلىق پارچىلىنىش بولىدۇ.

ماددا يەنە باشقا بىر ماددىنىڭ تەسىرى ئاستىدا پارچىلىنىپ خۇسۇسىيەخلىرى مۇتلەق ئۆزگەرسە زاتىدا ئۆزگۈرۈش بولمىسا بۇ خىمىيىلىك پارچىلىنىش بولىدۇ.

ماددىنىڭ شەكىل ھالىتى، خۇسۇسىيىتى، باشقا ماددىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ھايات تېنىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياساپ خۇسۇسىيىت جەھەتتىن جۈزئى ئۆزگەرگەن، زاتى ئۆزگەرمىگەن ھالىتى بىئولوگىيلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ . تۆت ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى يۇقارقىلارغىمۇ ئۇيغۇر ئەمەس باشقا بىر خىل ھالەتتە بولۇپ، ھەممە جىسىمنىڭ پارچىلىنىش ھالىتىنىڭ ئاخىرقى چىكى شۇ تۆت ماددىغا يىغىنچاقلانغان، بۇ تۆت ماددىنى بۆلۈش مۇمكىن ئەمەس، ‹‹بۆلۈنگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش پارچىلارغا پارچىلىنىدۇ ›› دىيىش ئۇنىڭ بۆلۈنمەيدىغانلىقىغا ئىشارەتتۇر .

سۇ شۇنداق خۇسۇسىيەت جەملەنگەن تۆت ماددىنىڭ بىرى، ئادەتتە كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرغان سۇ شۇ سۇنىڭ زاھىرى بولۇپ، خۇسۇسىيەت جەھەتتىن تامامەن ئوخشاش بولىدۇ .بۇ تەجرىبە ئارقىلىق ئېنىقلانغان ئەمەس،لېكىن بىلگىلى،كۆرگىلى بولىدىغان قىسمىنى كۆرۈپ،كۆرگىلى بولمايدىغان قىسىمىنى ئەقلى تەپەككۇر بىلەن تېپىپ چىقىلغان ھەقىقەتتۇر.

مۇھەممەت ئەكبەت ئەرزانى ‹‹مۇپەررىھۇل قۇلۇب›› ناملىق كىتابىنىڭ خىلت بابىدا ‹‹بىز سىرتقا كۆرۈنۈپ تۇرغان تۆت ماددىنىڭ خۇسۇسىيتىنى تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق بەدەندىكىلىرىنى تەخمىنىي تەپەككۇر قىلىپ تېپىپ چىقتۇق،(سەپرا، سەۋدا، بەلغەم، قان خىلتلىرى) چۈنكى ئادەم كىچىك يېتىلگەن ئالەمدۇر،تامامەن ئوخشاشتۇر›› دەپ ئوتتورغا قويغان. ئەبۇ ناسىر فارابى ئۆزىنىڭ ‹‹پەنلەرنىڭ تۈرگە ئايرىلىشى›› ناملىق كىتابىدا بىردەكلىك نەزىرىيىسى ئوتتورغا قويۇپ، ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ھەركەت ھالىتىنى خۇسۇسىيىنى بەش بىردەكلىككە يىغىنچاقلىغان، شۇڭا بىز ئېيتىمىزكى سۇ ئەمىلىيەتتە كۆرۈنۈپ تۇرغان سۇ بىلەن ئالەمنىڭ ئەسلى زاتى بولغان سۇنىڭ خۇسۇسىيەت ھالەتلىرى ئوتتورسىدىكى ئوخشاشلىق مۇتلەقتۇر ..

سۇ ئالەمنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ ماددىلارنى تۈزۈشكە قاتنىشىش، سۇيۇلدۇرۇش ماددا تۈزۈلىشىدە ئۇلارنىڭ زىچلىقىنى نورماللاشتۇرۇش،ئېرىتىش،ئاققۇزۇش،شەكىل ھالىتىنى تۈزەش،ماددىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىرىنى نورماللاشتۇرۇش، ماددىلارنى ئۆزگەرتىش،ئۇلارنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ساقلاش، سۇنىڭ تەسىرىدە قاتىدىغان ماددىلارنى قاتۇرۇش،ئېرىيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش ،ماددىلارنى ھەركەتلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ، باشقا ماددىلارنى ئۆزگەرتىدۇ،ھەم باشقا ماددىلارنىڭمۇ ئورنىنى ساقلىيالمايدۇ، ۋەزىن جەھەتتىن نىسپى ئېغىر بولۇپ ،ئورنى تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ . ئوتنىڭ تەسىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قوبۇل قىلىدۇ، كەيپىياتى ھۆل سوغۇقتۇر .

سۇ پۈتكۈل كائىناتنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇپ پۈتكۈل كائىنات ۋە تەبىئەت جىسىملىرىنى تۈزۈشتە بىر ماددىلىق ياكى بىر ئامىللىق رول ئوينايدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› ناملىق ئەسىرىدە:

‹‹ ئۈچى ئوت ئۈچى سۇ ئۈچى بولدى يەل ،

ئۈچى تۇپراق بۇلاردىن ئاژون بولدى ئەل.››

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كائىنات جىسىملىرىنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ

سۇ ئاددى، بۆلۈنمەيدىغان ماددا بولۇپ زاتى ۋە ئارەزىدىن ئىبارەت ئىككى خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە، بۇخىل خۇسۇسىيەت باشقا ماددىلارغىمۇ (ئوت،ھاۋا،تۇپراق) ئورتاقتۇر، ئۇ بىر ماددا سۈپىتىدە ئالەمنىڭ شەكىل ھالىتىنى ئۆزگەرتكۈچى،تۈزگۈچى ھەم ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلىغۇچىدۇر .

سۇ ئالەمنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددىلارنىڭ بىرى بولۇپ ماددىلارنى تۈزۈشكە قاتنىشىش، سۇيۇلدۇرۇش ماددا تۈزۈلىشىدە ئۇلارنىڭ زىچلىقىنى نورماللاشتۇرۇش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، شەكىل ھالىتىنى تۈزەش، ماددىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرلىرىنى نورماللاشتۇرۇش، ماددىلارنى ئۆزگەرتىش، ئۇلارنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى ساقلاش، سۇنىڭ تەسىرىدە قاتىدىغان ماددىلارنى قاتۇرۇش، ئېرىيدىغان ماددىلارنى ئېرىتىش ،ماددىلارنى ھەركەتلەندۈرۈش خۇسۇسىيىتى بولۇپ ئۇ ئۆزىنىڭ شەكىل ھالىتىنى ساقلىيالمايدۇ، باشقا ماددىلارنى ئۆزگەرتىدۇ،ھەم باشقا ماددىلارنىڭمۇ ئورنىنى ساقلىيالمايدۇ، ۋەزىن جەھەتتىن نىسپى ئېغىر بولۇپ ،ئورنى تۇپراقنىڭ ئۈستىدە، ھاۋانىڭ ئاستىدا بولىدۇ . ئوتنىڭ تەسىرىنى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق قوبۇل قىلىدۇ، كەيپىياتى ھۆل سوغۇقتۇر دېگەن خۇسۇسىيەتلىرى ئارقىلق پۈتكۈل ئالەم ۋە تەبىئەت جىسىملىرىغا ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاسمان جىسىملىرىمۇ تۆت چوڭ ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇلاردىكى سۇنىڭ رولى پەقەت ئۇنى تۈزگۈچى ۋە تەرەققىيات ئۈزلۈكسىزلىكىنى ساقلىغۇچى قاتارلىق رولىدىن باشقا رولى بىزگە مەلۇم ئەمەس.

سۇ باشقا تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغانغا ئوخشاش ئادەم بەدىنى بىلەنمۇ ناھايتى زىچ مۇناسىۋەتلىك،ئادەم بەدىنىدىكى سۇ ئەركىن سۇ ۋە بىرىككەن سۇ دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ،ئومۇملاشتۇرپ ئېيتقاندا بىرىككەن سۇ ئادەم ئورگانىزىمىدىكى توقۇلمىلارنى تۈزۈشكە قاتناشقان سۇلارنى، ئەركىن سۇ ئورگانىزىمدىكى بارلىق بىئو-خېمىيىلىك پائالىيەتلەرنى بېجىرىدىغان سۇنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن سۇنىڭ ئۇزۇقلۇق رولى يوق، باشقا ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تېگىشلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشتە نۇرغۇنلىغان مۇھىم فىزىئولۇگىيلىك روللارنى ئوينايدۇ. تۆۋەندە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا ئايرىم –ئايرىم توختىلىمىز :

سۇنىڭ ھەركەت سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەركەت سېستىمىسىغا تەئەللۇق ئەزا توقۇلمىلار سۆڭەك، مۇسكۇل، پەي-تارامۇش، كۆمۇرچەك ۋە ئۇلاردىن تۈزۈلگەن بۇغۇم قاتارلىقلار كىرىدىغان بولۇپ، ئۇلار بەدەننىڭ سىرتقى مۇھىتى بىلەن ماسلىشش ئۈچۈن بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى ئاساس قىلىپ ھەرخىل ھەركەتلەرنى ئورۇنداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، سۇ ئۇلار بىلەن ناھايتى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ سۇ بىر ماددا سۈپىتىدە ھەتكەت سېستىمىسىكى ئەزالارنى تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك سۇ ئالەمدىكى مەخلۇقاد-مەۋجۈدادلارنى تۈزگۈچى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىدۇر . ئۇ ھەركەت سېستىمىسىغا تەئەللۇق ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىپ ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. ئۇندىن باشقا ھەركەت خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇنىڭ نورمال ھەركىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەم نورماللىقىغا بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇسكۇل ۋە پەيلەرنى ئوراپ تۇرغۇچى نۇرغۇن باغلامچى پەيلەر ۋە مۇسكۇل غىلاپى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە مۇسكۇل ۋە پەيلەرنىڭ نورمال ھەركىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاجرالما سۇيۇقلۇقلار بولۇپ بۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشى شۇ مۇسكۇل –پەيلەرنىڭ نورمال ھەركەت قىلىشىنىڭ كاپالىتى.، بۇغۇملارنىڭمۇ شۇنداقتۇر. ئەگەر ئۇ سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىدا غەيرىلىك كۆرۈلسە پەي-مۇسكۇللارنىڭ فىزىئولۇگىيلىك خىزمىتى ۋە ماددا ئالمىشىش  توسقۇنلۇققا ئۇچراش قاتارلىق بىر قاتار كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. (ئۇ ئاجرالما سۇيۇقلۇقلارنىڭ تەركىبىدە %95تىن %98 گىچە سۇ بولىدۇ) . بىز يۇقىردا سۇنىڭ خۇسۇسىيىتىدە ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سۇ ئالەمدىكى بارلىق ماددىلارنىڭ مۇكەممەل تۈزۈلىشىدە ھەم ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىكى رولىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق، گەپنى يەنە شۇ يەرگە يۆتكىسەك ئادەم ئالەمنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغاچقا ئۇنداق روللار پەقەت سۇدىلا بولىدۇ، ئۇ ماددىلارنىڭ يۇمشاق (شالاڭ) ياكى قاتتىق (زىچ) لىقىنى بەلگىلەيدىغان ئاساسىي ماددا بولۇپ ئۇنىڭ ئۇنداق بولىشى كەيپىياتىدىكى ھۆللۈك بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، سۆڭەك –مۇسكۇللارنىڭ زىچلىششى ئۇنىڭ تەركىبىدە تۇتقان ھۆللۈكنىڭ ھەرخىل ماددا ئالمىشىش يۇللىرى ئارقىلىق خوراپ كېتىش ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. شالاڭلىشىپ بوششىپ كېتىشى بولسا، تەركىبىدە تۇتقان تۇپراق جىنىسلىق ھەرخىل ماددىلارنىڭ ئازىيىپ ھۆللۈكلەرنىڭ كۆپىيىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ .بۇنى ئاددى مىساللار ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. يەنى بىر تال سۆگەتنىڭ ھۆل نوتىسى بىلەن قۇرۇق نوتىسىنىڭ تەركىبىدىكى ھۆللۈك ئۇلارنىڭ تىرەڭلىكىنى بەلگىلەيدۇ.سۇ بەدەن تېمپراتورىسى تۇراقلىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بەدەندە ئىسىقلىق ھاسىل قىلىدىغان ئەزالارنىڭ بىرى سۆڭەك –مۇسكۇل بولۇپ بەدەن تېمپراتورسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى مۇسكۇللار ئاجرىتىپ چىقارغان بىر خىل شىلىمشىق خەمىرە (كوللاگېنلىق ئاقسىل) نىڭ كۆپىيىپ كېتىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سۇ بولسا ئۇ خىل خەمىرەنىڭ ئەزا-توقۇلمىلاردىكى قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ چىقىرىش ئەزالار ئارقىلىق چىقىرلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۇنىڭ چىقىرلىشى يەنىلا سۇنىڭ توشۇش، يۆتكەش، سۇيۇلدۇرش، ئېرىتىش رولى ئارقىلىق بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇ ھەركەت سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۈزۈشتە بىر ماددىلىق سۈپىتى بىلەن قاتنىشىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇكەممەللىكى نورمال فىزىئولوگىيلىك خىزمىتى باشقا ئەزالار بىلەن بولغان مۇناسىتىنى تەڭشەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

سۇنىڭ نېرۋا سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

نېرۋا سېستىمىسى – مەركىزىي نېرۋا سېستىمىسى ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. سۇ نېرۋا سېستىمىسىغا تەۋە توقۇلمىلارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ئىبىنسىنا ‹‹ ئەلقانۇن›› دېگەن كىتابىدا ‹‹خىلتلار ئۇنسۇرلارنىڭ دەسلەپكى بىرىكىشىدىن بارلىققا كەلگەنگە ئوخشاش ئەزالارمۇ خىلىتلارنىڭ دەسلەپكى بىرىكىشىدىن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ ››دەيدۇ. بۇ پۈتكۈل ئەزالارغا خاستۇر، ئۇندىن باشقا سۇ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ سەزگۈرلىكىنى ساقلاپ، نورمال فىزىئولوگىيلىك پائالىيەتلەرنى بېجىرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. چوڭ مىڭە پوستلىقىنىڭ ۋە ئەتراپ نېرۋا سېستىمىسى بولغان نېرۋا ئۇچلىرىنىڭ سەزگۈرلىكى ئېشىپ كەتكەندە غەيرى تەبىئىي قوزغۇلۇش رېفلېكىس پەيدا بولۇپ ھەرخىل پاتىئولوگىيلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇنداق بولۇشى ئۇلاردىكى ھۆللۈكنىڭ ئازىيىپ، قۇرۇقلۇق غالىپلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنىڭ سەزگۈرلىكىنى نورماللاشتۇرۇپ ئۇ سېستىمىغا تەئەللۇق  روھ - قۇۋۋەتنىڭ نورمال ئۆتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

سۇنىڭ ئېرىتىش، ئاققۇزۇش، سېلىقلاش رولى بولغاچقا بۇ سېستىمىنىڭ ماددا ئالمىشىش مەھسۇلاتىنى چىقىرش ئەزالىرىغا يەتكۈزۈشتىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇ نېرۋا سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۈزەش ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سېلىش، ماددا ئالمىشىش قالدۇق ماددىللىرىنى چىقىرىش، كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارنى يەتكۈزۈش قاتارلىق روللارنى ئوينايدۇ.يېقىنقى زامان تىببى پېنىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىل بىلەن خەمىرەنىڭ يېپىشقاقلىقى تۆۋەن، ئېرىتكۈچىدىكى ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر يۇقىرى. ھۈجەيرە پوستىدىكى بارلىق قوبۇللىغۇچ (قوبۇل قىلىش نۇقتىسى) ھەممىسى شۇنداق. يېپىشقاقلىقى يۇقىرى ئېرىتكۈچىدە (سۇسىزلىنىش ھالىتىدە) ئاقسىل بىلەن ئېنزىمنىڭ ئۈنۈمدارلىقى بىر قەدەر تۆۋەن (بەلكىم بەدەننىڭ سۇ كەملىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلىش ئىقتەدارىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن) شۇڭلاشقا، سۇ بەدەندىكى ئېرىتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مېخانىزىملارنى تەڭشىيەلەيدۇ.

«سۇ بەدەندىكى ئېرىتكۈچى، ئۇ بارلىق مېخانىزىملارنى تەڭشىيەلەيدۇ، ھەتتا سۇدا ئېرىگەن ھەم سۇدا ئايلىنىدىغان ئېرىگۈچىنىڭ ھەرىكىتىنىمۇ تەڭشىيەلەيدۇ» . بۇ بىر يېڭى پەننىي ھەقىقەت (ئەندىزە ئۆزگىرىشىنى تونۇش) كەلگۈسىدىكى تېببىي تەتقىقاتنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك.

سۇ كەمچىل بولغاندا، بەدەندىكى «ئىچكى ئورنىتىلغان» سۇ قوبۇل قىلىش مېخانىزمىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپلا قالماي، بەدەن ئىچىدە ساقلاقلىق سۇ مىقدارىنى ئۆلچەپ تەقسىم قىلىش مېخانىزمىمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇ ئالدىن بېكىتىلگەن تەرتىپ بويىچە بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ. مانا بۇ «قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش» دۇر.

پەن تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە ھىستامىننىڭ يېتەكلىشى ۋە باشقۇرۇشىدىكى نېرۋا سىگنال يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئاكتىپلىشىپ، ئۆزىگە بويسۇنغۇچى سىستېمىلارنى قوزغىتىپ ،سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بويسۇنغۇچى سىستېمىلارمۇ سۇنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئايلىنىش جەريانىغا قاتنىشىپ سۇنى بىر ئەزادىن يەنە بىر ئەزاغا تەڭشەيدۇ. بويسۇنغۇچى سىستېما ئارقا بۆلەك ۋازوپرېسسىن (بېسىمنى ئاشۇرۇش ھورمونى)، AR ۋە GP نى ئۆتكۈنچى مۇھىت قىلىدۇ. بەدەننى ھەرۋاقىت سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئامبار بولمىغانلىقتىن پەقەت ئېتىبار بېرىپ تەقسىملەش سىستېمىسىلا ساقلىنغان سۇ ۋە قوبۇل قىلغان سۇنى تەقسىملەيدۇ.

بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا ھىستامىننىڭ شەكىللىنىشى ۋە ساقلىنىشى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدىكەن. ھىستامىن شەكىللەنگەندىن كېيىن، قوش ماكانلىق ھايۋانلاردا سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلگندىلا رولىنى جارى قىلالايدۇ.

نېرۋا سىگنالى يەتكۈزۈش ھىستامىننى ھازىر بار بولغان سۇ مىقدارىنى بېكىتىش ۋە تەڭشەشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھايۋان تېنىدە سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلگەندىن كېيىن، ھىستامىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ۋە ساقلىنىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «قۇرغاقچىلىقنى باشقۇرۇش» دۇر.

ھىستامىن ۋە بويسۇنغۇچى مەزى بېزى ئاجرتمىسى، كىنىننى ۋە FAP ئادەم بەدىنىدىكى سۇ مىقدارىنى تەڭشىيەلەيدۇ ۋە تەقسىملىيەلەيدۇ. ئاغرىق سىزىش نېرۋىلىرىغا ئۇچرىغاندا ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالدىدا «تېببىي قاراشنىڭ ئۆزگىرىشى» نى سۆزلەپ، كىشىلەر سەل قارىغان ئىككى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىرىنچىسى، ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بەدەندە سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى قاراش «ئېغىز قۇرۇش» نى بىردىنبىر سۇ كەمچىللىكىنىڭ سىگنالى دېگەن كونا قاراشقا رەدىيە بەردۇق.ئىككىنچىسى نېرۋا سېگنال يەتكۈزگۈچى ھىستامىننىڭ شەكىللىنىشى ۋە بويسۇنغۇچ سۇ تەڭشەش فاكتورلىرىنىڭ ئاكتىپلىشىشى زىيادە سەزگۈرلۈك، زىققە ۋە سوزۇلما خارەكتىرلىك ئاغرىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇخىل ئاغرىقلارنى بەدەننىڭ سۇ كەمچىللىكتىن تارقاتقان خەتەرلىك سىگنالى دەپ قارىشىمىز كېرەك. پەقەت «ئەندىزىنىڭ ئۆزگىرىشى» نى تونۇپ يەتكەندىلا ئاندىن بەدەندىكى سۇ كەمچىللىك بىلەن مەلۇم دائىرىدىكى سۇ كەمچىللىك تارقاتقان سىگناللارنى توغرا پەرقلەندۈرەلەيمىز.

سۇنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

قان ئايلىنىش سېستىمىس يۈرەك، قىزىل قان تومۇر، كۆك قان تومۇر ۋە قىل قان تومۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . سۇ بۇ سېستىمىدىكى ئەزالار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سېستىمىدىكى ئەزالارنى بىر ماددا سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. تېگى ماھىيىتىدىن ئېيتقاندان سۇدا بىر خىل يىلىملىك (يېپىشقاقلىق) خۇسۇسىيەت بولغاچقا باشقا ماددىلارنى (ئوت، ھاۋا، تۇپراق) تۇتاشتۇرۇپ (يەملەپ) شەكىلگە كىردۈردۇ. ئۇ كىرگەن شەكىل شۇ مەزمۇنغا ماس كەلگەن بولىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر تىبابەت پىشىۋالىرى ‹‹ شەكىل مەزمۇننىڭ ئىپادىلىنىش ›› دەپ توغرا ئېيتقان .

يېقىنقى زامان تەبىئىي پەنلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا سۇ يەنە بىرخىل ئالاھىدە قۇرۇلما ياكى ھالەتنى شەكىللەندۈرگۈچى ماددا، ئۇ خۇددى بىرخىل چاپلاشقاق ماتىريالدەك بەدەندىكى توقۇلما ئەزالارنى بىر –بىرىگە مەھكەم چاپلاپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .

شۇڭا ئېيتىمىزكى سۇ قان ئايلىنىش سېستىمىسى ۋە باشقا ئەزا-سېستىمىلارنى تۈزۈشكە تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە قاتنىشپ ئۇلارنى بىر پۈتۈن ئورگانىك سېستىمىغا ئايلاندۇرىدۇ .

يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ %79ى سۇ تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۇ سۇ بىرىككەن ھالەتتە مەۋجۈد، ئۇنداق كۆپ سۇ بولۇشى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاش ئیچۈندۇر. يۈرەك بىلەن يۈرەك قېپىنٍڭ ئارلىقىدا مەلۇم مىقداردا سۇ بولۇپ بۇ سۇ يۈرەك بىلەن يۈرەك قېپٍنىڭ سۈركۈلىشىنى ئازايتىدۇ. (يۈرەك قېپى سۇيۇقلۇقىنىڭ %95ى سۇ، %5ى ئورگانىڭ يېپىشناق ماددىدىن تەركىب تاپقان) قان تومۇرلار تەركىبىدىمۇ (تۈزۈلۈش تەركىبىدە) %70 ئەتراپىدا سۇ بولىدۇ.ئۇنىڭ مۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبى، قان-تومۇرلارنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ساقلاپ نورمال تارىيىپ-كېڭىيىشى ئیچۈن پايدىلىق شاصائىت بىلەن تەمىنلەشتۇر. سۇنىڭ يەنە قان-تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى نورماللاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بولۇپ، ئۇ پۈتۈن بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشقا كېرەكلىك بولغان ماددىلارنى قان-تومۇر ئارقىلىق ئېقىتىپ كېرەكلىك ئورۇنغا يەتكۈزىدۇ. ماددا ئالمىشىش كېرەكسىز مەھسۇلاتىنى بولسا سۇنىڭ ئېرىتىش، ئاققۇزۇش رولى ئارقىلىق قان-تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بىلەن چىقىرىش ئەزالىرىغا يەتكۈزىلىدۇ، ئەگەر قان –تومۇرلارنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتسە، تولۇپ قېلىش (ئىمتىلا) خارەكتىرلىك كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر قان تومۇرنىڭ ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى بەك كۈچىيىپ كەتسە، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە ئالاقىدار كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئىستىفراغ بىلەن ئېھتىباس تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى يەنىلا سۇ تەڭشەپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنى كېلىپ چىقىشىمۇ يەنىلا بەدەندىكى سۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى (سەرىپ قىلىشنىڭ توغرا بولماسلىقى) بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ھازىرقى زامان تىببى پەن تەتقىقات نەتىجىللىرىگە قارىغاندا يۇقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ باش جىنايەتچىسى بەدەنگە سۇ يېتىشمەسلىك ۋە سۇ تەڭپۇڭلىقىنىڭ بۇزۇلىشى ئىكەن. بەدەنگە سۇ يېتىشمىگەندە ياكى بەدەندە قۇرۇقلۇق غالىپ ئورۇندا تۇرغاندا بىرىنچى بولۇپ تەسىرگە ئۇچرايدىغان ئورۇن قان-تومۇر ، بۇنىڭ ئىچىدىمۇ تەسىرى ئەڭ چوڭ بولىدىغىنى قىل-قان تومۇرلار بولۇپ ئۇلارنىڭ ئېلاستىكىلىقى يوقۇلۇپ توسىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يوقۇرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى ئۈچۈن مۇھىم بىر سەۋەب ھازىرلىنىدۇ.

ئۇندىن باشقا سۇنىڭ قاندىكى ماينى تەڭشەش –تۆۋەنلىتىش رولى بولۇپ، بەدەندە سۇسىزلىنىش ئېغىر بولغاندا قاندىكى ماينىڭ مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ، سۇنىڭ قاندىكى ماي (بولۇپمۇ خولسترىن) نى تەڭشەش رولىنىڭ بارلىقى نۇرغۇن تەجىربىلەن ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. ھازىرقى زامان ئەركىن رادىكال تىببى ئىلمىنىڭ بىر تارماق پەن سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشىغا ئەگىشىپ، ‹‹ سۇ كۆپ ئىچكى مۇھىت›› تا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىردىغان نۇرغۇنلىغان ئەركىن رادىكاللارنىڭ پاسسىپلىشىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سۇ بەدەننىڭ، بولۇپمۇ يۈرەك قان-تومۇرنىڭ ئەڭ ياخشى مۇھاپىزەتچىسى، قان سۇيۇقلۇق تەركىبىدە سۇ نورمال قىممەتتىن ئازلاپ كەتسە، قۇيۇق قاننى شەكىللەندۈرىدۇ. قان قۇيۇقلىشىپ قالسا يەنە يۈرەك قان-تومۇرلارنىڭ يۈكى ئېشىپ شۇنىڭغا ئالاقىدار ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. سۇ قان سۇيۇقلىقىنىڭ قىيامىنى تەڭشەشتە يەنە ئالاھىدە روللىرى بولۇپ، يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك قان بەك سۇيۇلۇپ كەتسە، (قان تەركىبىدىكى سۇ بەك كۆپ بولۇپ كەتسە) قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەنلەپ، ئىستىفراغ كۈچىيىپ كېتىشكە ئالاقىدار ھەرخىل  كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر قان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى سۇنىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، قان قۇيۇقلىشىپ قالسا، توسۇلۇش (سۈددە)، تولۇپ قېلىش  (ئىمتىلا) قا ئالاقىدار ھەرخىل كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارنىڭ نورمال قىممەتتە ساقلىنىشى يەنىلا سۇنىڭ يۆتكەش، ئېرىتىش، ئاققۇزۇش رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇ قان ئايلىنىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە تۈزۈشكە قاتنىشىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ بارلىق فىزىئولوگىيلىق پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ، ئۇلارنىڭ نورمال بېجىرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

سۇنىڭ ھەزىم سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئېغىز بوشلۇقىدىن تارتىپ مەقئەتكىچە بولغان بەدەنگە زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇقلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تەييارلىغۇچى ئەزالارغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكىدەك:

ئېيتىمىزكى سۇ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىدىكى ئەزالارنى تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ تۈزۈلىشىدە سۇنىڭ بىرىكتۈرۈش رولى ئالاھىدە چوڭ رول ئوينايدۇ. چۈنكى سۇ ھەر قانداق بىر ماددىنىڭ نەملىك دەرىجىسىنى نورمال ساقلىسا، ئۇنىڭدا يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى پەيدا بولىدۇ، ياكى سۇ قاتناشقان ھەرقانداق ماددا تۈزۈلىشىدە يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى تەبىئىي مەۋجۈد بولىدۇ، يۈزلۈك كېرىلىش كۈچى سۇدا تەبىئىي مەۋجۈد كۈچتۇر.  بۇ كۈچ ماددىلارنى ئۆز ئارا بىر –بىرىگە جىپىسلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق شەيئى شەكلىنى مەزمۇنغا لايىقلاشتۇرىدۇ. ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ ھەزىم قىلشقا لايىق شەكلى سۇنىڭ رولىدىن بولغاندۇر. سۇنىڭ يەنە سىلىقلاشتۇرۇش رولى بار بولۇپ، ئېغىزدا چاينىغان يېمەكلىكنىڭ چىقىرىش ئەزالىرىغىچە يېتىپ بىرىشىدا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقلىرى ئىچكەن سۇنىڭ رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. ھەزىم قىلىش خەمىرە (ھەزىم قىلىش ئېنىزىمى ) لىرىنىڭ تەركىبىدە %96 سۇ بار، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۇ ئۆزىنىڭ پارچىلاش، ئاققۇزۇش روللىرى ئارقىلىق يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى كېرەكلىك – كېرەكسىز تەركىبلەرنى ئايرىپ، ماددا ئالمىشىشنى تەرتىپكە سالىدۇ. ئۇندىن باشقا سۇ يەنە ھەزىم قىلىش ئەزالىردىكى جۈملىدىن پۈتۈن بەدەندىكى تۆت قۇۋۋەتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاپ، ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسىغا بولغان خادىمىلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلايدۇ. سۇ يەنە جىگەرنىڭ خىلىت ئىشلەش جەريانىغا خىزمەت قىلغۇچى ئاساسىي ماددىدۇر، يېمەكلىكلەرنىڭ كەيلۇس ھالىتىگە كېلىشى سۇنىڭ ئېرىتىش رولىدىن بولىدۇ. ئۇنىڭ ماسارىقا تومۇرلاردىن جىگەرگە سۈمۈرلۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق قۇيۇقلۇقتا بولىشى شەرت. ئۇنىڭ قۇيۇقلىقىنى يەنىلا سۇ تەڭشەيدۇ، جىگەردىكى خىلىتلارنىڭ ئىشلىنىش جەريانىدىمۇ يەنىلا سۇنىڭ ماددىلارنى بىرىكتۈرۈش، پارچىلاش، ئاققۇزۇش، تەركىبلەرگە ئايرىش، تېگىشلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق روللىرى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، خىلىتلار ئىشلىنىش جەريانىدا جىگەر ئۇنىڭ ئىشلىگۈچى رەئىسى بولغانغا ئوخشاش، سۇمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ رەئىسىدۇر. سۇنىڭ يۇقىردىكى روللىرى بولمىسا ئوزۇقلۇقلار ھەرگىزمۇ تېگىشلىق ئورۇنلارغا بېرىپ بەدەننىڭ نورماللىقىنى ساقلىيالمايدۇ. سۇ يەنە جىگەرنىڭ بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەش رولىغا ياردەملىشىپ بەدەن تېمپراتورسىنى نورمال قىممەتتە ساقلايدۇ. سۇ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خېمىيىلىك –بىئولوگىيلىق خۇسۇسىيىتى ئارقىلىق تەڭشەيدۇ،

سۇنىڭ سېلىشتۇرما ئىسقلىق سېغىمى:  J/(Kg.k)4184 بولۇپ، ئۇ ماددا ئالمىشىش جەريانىدا ھاسىل بولغان كۆپ مىقداردىكى ئىسىقلىنى سۈمۈرۈپ، تەر، سۈيدۇك ۋە باشقا يوللار ئارقىلىق چىقىرىپ بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەيدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بەدەندىكى قىزىتما پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى توسۇدۇ. شۇ ئارقىلىق بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەيدۇ . بەدەن تېمپراتورسىنىڭ تەڭشىلىشى ئەڭ ئاساسلىقى ئىسىقلىقنىڭ (ئوتنىڭ ) يۆلىنىشكە ئىگە بولغانلىقىدۇر. ئوتنىڭ بايانىدا سۆزلەنگەندەك، ئوت يۆلىنىشكە ئىگە بولۇپ، يۆلىنىش داۋاملىق يۇقىرغا قارىتا يۆنەلگەن، تېمپراتورسى يۇقىرى ئورۇندىن تۆۋەن ئورۇنغا يۆتكىلىدۇ، شۇڭا ئېيتىمىزكى سۇنىڭ بەدەن تېمپراتورسىنى تەڭشەش رولى ، سۇ يۈتىۋالغان ئىسىقلىقنى بەدەن سىرتىغا چىقىرش ئارقىلىق بولىدۇ. سۇ يەنە ھەزىم قىلش ئەزالىرىنى تازلايدۇ . ئىچكى مۇھىت بىلەن تاشقى مۇھىت ئوخشاشلىققا ئىگە بولغانچقا، سۇ سىرتقى بەدەندىكى مەينەتچەلىكنى تازلىغانغا ئوخشاش، ئىچكى مۇھىتتىكى ماددا ئالمىشىش قالدۇق مەھسۇلاتىنى تازلايدۇ. ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا سۇنى ئىچكى مۇھىتنى تازلايدىغان ‹‹سۈپۈرگە›› دېيىشكە بولىدۇ . ئۇستاز، ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ئابدۇلھەمىد يۈسۈف داموللا ھاجىم يازغان ئەسەرلىرىدە، ‹‹ ھەركۈنى ئەتىگەندە ناشتىدىن بۇرۇن بىر –ئىككى ئىستاكان قايناقسۇ ئىچىشنى ئادەت قىلسا، قەۋزىيەتلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ›› دەپ يازغان، بۇ ھۆكۈم سۇنىڭ بەدەننى تازلاشتىكى رولىغا قارىتىلغان ئىشارەتتۇر. ئۇيغۇر تىبابىتىگە ئائىت كلاسسىك ئەسەرلەردە، ھەزىم قلىشى ئەزالىرىنىڭ بولۇپمۇ چوڭ ئۈچەينىڭ زەھەرسىزلەندۈرۈش باسقۇچى سەھەردە بولىدۇ دەپ قەيت قىلىنغان. بۇ ھۆكۈمنى ئالىمنىڭ يۇقىرقى مەلۇماتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ چۈشەندۇرسەك سۇنىڭ شۇلارغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلىش قىيىن ئەمەس، ئۇندىن باشقا سۇنىڭ ھەزىم قىلىش بەزلىرى ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلارنى مۆتىدىللەشتۇرۈش (نېيتراللاشتۇرۇش) خۇسۇسىيىتى بار، (بولۇپمۇ ئاشقازان تىزابىنى ) ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ بەز تەنچە قاتلىمى ئۈستىدە بىر قەۋەت شىلىمشىق سۇيۇقلۇق بولۇپ ئاشقازان توقۇلمىللىرىنىڭ ئەڭ ئىچكى قاتلىمىغا جايلاشقان. شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنىڭ %98 ى سۇ، %2 ى سۇنى تۇتۇپ تۇرىدىغان تۇپراق جىنىسلىق ئىسكىلىت (جازا) بولۇپ، بۇ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹ سۇ قاتلىمى ›› تەبىئى بوففېرلاش  رايونى، ئۇنىڭ ئاستىدىكى توقۇلما قاتلىمى بىرخىل ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇ ماددا سۇ قاتلىمى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ، ئاشقازان تىزابى بۇ قەۋەتتىن ئۆتكەندە، ئۇ ماددا ئۇنى نېيتراللاشتۇرىدۇ. سۇنىڭ شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قەۋەتتىن سىرغىپ ئۆتىشى بىر تەبىئىي جەريان بولۇپ خۇددى شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتلىمىنى قارشى يۆلىنىشتە يۇيۇشقا ئوخشايدۇ. مەقسەت چۆكۈپ قالغان سەۋدا خارەكتىرلىك ماددىلارنى تازلاشتىن ئىبارەت. ئۇ جەريان ناھايتى ئۈنۈملۈك بولۇپ سۇ يېڭى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقتىن سىرغىپ ئۆتكەندە تېگىدىن شىلىمشىق سۇيۇقلۇق قاتلىمى قايتىدىن سۇ بىلەن بىرىكىدۇ، بۇ خىل ھەم يېڭى ھەم قېلىن قۇيۇق بولغان شىلىمشىق سۇيۇقلۇق تەبىئىي مۇداپىئە رايونى بولۇپ، ئاشقازان تىزابىنىڭ ئاشقازان توقۇلمىللىرىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقنى توسىدۇ. تەبىئىي مۇداپىئە رايونىنىڭ رولى بولسا، سۇنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا تايىنىدۇ، بولۇپمۇ ھەرخىل غەلىز يېمەكلىكلەر ئاشقازاننىڭ بەل تەنچە قاتلىمىنى غىدىقلاپ ئاشقازان تىزابىنى كۆپلەپ ئاجرىتىشقا سەۋەب بولىدۇ، شۇڭا سۇ ئاشقازان تىزابىنىڭ ئاشقازان توقۇلمىللىرىغا بولغان بۇزغۇنچىلىقىنى ساقلايدىغان بىردىنبىر ماددىدۇر. مانا بۇ سۇنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدۇر.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بىلمنۇر تورى:سۇ 

http://www.bilimnur.com/?p=1039

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#