ۋىتامىن B1
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ۋىتامىن B1 __ بېرى-بېرى كېسىلىگە قارشى ۋىتامىن دەپ، يەنە <تىئامىن> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سۇدا ئېرىيدىغان ۋىتامىن بولۇپ، مولېكۇلىسىنىڭ تەركىبىدە بىر پىرىمىدىن ھالقىسى ۋە بىر تىئازول ھالقىسى بولىدۇ، ئۇنىڭ پېرفوسفاتلىق ئېستېرى (TPP) بىر خىل كاربوكسىل كوئېنزىم بولۇپ، قەنتلەرنىڭ مېتابولىزمىدا α-كېتوكىسلاتالارنىڭ كاربوكسىلسىزلىنىشى ۋە بىۋاستە كاربوكسىلسىزلىنىشىغا قاتنىشىدۇ.
ۋىتامىن B1 خولېن ئېستېرازىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تورمۇزلايدۇ، ئاتسېتىل خولىن نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ۋىتامىن B1 كەمچىل بولغاندا خولېن ئېستېرازىنىڭ ئاكتىپلىقى كۈچىيىپ، ئاتسېتىل خولېننىڭ گىدرولىزلىنىشى تېزلىشىش بىلەن نېرۋىنىڭ ئۆتكۈزۈشىگە تەسىر قىلىدۇ. يەنە TPP يېتىشمىگەنلىكتىن، پىرۇۋىك كىسلاتانىڭ ئوكسىدلىنىپ كاربوكسىلسىزلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، نېرۋا توقۇلمىسىدا بىرۇۋىك كىسلاتا، لاكتىك كىسلاتالىرى توپلىنىۋېرىدۇ - دە، كېسەلدە ئۇنۇتقاقلىق، ئەنسىزلىك، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆپ پەيدا بولىدىغان نېرۋا ياللۇغى، تۆت ئەزاسى ماغدۇرسىزلىنىش، مۇسكۇللىرى ئاغرىشلار كۆرۈلىدۇ، مانا بۇ قۇرغاق بېرى-بېرى كېسىلىدۇر. بۇنى ۋىتامىن B1 لىك ياسالمىلار ياكى تەركىبىدە ۋىتامىن B1 مول بولغان كېپەك (ئاشلىق كېپىكى) بىلەن داۋالىغىلى بولىدۇ.
ئۇرۇقنىڭ سىرتقى پوستى ۋە تۆرەلمىسىدە، بۇغداي كېپىكى، گۈرۈچ توپىنى، ئېچىتقۇ، سېرىق پۇرچاق، ئورۇق گۆشلەردە بولىدۇ، كەرەپشە (چىڭسەي)، پاقا يوپۇرماقلىرىنىڭ تەركىبىدىمۇ B1 مول بولىدۇ. شاپتۇل، ۋىتامىن B1 تۈرىدىكىلەرنى تولۇقلاپ تۇرۇش بوغما ئۈچۈي فونكىسيىسىنى تەڭشەشكە پايدىلىق.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.