ئارائۆستەڭ يېزىسى

ئارائۆستەڭ يېزىسى

ئارائۆستەڭ يېزىسى شىنجاڭ ئىلى ۋىلايىتىدىكى غۇلجا ناھىيەسىگە، ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئارائۆستەڭ يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق مۆتىدىل يېرىم قۇرغاق رايون كىلىماتى
ماشىنا كودى يېڭى F
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿热吾斯塘乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا ناھىيەسى
پىنيىنچە يېزىلىشى ā rè wú sī táng xiāng
تېلېفون رايۇن نومۇرى 0999

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارائۆستەڭ يېزىسىئارائۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىدە بېك كەنتى، گۈكرەتمە كەنتى، تۈگمەنبېشى كەنتى، ئويمانبايتوقاي كەنتى، كۈزلەك كەنتى، بۇلاقبېشى كەنتى، ئارامەھەللە كەنتى، كۈيتۈن بەك مەھەللە كەنتى، قارادۆڭ كەنتى، ئالتۇن كەنتى، ئاياغ مەھەللە كەنتى، خەلپەم مەھەللىسى كەنتى قاتارلىق 12 مەمۇرىي كەنت بار.

ئارائۆستەڭ يېزىسىئارائۆستەڭ يېزىسى تەۋەسىدە 20 پارتىيە ياچېيكىسى بار، پارتىيە ئەزالىرى 470 نەپەر، ئىتتىپاق ئەزالىرى 1217 ئادەم. رايون تەۋەسىدە 32 مەسچىت، دىنىي پائالىيەت نورمال. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي گۈكرەتمە كەنتى.

سەككىز يېزا تۇرۇشلۇق ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا: ساقچىخانا، توك بىلەن تەمىنلەش پونكىتى، يەر باشقۇرۇش پونكىتى، ۋودوپروۋود سۇ پونكىتى، پوچتىخانا، ئاشلىق پونكىتى، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، ئامانەت-قەرز كوپىراتىپى قاتارلىقلار بار.

ئارائۆستەڭ يېزىسى قۇرۇقلۇق مۆتىدىل يېرىم قۇرغاق رايون كىلىماتىغا تەۋە. تېمپېراتۇراسى بىر قەدەر ئىللىق ۋە نەمخۇش، يىللىق ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃8.5، 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃8، 7-ئايدا ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃3، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 340 مىللىمېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە 4-ئايدىن 9-ئايغىچە %60 نى ئىگەللىگەن. قىروسىز مەزگىلى 164 كۈن، ئۈنۈملۈك يىغىندى تېمپېراتۇراسى ℃10 تىن يۇقىرى، قۇياش رادىئاتسىيە مىقدارى 3200 كىلوكالورىيە/كۋادرات مېتىر، قار بىر قەدەر مۇقىم، يېپىش قېلىنلىقى 20-10 سانتىمېتىر، كۈزگى بۇغداينىڭ قىشتىن ئۆتۈشىگە پايدىلىق، ئاساسلىقى تەبىئىي ئاپەت قۇرغاق ئىسسىق شامال، تۈگەنچى باھاردىكى سوغۇق، لېكىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئارائۆستەڭ يېزىسى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تىنما قالدۇق دۆڭ تۈزلەڭلىكىگە جايلاشقان، يەر شەكلى مۇرەككەپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 700 مېتىر، يەر شەكلى شەرقتىن غەربكە قىيسايغان، تۇپىرىقى كۈل رەڭ تۇپراق، تۇپراق سۈپىتى ياخشى، تېرىقچىلىققا ماسلىشىچانلىقى ياخشى، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كېلىدۇ.

ئارائۆستەڭ يېزىسىيېزا بويىچە ئاشلىق زىرائىتى تېرىلغۇ كۆلىمى 34676 مو، ئىقتىسادىي زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى 17831 مو. ئاساسلىق تېرىلىدىغان زىرائەتلەردىن : بۇغداي، قىچا، ئوجون، قوناق، قىزىلچا، تاتلىق ياڭيۇ، ياڭيۇ، كۈدە قاتارلىقلار بار، 2007-يىلى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 4019 يۈەن بولغان، ئورمان بىلەن قاپلىنىش كۆلىمى %28 تىن ئاشقان.

قوتاندا ساقلانغان چارۋا-مال سانى 32737 تۇياققا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 4716 تۇياق، قوي 25017 تۇياق، ئات 571 تۇياق، ئېشەك 709 تۇياق، چوشقا 1724 دانە، بورداق كالا 2400 تۇياق، بورداق قوي 8500 تۇياق. چارۋىچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2627.3 مىڭ يۈەن بولغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#