ئايلېن كەي

ئايلېن كەي

ئايلېن كەي 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، ئامېرىكا كومپيۇتېر ئالىمى، ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پروگرامما تۈزۈش ۋە كۆزنەك شەكلى گرافىكلىق كۆرۈنمە يۈز پېشۋاسى. 2003 -يىلى تۇرىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بوكلى شۆبە مەكتىپىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پروفېسسورى. ئۇ خۇيپۇ شىركىتىنىڭ پېشقەدەم ئاكادېمىكى. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ئايلېن كەي
دۆلەت تەۋەلىكى ئامېرىكا
كەسپى پروفېسسور
خەنزۇچە ئاتىلىشى 艾伦·凯
تۇغۇلغان ۋاقتى 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى
چەتئەلچە نامى Alan Curtis Kay

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئايلېن كەيكومپىيۇتېر ئالىمى ئايلېن كەي 1940-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇسېتتىس شىتاتىدا تۇغۇلغان، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق كومپىيوتېر ئالىمى، ئۇ بىر ياش ۋاقىتلىرىدا ئاتا ئانىسى بىلەن بىرگە ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. 3 ياش ۋاقىتلىرىدا، خەت ئوقۇيالايدىغان بولۇپ، 6000  پارچىدەك كىتاب ۋە زور مىقداردىكى رەسىم ئەسەرلىرى ساقلانغان چوڭ ئائىلىسىدە بالىلىقىنى

 ئۆتكۈزگەن، 5 ياش ۋاقتىدا، ئۆزلۈكىدىن ئۆگۈنۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈگەن بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن چېغىدا، ئاللىبۇرۇن 100 نەچچە پارچە كىتابنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولغانىدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلىم ئېلىشقا بولغان ئىشتىياقى تېخىمۇ كۈچەيگەن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى باشلانغاندىن كېيىن، ئايلېن كەي پۈتۈن ئائىلىدىكىلىرى بىلەن بىرگە يەنە ئامېرىكىغا قايتىپ بارغان، كۆپ مىقداردا كىتاب ئوقۇغانلىقى ۋە مۇستەقىل پىكىرلىكى ئۇنى ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىن مەغرۇرلىناتتى.

ئۇ دائىم: «مەكتەپكە كىرگەن چاغدىلا، مەن 100 نەچچە پارچە كىتاپلارنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولغان، ئۇ چاغلاردا مەن ئاللىبۇرۇن نۇرغۇنلىغان كۆز قاراشلارنى تىكلىگەنىدىم. 1-يىللىقتا ئۆتۈلگەن دەرىسلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىنتايىن ئاددى ۋە ساختا نەرسىلەر، مۇئەللىملەرمۇ ئادەم ئالدايدۇ. لېكىن، مەكتەپتە بىرلا خىل كۆز قاراش مەۋجۇت، ئۇ بولسىمۇ مۇئەللىملەرنىڭ كۆز قارىشى ياكى دەرىسلىكلەردىكى كۆز قاراشلار. ئۇلار ئۆز ئارا زىتلىشىشنى ياقتۇرمايدىغان، كونا نەرسىلەرنى شەرتسىز توغرا دەيدىغان قاراشلار» دەيتتى. بالىلار مائارىپىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئايلېن كەي بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كېينىكى مەزگىللەردىكى ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىنىڭ دەسلەپكى ئاساسىمۇ بالىلارغا بولغان كۆيۈنىشىدىن كېلىپ چىققان.

1961-يىلى يەھۇدى كۆچمەنلەرنى قوغداپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن ئايلېن كەي ئۆزى ئوقۇۋاتقان غەربى ۋېرگىنىيە بەسانىي(Bathany) مۇزىكا ئىنىستىتوتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن دېنۋېرغا كەلگەن، ئۇ چاغلاردا ئىشلىرى ئانچە ئوڭدىن كەلمىگەن. ئۇ ئەسكەرلىككە قاتنىشىپ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەندە، كومپىيۇتىردا بىر تۈرلۈك پروگرامما تۈزۈشكە قاتنىشىپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرغان، مانا بۇ ئىش ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن، ئايلېن كەي شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ كومپىيۇتىر ساھەسىدىكى تالانتىنى بايقىغان. كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى يۇتا شىتاتىغا بېرىپ، توك ئېلېكتر ئىنژىنىرلىقىدا ئوقۇغان. ئايلېن كەينى يۇتا شىتاتىغا كەلتۈرگەن ئىش ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا تۈزگەن پىروگراممىسىنىڭ، سىزمىچىلىق تاختىسى (SketchPad) تىلىنىڭ ئىجاتچىسى ئەلۋىن سۇسەندكە ياراپ قېلىشىدىن ئىدى. داڭلىق ئۇستازنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە ئۆزىنىڭ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى ئارقىسىدا، ئايلېن كەي باشقا پروگرامما تۈزۈش تىلىدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى ئۈلگە قىلدى، ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى مولكۇلا بىئولوگىيە ئىلمىدىن يىتەرلىك ئوزۇق ئېلىپ، «جانلىقلار تۈر سېلىشتۇرمىسى»نەزەرىيىسىنى ياراتتى. ئايلېن كەي ئۆزىنىڭ باشقا ئىلمى ماقالىلىرىدە، «مەن قىىياس قىلغان كەلگۈسىدىكى كومپىيۇتىر جانلىقلار گۇرۇپىسىغا ئوخشاش ئىقتىدارنى ھازىرلىيالايدۇ، ھەر بىر ‹ھۈجەيرە› لەر مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان بولۇپ، ھەمدە باشقا ئىقتىدارلارنى بىرلىكتە تاماملاپ مۇرەككەپ پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، ‹ھۈجەيرە› لەر ئۆزئارا قايتا گۇرۇپپىلىنالايدىغان، مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان ۋە تاماملىيالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولغان بولىدۇ.» دېگەن ئىدى.

1969-يىلى، ئايلېن كەي يۇتا شىتاتىدىكى لىدا ئۇنۋېرستىتىنىڭ كومپىيۇتېر پەنلىرى بۇيىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، كېيىن سىتانفۇرت ئۇنۋېرستىتىدىكى سۈنئىي ئقتىدارغا ئىگە بولغان تەجرىبىخانىدا ئىشلەپ، پىراپپىسورلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن سىرت، ئۇ دائىم قانداق قىلىپ غايەت زور بولغان كومپىيۇتىرنى كىتاب چوڭلىقىدا كىچىكلىتىپ قوللانغىلى بۇلىدىغانلىقى ھەققىدە تەپەككۇر قىلاتتى. بۇ خىل PC بالىلار ئۈچۈن ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، بالىلار ئۇنى قەغەز ئورنىدىمۇ ئىشلىتەلەيدۇ. ئايلېن

كەي بۇ خىل يېڭى شەكىلدىكى PC نى «KiddieKomp »  دەپ ئاتايدۇ، بۇ خىل PC  بىر خىل تىلغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، 

كىيىن ئالەن دۇنياغا مەشھۇر    Smalltalk تىلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. Smalltalk  تىلى يەنە ئايلېن كەينىڭ «مولكۇلاPC ئىدىيسى» دە ئپادە قىلىنغان: پروگرامما بىر خىل بىئولوگىيلىك ئېلمىنىتقا ئوخشايدۇ، ئۇچۇرلارنى ئۆز ئارا باغلايدۇ. Smalltalk  كەسپىي ساھەدە «نىشانلىق پروگرامما تۈزۈش سىسىتىمىسىغا يۈزلەنگەن تىل» دېگەن ۋەكىل خاراكتىرلىك ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.

   1972-يىلى، ئايلېن كەي شىلپالورتو تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلىگەن. ئۇ شۇ چاغلاردا Smalltalk تىلىنى بالىلار مائارىپىگە سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشنى باشلىغان. تەتقىقات مەركىزى نۇرغۇنلىغان بالىلارنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇلارنى كومپىيۇتىردا ئۆگۈنۈش قىلدۇرغان، ئۆگۈنۈش جەريانىدا، بالىلارنىڭ ھەرخىل ئىپادىلىرىنى خاتىرلىۋېلىپ، تەتقىاتنى ئانالىز قىلىشقا خام ماتىرىيال قىلغان. ئايلېن كەي ئاخىرى بالىلارنىڭ يېزىققا قارىغاندا، رەسىم ۋە ئاۋاز ئارقىلق PC نى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىرى رەسىملەشتۈرۈش لاھىسىنى بۇ خىلIT تېخنىكىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان. لېكىن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى، ئايلېن 

كەينىڭ سۋۋۇرىدىكى Dynabook قەتئىي بارلىققا كەلمىگەن، چۈنكى شىلپالورتو تەتقىقات مەركىزىدىكى باشقۇرۇش قاتلىمىدىكىلەر ماتىرىيال مەنبەلىرىنى بىر تۇتامى يوق ئىشلارغا ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ.

ئايلېن كەيشۇنىڭ بىلەن، 2003 -يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى Smalltalk نىڭ ئىجاتچىسى ئايلېن كەي بىرىنجى بولۇپ كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى نوبېل مۇكاپاتى بولغان «تۇرىڭ مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.

1979-يىلغا كەلگەندە، Steve Jobs ، Jeff Luo Jinse، ھەمدە باشقا ئالما شىركىتىدىكى ئجاتچىلار شىلپالورتو تەتقىقات مەركىزىدە ئىكىسكۇرسىيدە بولغاندا، ئايلېن كەي بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پىكىرىنىڭ بىر يەردىن چىققانلىقىنى بايقىغان؛ ئەينى چاغدا ئالما شىركىتى، يېڭىچە بىر خىل رەسىملىك ئابونت تەكشىلىكىنى لايىھىلەۋاتقان بولۇپ، Jobs خۇشال بولغىنىدىن خىزمەتدېشىغا :« Smalltalk تىلى جانلىق، ئىشلىتىشچانلىققا ئىگە ئىكەن، ئايلېن كەي مەن ئىزلەۋاتقان ەۆھەر ئىكەن» دىگەن ۋە ئالەننىڭ بۇ ئىدىيىسىنى كەڭ ئۇمۇملاشتۇرغان. شۇڭا مەيلى رەسىملەشتۈرۈلگەن Windows مەشغۇلات سىستىمىسى بولسۇن، ياكى ئالما ۋە بارلىق رەسىملەشتۈرۈلگەن Linux مەشغۇلات ساھەسىدە بولسۇن، ھەممىسىدەئايلېن كەينىڭ ئەينى چاغدا ئالدىنئالا ئويلاپ چىققان ئىددىيلىرىنىڭ داۋامى ئىدى. 

1984-يىلى، ئالەن ئالما شىركىتىگە كىردى، بۇ ئۇنى يىتەرلىك ۋاقىت ۋە ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ ئۇزاقتىن بۇيانقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرشىغا تۈرتكە بولغانىدى. ئۇ شۇ يىلى، گىرافىك تەكشىلىكىنى مەركەز قىلغان، بازاردا كەڭ دائىردە قوبۇل قىلىندىغان كومپىيۇتېر  مايكىنتوشنى( Macintosh  )بارلىققا كەلتۈرگەن. كىيىنكى يىللاردا، لوس ئانجىلىستا تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ھەرقايسى جايلاردا پايپىتەك بولۇپ يۈرۈپ، دەرىس ئۆتۈش بىلەن بىرگە يەنە، ماسساچۇسېتتىس يىنىك سانائەت ئۇنىۋېرستىتىدە، ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان، ۋاقىت ئارىلىقلىرىدا ئالما شىركىتى ئۈچۈن ئىشلىگەن. لېكىن ئۇ كۆپ ۋاقىتلاردا، كالفورنىيدىكى ئۆزى تەسىس قىلغان مەكتەپتە،  كومپىيۇتىر دەرسى ئۆتكەن.[1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#