توخۇلا يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. توخۇلا يېزىسى (قاراقاش ناھىيەسى)
  2. توخۇلا يېزىسى (ئونسۇ ناھىيەسى)
قاراقاش ناھىيەسى

توخۇلا يېزىسى

توخۇلا يېزىسى

توخۇلا يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتى دىكى قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى توخۇلا يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 20 كۋادرات كىلومېتىر
تېلېفون رايون نومۇرى 0903
خەنزۇچە ئاتىلىشى 托胡拉乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى
نوپۇسى 18565 ئادەم
ماشىنا كودى 新R

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توخۇلا يېزىسىتوخۇلا يېزىسى شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى نىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ تۇرۇشلۇق جايى بازاربويى كەنتى، ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى بىلەن بولغان ئارلىقى 6 كىلومېتىر، 315-دۆلەت تاشيولى دائىرىسىنى توغرسىغا كېسىپ ئۆتكەن. شەرقتە جاھانباغ يېزىسى، قاراقاش بازىرى، غەربتە ئاقساراي يېزىسى، شىمالىدا ماڭلاي يېزىسى بىلەن تۇتاشقان. دېڭىز يۈزىدىن 1340 ~ 1325 مېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 5.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 5 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 20 كۋادرات كىلومېتىر. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 17006 مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 0.97 مو.

1937-يىلى، ئاساسلىقى قاراقاش ناھىيەسى 1-رايونىغا تەۋە بولغان.

1948 ~ 1944-يىلى مەركىزىي بازار ۋە دايۇ يېزىسى قاراشلىق تەۋە بولغان.

1948-يىلىدىن كېيىن خەلق بازىرى قىلىپ قۇرۇلغان، گۈللىنىش يېزىسىغا قارىغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم زېمىنى قاراقاش ناھىيەسى 11-رايونغا، ئاز بىر قىسمى 1-رايونىغا تەۋە بولغان.

1956-يىلىدىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەلىك 10-رايون بولغان.

1959-يىلى گۇڭشېلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئېقىن خەلق گۇڭشېسى قىلىنغان.

1978-يىلى توخۇلا گۇڭشېسىغا ئۆزگەرتىلگەن.

1984-يىلى سەككىز چوڭ ئەترەتنى بۆلۈپ، توخۇلا يېزىسى قۇرۇلغان.

2006-يىلى، قاراشلىقىدا 16 يېزا، بىۋاستە قاراشلىق ئورۇنلار 11 مەمۇرىي كەنت، 42 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 477l ئائىلىلىك (يېزا ئاھالىلىرى 4201 ئائىلە، شەھەر نوپۇسى 570 ئائىلە)، ئومۇمىي نوپۇسى 18565 ئادەم، (9149 ئايال)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر لار 18547 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %99.90  نى، خەنزۇ لار 18 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %0.10 نى ئىگەللىگەن.

2006-يىلى، يېزا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 3942.48 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپنىڭ 2591.31 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ %65.73 نى ئىگەللىگەن.

2-كەسىپنىڭ 474.62 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ%12.04 نى ئىگەللىگەن.

3-كەسىپنىڭ 876.56 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنىڭ % 22.23 نى ئىگەللىگەن.

2006-يىلى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 1418.50 يۈەن بولغان. يېزا بويىچە ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 18558 مو، بىرلىك مەھسۇلاتى 457.22 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 8485 توننا بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 9900 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 436.97 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 4326 توننىغا يەتكەن، كۆممىقوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 5826 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 468.42 كىلوگرام، ئومۇمىي مەھسۇلاتى 720 توننىغا يەتكەن. شال تېرىلغۇ كۆلىمى 2832 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 504.94 كىلوگرام، ئومۇمىي ھوسۇلى 1430 توننىغا يەتكەن. 

كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى 72 مو بولۇپ، بىرلىك مەھسۇلاتى 109.72 كىلوگرام، ئومۇمىي ھوسۇلى 8 توننا (ساپ پاختا) بولغان. 

يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان مال-چارۋا 44053 تۇياق بولغان. ئەلا سورتلۇق ئۆرۈكلۈك 5857 مو، سەرخىل ياڭاقلىق 4246 موغا يەتكەن.

توخۇلا يېزىسى2006-يىلى، پوچتا كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 4.4 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، تېلېگراف كەسپىنىڭ تىجارەت سوممىسى 48 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، يېزىلاردىكى مۇقىم تېلېفون ئابونېنتى 595 ئائىلە، ئىنتېرنېت تورى ئابۇنېنتى 12 گە يەتكەن.

ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا خادىمىلار 203 ئادەم، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بىر، ئوقۇغۇچىسى 1039 نەپەر، ئوقۇتقۇچى 73 نەپەر، باشلانغۇچ مەكتەپ 7، ئوقۇغۇچىسى 2485 نەپەر، ئوقۇتقۇچىسى 96 نەپەرگە يەتكەن. 2006-يىلى مائارىپ ئاساسىي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 93.89 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. يىل ئاخىرىدا رادىيو بىلەن تېلېۋىزىيەنىڭ نوپۇسنى قاپلاش نىسبىتى ئوخشاشلا % 100 كە، سىملىق تېلېۋىزىيە ئابۇنېنتى 22 گە يەتكەن. كۇتۇپخانا 20 گە، ھەر خىل كىتابلار 67000 تالغا، مەدەنىيەت پائالىيەت ئۆيى 14 كە ئامبولاتورىيەسى بىرگە، تېببىي خادىم 29 غا، كېسەل كارىۋىتى 42 تالغا يەتكەن. 

2006-يىلى، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 490 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 27080 كۋادرات مېتىر قۇرۇلۇش كۆلىمى تاماملانغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#