ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى

بۈگۈنكى ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرى ھازىرغىچە بىر ئەسىرگە يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىياتىرنىڭ ئارخىپ ماتىرىياللىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇزغۇنلىچىققا ئۇچراپ يوقاپ كەتكەن.

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىبۈگۈنكى ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرى ھازىرغىچە بىر ئەسىرگە يېقىن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تىياتىرنىڭ ئارخىپ ماتىرىياللىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە بۇزغۇنلىچىققا ئۇچراپ يوقاپ كەتكەن.

ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، مۇزىكا، دراما سەنئىتى قويۇق مىللىي خۇسۇسىيەتكە ۋە ئۆزىگە خاس يەرلىك پۇراققا ئىگە بولۇپ، بۇ سەنئەتنى ئىلى خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخى ەۋەرلەردىن بۇيانقى ئەمگەك ۋە كۈرەش جەريانىدا ياراتقان ئىلى دېھقانلىرى ئېتىزلاردا ئورما ناخشىلىرىنى ئېيتقان دېھقانلار، چەكسىز خورلۇق ئىچىدە ئىشلەۋاتقان ھاشارچىلار، زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلۇپ، تاغۇ-دەستلەرنى كېزىپ يۈرگەن ئىسيانچىلار(سادىر پالۋان غا ئوخشاش) ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى قوشاق قېلىپ توقۇپ، ناخشا بىلەن ياڭراتقان، ھەر خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھۈنەرۋەنلەر ئىچىدىن ئاجايىپ ناخشىچىلار، داڭلىق سازەندىلەر يېتىشىپ چققان، قاراڭغۇ يەر ئاستىدا ئىشلەۋاتقان خاڭ ئىشچىلىرىمۇ خاڭ ناخشىلىرىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېغىر كەچۈرمىشلىرىنى سەنئەتنىڭ نازۈك تىللىرى ئارقىلىق بايان قىلغان.

ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۆي-تۆكۈن، ھېيت-ئايەم ۋە باشقا مىللىي بايراملىرى، ھەر يىلى 4-ئايدا جىرغىلاڭ، زايۇمكا قاتارلىق دەريا ياقىسىدىكى مەنزىلىك جايلاردا ئۆتكۈزۈلىدىغان دەريا سەيلىسى، 5-ئايلاردا بولىدىغان قارىياغاچ مازار سەيلىسى، ئۆرۈك پىششىقىدا جېلىليۈزى،تۇرپانيۈزى، چۇلۇقاي قاتارلىق ئۆرۈكلۈك يېزىلارغا قىلىنىدىغان ئۆرۈك سەيلىسى، قوغۇن پىششىقىدا بولىدىغان قوغۇن سەيلىسى،قۇم ئارشاڭ سەيلىسى ۋە غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ئاۋات رەستىلىرىدىكى چايخانىلاردا بولىدىغان چايخانا بەزمىلىرى... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەلنەغمىدىن ئايرىلمىغان. ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى ئەنە ئاشۇ سورۇنلاردا بېيىپ، رەتلىنىپ ماڭغان.

ئىلى يېزىلىرىدىكى ئەر-ئايال پوتا تاشلاپ، ئوينايدىغان «پوتا ئۇسسۇلى»، گۈل تۇتۇپ ئوينايدىغان «گۈل ئۇسسۇلۇ» رامزان ئايلىرىدا ئوينىلىدىغان «گۈلدەستە ئويۇنى»، «پانۇس ئويۇنى»، «كېمە ئويۇنى»، بارات ئېيىدىكى تۈنەك كېچىلىرىدە بولىدىغان ھەر خىل ئويۇنلار، مەشرەپلەردىكى گۈل چاي ئويۇنى ھېكايە ئېيتىشىش، بىيىت ئېيتىشىش، قىززىقچىلىق قىلىش، چاقچاقلىشىش، «غېرىپ-سەنەم»، «تاھىر-زۆھرە»، «لەيلى-مەجنۇن»، «گۈلەمخان»غا ئوخشاش قىسسىلەرنى ساز-ناخشىلار بىلەن بايان قىلىش مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى سەھنە سەنئىتىنىڭ خەلق ئىچىدىكى چېچەكلەشكە تاييار تۇرغان بىخلىرى.

ئەينى يىللاردىكى مەشرەپ ئويناش ئىشى كىنو، تىياتىر ۋە باشقا مەدەنىي پائالىيەتلەرنىڭ بولماسلىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۈرۈپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان، مەشرەپلەردىكى «30 ئوغۇل» ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بىلەن تەبىئىي تەشكىللەنگەن جامائەت بولۇپ، ئۇلار قېيىنچىلىققا قالغانلارغا ياردەم بېرىپ، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم–يېتىمغا ئوخشاش ئىشلارنى قولمۇ-قول ئۈزىتىش، ئىجتىمائىي ئەخلاققا زىت ئىش قىلغانلارغا جازا بېرىشكە ئوخشاش ئىشلارنى بىجىرىپ، ئادەملەرنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە جامائەتچىلىك كۆز قارىشىنى كۈچەيتكەن.

مەشرەپ خەلقنىڭ سەنئەتكە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرغان. كىشىلەرنىڭ گۈزەللىككە بولغان سىزىمىنى ئۇرغىتىپ، ئۇلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن تەربىيلىگەن، ياشلارنى ئەدەپ-ئەخلاققا ئۆگەتكەن، شۇڭا خەلق ئارىسىدا «بالاڭنى مەكتەپكە بەر،بولمىسا مەشرەپكە بەر» دېگەن ماقال تارقالغان.

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى1934-يىلى غۇلجىدا «ئۇيغۇر مەدەنىي مائارىپ ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» قۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ تارمىقىدا سانائىينەفىسە(سەنئەت ئۆمەك) تەشكىل قىلىنغان، ئەينى ۋاقىتتىكى جەمئىيەتتە تەسىرى بار، تەرەققىپەرۋەر زاتلار ۋە ئىلغار زىيالىيلارنىڭ ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قىسقىغىنە ۋاقت ئىچىدە سانائىينەفىسەنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن قابىلىيەتلىك كىشىلەر توپلانغان.

سانائىينەفىسەنىڭ ئەينىڭ يىللاردىكى تەشكىلاتچىلىرىنىڭ بىرى شائىر ۋە ئارتىس قاسىمجان قەمبىرى، ئۆمەكنىڭ تۇنجى رېژىسسورى قابىل ئارتىس جالالىدىن يەھيارى، داڭلىق چالغۇچى روزى تەمبۇر ئۆمەكنىڭ مۇزىكا ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغان، سانائىينەفىسە كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتچىلەردىن ھاسان تەمبۇر، ئاتاقلىق دراما ئارتىسى ۋە چالغۇچى داۋۇت ناسىر، ھۈسىيىن تەمبۇر، ئۇستاز ئىسكورۇپكىچى سەيدۇللا رەخمىتۇللا ئىجادىيەتچى ۋە سازچى ئابدۇنەبى مانايوف، غېجەكچى تىيىپ ئاخون، چالغۇچى نۇرمۇھەممەت ناسىر، تەمبۇرچى مەتتاھىر ھەسەن، زىكرى ئەلپەتتا، ھېپىز دۆلەت، تۇرشۇن تىيپ، ئارتىست ئابدۇۋەلى جارۇللايوف قاتارلىق كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان.

ئۇ يىللاردا يەنە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى بىلەن سانائىينەفىسەنىڭ يېتەكچىلىكىدە غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەر قايسى مەھەللىرىدىكى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ، سەنئەت كۇرۇژىكلىرى تەشكىل قىلىنغان. ھەرەمباغ داموللا رازىيوپ نامىدىكى مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 9-باشلانغۇچ مەكتەپ) كۇرۇژۇكتا دۇتارچى ساۋۇت، سازەندە تۇرسۇنجان مولدۇز، دۇتارچى ياقۇپ زەڭگى، تەمبۇرچى ئىسھاقكام، تەمبۇرچى ئەيسا قاتارلىق سەنئەتچىلەر بولغان.

قارادۆڭ «ياردەم» مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپ) كۇرژىكىدا قاسىمجان قەمبىرى، ساتارچى ھېيت قارى، ئاتاقلىق سازەندە ئىسمايىل دارازا، ماشىنچى ئىبراھىم ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن.

تائالىيە مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپ) كۇرۇژكتا چالغۇچى سۇلتان مۇرات قاتارلىق سەنئەتچىلەر يېتەكچىلىك قىلغان.

قازانچى ئايخان مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 4-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ شوبىسى) كۇرۇژىكتا ئاتاقلىق سازەندە ھېزىم موللا، مۇساجان روزى، ماخمۇت چاڭ، ئابدۇرېھىم ئابدۇللا، يۈسۈپجان سىققا ئوخشاش كىشىلەر پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

شەھەر ئىچى ئىلى مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ) كۇرۇژكتا زىكرى ئەلپەتتا، ئەمەتخان بارات قاتارلىق سەنئەتچىلەر يېتەكچىلىك قىلغان.

ئۆزبىك «نەمۇنە»مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ) كۇرزۇكتا ئاتاقلىق شائىر ۋە خەلق نەغمىچىسى نەسۇرۇللا قارى(پەرھەتى)،سەئىد تۇرسۇن، ھېبىبۇللام، يازغۇچى خەمىد سەئىدى قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن.

ناغرىچى خانىقا مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ) كۇرۇژكتا روزى تەمبۇر غوپۇر يۈسۈپ (دىڭخولو)، تەمبۇرچى تۇرۇسن سەلەي، ئارتىست غوپۇر ناسىرى، مائارىپچى ئابدۇسالام ئەسقەرى ئەپەندى قاتارلىق كىشىلەر يېتەكچىلىك قىلغان.

شەرىق مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 11-باشلانغۇچ مەكتەپ) كۇرۇژىكتا ئىسكورۇپكىچى سەيدۇللا رەخمىتۇللا، ھۈسىيىن تەمبۇر قاتارلىق كىشىلەر ئىشلىگەن.

ئۈچ دەرۋازا ھۈسەيىنە مەكتەپتىكى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 2-ئوتتۇرا «ئۈمىد» مەكتەپ) كۇرۇژكتا تەمبۇرچى مەتتاھىر ھەسەن، سىدىقجان قاتارلىق كىشىلەر بولغان.

بۇلاردىن باشقا سۈيدۈڭدە ئابدۇرېھىم چاڭ، تەمبۇرچى توختى چوقيار، ساتارچى ساۋۇت ساتىراچقا ئوخشاش خەلق سەنئەتچىلىرى ئاتاقلىق تەمبۇرچى ياقۇپجان زەرگار، نىياز دۇتار قاتارلىق كىشىلەر تونۇلغان.

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى1934-يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە تېخى كۇلۇب يوق بولۇپ سانائىينەنەفىسە تەييارلىغان ئويۇنلىرىنى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغى (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك خەلق باغچىسى)، ھۈسەينىيە مەكتەپ، شەنگەن باغ (ھازىرقى ئىشچىلار كۇلۇبىنىڭ ئورنى)، گۈلشەنباغ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېنىدا)، ئايدۆڭ مەكتەپ (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 10-باشلانغۇچ مەكتەپ)، خانىقا مەكتەپ، تائالىيە مەكتەپ، ياردەم مەكتەپ قاتارلىق ئورۇنلاردا سەھنە ياساپ ئوينالغان، ھەر يىلى ئاپرېل بايراملىرىدا بولسا ئالتۇنلۇقتىكى تاللىقتا سەھنە ياساپ ئويۇپ كۆرسىتكەن.

سانائىينەفىسە تەركىبىدىكى كىشىلەر خىزمەتچى، مائارىپچى، ھۈنەرۋەن، تىجارەتچى قاتارلىق ھەر ساھە-ھەر كەسىپتىكىلەردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئۆمەكنىڭ مەمۇرى خىزمەتچىلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مائاش ئالمىغان، ئۇلار كۈندۈزلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ئوقىتىنى قىلىپ، كېچىلىرى ئويۇن قويۇش ياكى ئويۇن تەييارلاش ئىشلىرىغا ئىختىيارىي كېلىپ قاتناشقان، تۇرمۇشتا باشقا كىرىمى يوق، قىينچىلىق بار سەنئەتچىلەرگە ئويۇن قويۇپ تاپقان پۇلدىن ياكى ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ باشقا كىرىملىرىدىن ئاز-تولا ياردەم قىلىنغان، ئۇ چاغدا ئارتىستلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ۋە سەھنىگە لازىملىق بويۇملار كۆپىنچە، بايلارنىڭ ئۆيلىرىدىن سۆدىگەرلەرنىڭ دۇكانلىرىدىن ئارىيەت ئېلىپ كېلىنگەن ياكى سەنئەتچىلەر ئۆزلىرى ھەل قىلىشقا مەجبۇر بولغان، تۈنجى قېتىم تەشكىللەنگەن بۇ سەنئەت ئۆمەكتە ئەنە شۇنداق قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئەينى يىللاردىكى سەنئەت ئىشلىرى خېلىلا جۇشقۇن راۋاجلانغان، خەلقنىڭ قوللىشى كۈچلۈك، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى ئۈستۈن بولغان.

سانائىينەفىسە دەسلەپتە خەلق ناخشا-سازلىرى، ئۇسسۇل، لەپەر ۋە شۇ چاغدىكى ئارتىست ھەم يازغۇچىلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان نومۇرلار، جەمئىيەتتىكى ئىللەتلەرنى پاش قىلىدىغان كىچىك كومىدىيلەرنى ئوينىغان، كېيىن كىچىك سەھنە كىتابلىرى مەسىلەن: كوللېكتىپ ئۇشلىگەن«قانلىق داغ»، «يىتىملار ھالى»، «خىيالىي تىۋىپ»، سۈيدۈڭلۈك بىر ئاپتۇر يازغان «ئەمەتبەگ»كە ئوخشاش ئەسەرلەر ئوينالغان.

1935-يىللارغا كەلگەندە، شۇ چاغدىكى داموللا جاللاينىڭ ئۆيىدە (ھازىرقى ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنى) گوگۈلنىڭ «ئۆيلىنىشى» درامىسى، «ئىچكىلىك نەتىجىسى» قاتارلىق ئەسەرلەر كۆرسىتىلگەن.

1936-يىللارغا كەلگەندە، سەنئەت ئىشلىرى يەنىمۇ بىر قەدەر يۈكسىلىشكە قەدەم قويغان، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا «مىللەتلەر كۇلۇبى» پۈتۈپ، چوڭ تىپتىكى سەھنە ئەسەرلىرىنى ئويناشقا ئىمكان يارىتىلغان. سانائىينقەفىسە «قانلىق داغ»، «ئارشىن مال ئالان» قاتارلىق كىتابلارنى،كوللېكتىپ رەتلەپ سەھنىلەشتۈرگەن «غېرىب-سەنەم»، «پەرھات-شېرىن»، «نوزۈگۈم» قاتارلىق ئوپىرالىق سەھنە ئەسەرلىرىنى مۇۋاپپىقىيەتلىك ئويناپ چىققان.

ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشىنىڭ كۈندىن–كۈنگە راۋاجلىنىپ، خەلقنىڭ ئويغىنىشىنىڭ كۈچىيىشى ساختا نىقابقا ئورىنىۋالغان شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالغان.

1937-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، شىڭ شىسەي ھۆكۈمىتى يوق باھانىلارنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئۆكتەملىك بىلەن «مىللەتلەر كۇلۇبى»نى مۇسادىر قىلىپ تارتىۋالغان، بۇ ئىش ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. خەلقنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇشى بىلەن ھۆكۈمەت دائىرلىرى كۇلۇبنى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئاخىر قېتىلغان بولسىمۇ:«سىلەرگە كۇلۇپ كېرەك بولسا سېتىپ ئېلىڭلار» دەپ يولسىزلىق بىلەن يۇقىرى باھا قويۇپ تۇرىۋالغان. نەتىجىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ئۇيۇشمىلىرى بىرلىشىپ پۇل چىقىرىپ كۇلۇبنى قايتۇرۇۋالغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «مىللەتلەر كۇلۇبى»نىڭ نامى «ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبى»(ئۇ،قا،ق)غا ئۆزگەرتىلگەن.

1937-يىلىدىن باشلاپ ئاتاقلىق يازغۇچى زۇنۇن قادىرى سانائىينەفىسەنىڭ خىزمەتلىرىگە قاتنىشقان. ئۇ رېژىسسورلۇق، دېكراتسىيە ئىشلەش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن، «غېرىپ-سەنەم» ئوپىراسىنى تولۇقلاپ ئىشلەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى روللارغا چىققان. شۇ يىللاردا يەنە شائىر ئەنۋەر ناسىرى سانائىينەفىسەنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولۇپ ئىشلەپ، ئۆمەك ئىچىدە قىرائەتخانا تەشكىللەپ، ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شائىر نۇربۇ ساقۇپمۇ سانائىينەفىسەنىڭ خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ياردەملىشىپ روللاردا چىققان.

1930-يىللارنىڭ ئاخىرى، 1940-يىللارنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە،غۇلجىدا «ئۇ،قا،ق كۇلۇبى»دىن باشقا يەنە «روس كۇلۇبى»(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ يېنىدا)، «خەنزۇ كۇلۇبى» (خەنزۇ بازىرىدا)، «ئۆزبىك كۇلۇبى» (ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئىدى،كىيىن ئوت كەتكەن)، «تاتار كۇلۇبى»(ھازىرقى غۇلجا شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىچىدە ئىدى)بولۇپ جەمئىي بەش كۇلۇب بارلىققا كەلگەن.

بۇ يىللاردا«ئانارخان»، زۇنۇن قادىرى يازغان «شاھى ئەلقەم» قاتارلىق ئەسەرلەر ئوينالغان. شۇ يىللاردا ئوينالغان «غېرىپ-سەنەم» توققۇز پەردە 10 كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، ئىككى كېچە ئوينالغان، دەسلەپتە تېخى فىئوداللىق كۆز قاراشنىڭ كۈچلۈك بولۇشى سەۋەبىدىن ئاياللار كېچىسى ئويۇن كۆرۈشكە كېلەلمىگەن. ئارتىستلار بەزىدە كەچلىك ئەرلەرگە ئويۇن قويسا،كۈندۈزى ئاياللارغا ئويۇن كۆرسەتكەن.

ئەينى يىللاردىكى شارائىتتا، ئايال ئارتىستلارنىڭ سەھنىدە رول ئېلىشىمۇ بىر ئىنقىلابىي بۇرۇلۇش بولغان. دەسلەپتە ئاياللارنىڭ رولىنى ئەرلەر ئوينىغان. ئىلغار زىيالىيلار ۋە سەنئەتچىلەر ئالدى بىلەن ئۆز ئاياللىرىنى سەھنىگە چىقىشقا دەۋەت قىلغان. مەسىلەن: قاسىمجان قەمبىرىنىڭ ئايالى رازىيە (تاتار)، ئاياللار ئىچىدىن تۇنجى رولغا چىققۇچى. ئۇنىڭدىن كېيىن گۈلسۈم، پەرىدە خانىم(تاتار)، شاكۇرا(تاتار)، سەلىمە زايناۋۇدىن، ھەجەر خانىم، تۇران خانىم، خەدىچە باگى(خۇيزۇ)،داناخان، سۇلتانقىز، ئالتۇنخان، ئامىنە قادىر قاتارلىق ئارتىستلار ئارقا-ئارقىدىن سەھنىگە چىقىشقا باشلىغان.

ئۇ چاغلاردا، سەھنە جاھازلىرى دېگەندەك ئىلغار بولمىغانلىقتىن سەھنە قۇراشتۇرۇش ئىشلىرىدا كۆپ قېيىنچىلىقلار بولغان. ئويۇننىڭ پەردە ئارلىقىلىرىدا دېكراتسىيىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغىچە يېرىم سائەتتىن ئوشۇق ۋاقىت كەتكەن، بۇ چاغدا ھاسان تەمبۇر، روزى تەمبۇر قاتارلىق ئاتاقلىق سازاندىلەر ۋە ئاق تېيىپ ھاجى، ئابدۇل چۈكچۈك قاتارلىق خەلق ناخشىچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مۇزىكا گۇرۇپپىسى بىر يۈرۈش خەلق ناخشىلىرى ۋە ئاھاڭلارنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى مىلىكە قىلىپ تۇراغان. ئەينى يىللاردىكى سەھنە قۇراشتۇرۇش ئىشىدا رەسسام ئابلىزخان مەسۈم، ئىسلام ياغاچچىنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ۋە ئىسمايىل ئاكىلار كۆپ ئەجىز سىڭدۈرگەن.

ئۇلار تۇنجى سەھنە لايىھىلىگۈچىلەر ھېسابلىنىدۇ. ساتىراچ ھېزىم ئاكا سانائىينەفىسەنىڭ شۇ چاغدىكى تۇنجى گىرىمچىكى بولغان. تىرىشچان خىزمەتچى شاماخون ئاۋۇت ھاجى، ئابلىز ئابباسوف، ياسىن ئاخونلار سەھنىگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئارىيەت ئېلىپ كېلىش ۋە سەنئەت ئۆمەك ئۇچرىغان باشقا ماددىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئىشىدا كۆپ تەر تۆككەن.

1940-يىلىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ، شىڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ساختا نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئاشكارە ھالدا خەلققە قارشى مەيدانغا ئۆتكەن. ھەر خىل باھانىلار بىلەن تەسىرى بار زاتلارنى، ئىلغار زىيالىيلارنى تۇركۈملەپ تۇرمىگە تاشلاپ، زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىغان.

ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مەھەممەت يۈسۈپ ھاجى، سۇلتانئاخون، ئەمەتخان روزى قاتارلىق كىشىلەر،سانائىينەفىسە مەسئوللىرىدىن قاسىمجان قەمبىرى قاتارلىق سەنئەتچىلەر قولغا ئېلىنغان. سەنئەتچىلەرنىڭ رېپىتىسىيە ۋە ئويۇن قويۇش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت ساقچىلىرىدىن ئەۋەتىلگەن كىشىلەر نازارەت قىلىپ، بىر قىسىم ئىلغار مەزمۇندىكى ئويۇنلار چەكلەنگەن.

لېكىن، زوراۋان كۈچلەرنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، خەلقنىڭ سەنئەت ئىشىدا يەنىلا ئىلگىرلەشلەر بولغان، 1940-يىللارنىڭ باشلىرىدا لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «سامساق ئاكاڭ قاينايدۇ»، «بوراندىن كېيىنكى ئاپتاپ»، «كۈرەش قىزى»، «چىمەن بىلەن پالۋان» قاتارلىق ئەسەرلىرى، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ قاتارلىق كىشىلەر تەرجىمە قىلغان «جۇڭگودا پارتىزانلار قۇرۇلۇشى»، «ئۆز مۇھىت» قاتارلىق ئەسەرلەر، زۇنۇن قادىرىنىڭ «غۇنچەم» درامىسى، «باي ۋە مالاي»، «پېرىخون»، «يۈسۈپ ئەخمەت»، «رابىيە-سەئىدىن»، «شاڭخەي كېچىسى»گە ئوخشاش سەھنە كىتابلىرى سەھنىدە ئوينالغان.

بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى پاك مۇھەببەتنى، نىكاھ ئەركىنلىكىنى، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر قىسمى ئېزىش-ئېزىلىش، قاتتىق سىنىپىي زۇلۇمنىڭ ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلقنى ئويغىتىش ۋە تەربىيلەشتە غايەت زور رول ئوينىغان.

بۇ يەردە، سانائىينەفىسەنىڭ شۇ يىللاردىكى ئۆمەك باشلىقى ئاتاقلىق تەشكىلاتچى مەمتىمىن خەلپەتھاجى 1937-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە بولغان ئارىلقتا سانائىينەفىسەنىڭ مەسئوللۇق خىزمەتلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، سەنئەتچىلەرنى تەشكىلەش، سەنئەت ئىشىنى ئۇيۇشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى بىجانىدىللىق بىلەن ئارتقۇزۇپ، سانائىينەفىسە خىزمەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېگىشلىك ھەسسىسنى قوشقان.

شۇ يىللاردا، ئاتاقلىق مۇزىكانت زىكرى ئەلپەتتا «رۇخسار مۇقامى»نىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ئىشلەپ چىقىپ، مۇقام ئاھاڭلىرىنى بېيىتىشتا كۆرۈنەرلىك تۆھپە ياراتقان.

ئۇ،بۇ ئاھاڭلارنى ئەينى يىللاردا ئوينىلىۋاتقان «غېرىپ-سەنەم» ئوپىراسىغا سېلىپ، سەھنىنى جانلاندۇرغان. شۇ چاغلاردا يەنە چالغۇچى ۋە ئارتىس زوردۇن نۇسرەت(شىبە) سەھنە ئەسەرلىرىدە رول ئېلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئانارخان» مۇزىكىسىنى ئىجاد قىلغان. چالغۇچى ۋە ئارتىس ئابلاخانمۇ مۇھىم روللارغا چىققان. قاسىم ئاخون مارۇژنىچى بىلەن خالىق ئاخۇنلار «قارا يورغا» ئۇسسۇللۇق ناخشىسىنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزلىرى ئويناپ چىققان. ئۇلار يەنە «خوراز سوقۇشتۇرۇش» قاتارلىق كۈلكىلىك كومىدىيىلەرنى ئىشلەپ ئوينىغان. ئارتىس ۋە قىزىقچى ئەزەم مىرئەلىمۇ شۇ يىللاردا كىشىلەرگە تونۇلغان.

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى1944-يىلى نويابىردا پارتىلىغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە سانائىينەفىسەنىڭ ئىشى ۋاقتىنچە توختاپ،كۆپ ساندىكى سەنئەتچىلەر ئىنقىلابىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئۈچ ۋىلايەت دائىرىسىدە غەلبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ رايۇنلاردا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى راۋاجلىنىشغا يەنىمۇ كەڭ يول ئىچىلغان.

1946-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بۇرۇن سەنئەت ساھەسىدە ئىشلىگەن، كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەر قايسى ئورۇنلاردىن قايتۇرۇپ كېلىپ، سانائىينەفىسەنى قايتا تەشكىللىگەن. ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى-كەينىدە، باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك جانلىنىش بولۇپ، كۆپ مىللەتلىك بۇ سەنئەت ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە تۈرتكە بولغان.

مەسىلەن: شۇ يىللاردا مەرھۇم ئىسھاقبېكنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن قازاق سەنئىتى ئىشلىرىدا كۆپ ئىلگىرلەشلەر بولۇپ، قازاقچە بىر نەچچە كىتابلار سەھنىدە ئوينالغان. شۇ يىللاردا رەىمىتۇللا، قۇرمانئالى قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك قازاق زىيالىيلىرى بۇ ئىشقا ياردەمدە بولغان. بۇ قېتىم سانائىينەفىسە قايتا تەشكىللەنگەندە قازاق، ئۆزبېك، تاتار، شىبەگە ئوخشاش ھەر مىللەت ئارتىستلىرىمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ، سانائىينەفىسەنىڭ ئىسمى ھەر مىللەت سەنئەتچىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ئىتتپاق تىياتىرى»بولغان. سەنئەتچىلەرنىڭ ھەممىسى رەسمىي مائاشلىق بولۇپ، سەنئەت جاھازلىرى تولۇقلانغان. سەھنە ماتېرىياللىرىنى ئارىيەت ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارغا خاتىمە بېرىلگەن.

گومىنداڭ ئەكسىيەتچى ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزگەن 11 ماددىلىق بېتىمنى بۇزغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ئىلغار زىيالىي ۋە سەنئەتچىلەر ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان. شۇ چاغدا ئەخمەتجان قاسىمى، سىرجىدىن زەپەر، ئابدۇگۈل، ھۆرىيەت، ئابدۇكېرىم رازى، ھۆرنىيازخان، ئەزىزەم قاتارلىق سەنئەتچىلەرنى ئۈرۈمچىدىن كىلىپ «ئىتتىپاق تىياتىرى»نى كۈچەيتكەن.

بۇ يىللاردا، مۇزىكا، ناخشا-ئۇسسۇللاردا كۆپلىگەن يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىپ، ئىنقىلابىي مەزمۇن تۈسىنى ئالغان. تىياتىر ھال سوراش ئۆمىكى تەشكىللەپ، بورتالا، جىڭ، كەڭساي، شىخو، ماناس قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۈچ ۋىلايەت جەڭچى-ئوفىتسېرلىرىدىن ھال سوراپ ئويۇن قويغان. شۇ يىللاردا نىمشېھىتنىڭ «لەيلى-مەجنۇن» ئەسىرى ۋە «غېرىپ-سەنەم»، «قانلىق داغ»، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، «باي ۋە مالاي»، «ئارشىن مال ئالان»قاتارلىق ئەسەرلەر ئوينالغان.

قازاقچە «بو يىگىت»، «قالىڭ مال»، «قىز جىبەك»، «شۇغا»، «ئېرتارغىن» قاتارلىق ئەسەرلەر ئوينالغان. مۇشۇ يىللاردا كىۋىر نىياز، ئېلاخون ھەمرايېف قاتارلىق كىشىلەر تىياتىرنىڭ مەسئول خىزمەتلىرىدە بولغان. ئەلقەم ئەختەم، تىيىپجان ئېلىيېف قاتارلىق ياش شائىرلارمۇ تىياتىر خىزمەتلىرىگە ياردەم قىلغان.

1949-يىلى ۋەتىنىمىزدە ئازادلىق تېڭى ئاتقان. «ئىتتىپاق تىياتىرى» دىكى ھەر مىللەت سەنئەتچىلىرى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنى ماناسقىچە ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ توغرا مىللىي سىياسىتى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت يۆنىلىشىنىڭ نۇرى ئاستىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان.

ئازادلىقتىن كېيىن « ئىتتىپاق تىياتىرى» رەسمىي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تىياتىر قىلىپ قۇرۇلغان. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرى ئىچىدە سەنئەت گۇرۇپپىلىرى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن، بۇ كىچىك گۇرۇپپىلار بىرلەشتۈرۈلۈپ « ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكى» (5-كورپۇس سەنئەت ئۆمىكى)تەشكىللەنگەن. شەھەرلەردىن يېزىلارغىچە مەكتەپ ۋە مەھەللىلەرگىچە بولغان ئورۇنلاردا سەنئەت كۇرژۇكلىرى تەشكىللىنىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشىدا قاينام-تاشقىنلىق كەيپىيات بارلىققا كەلگەن، تىياتىر سېپىگە يېڭى-يېڭى كۈچلەر كېلىپ قوشۇلغان.

سەنئەت ئۆمىكى ئەينى يىللاردىكى «يەر ئىجارىسىنى كېمەيتىپ، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش»، «يەر ئىسلاھاتى»غا ئوخشاش ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەرگە ماسلىشىپ، جايلارغا بېرىپ ئويۇن كۆرسەتكەن.

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكى«ئازاد زامان»، «ئاشۇ باغ»، «ئىشلە ئىشچان دېھقانلار» قاتارلىق يېڭى مەزمۇندىكى ناخشىلار ئىجاد قىلىنغان.«قانلىق داغ»، «غۇنچەم»، «گۈلنىسا»، ماناپ قادىرىنىڭ «زومىگەرلەر خەلق قولىدا» ناملىق دراممىسى قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن سەھنىدە ئوينالغان.

1951-يىلى ئۈرۈمچى دە «ئون ئىككى مۇقام»نى سىنغا ئېلىش خىزمىتىنى باشلىغاندا، پىشقەدەم مۇقامچى تۇردى ئاخون ئاكا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھوشۇر ئاخۇنلار بىلەن بىللە، ئىلىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشقان روزى تەمبۇر، ئابدۇۋەلى جارۇللايۇپلارمۇ بۇ خىزمەتكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، مۇقام ۋە خەلق ناخشا-سازلىرىنى رەتلەش ئىشىدا تېگىشلىك تۆھپە قوشقان.

1952-يىلى، بىر بۆلۈم كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتچىلەر شۇ چاغدا تەشكىللەنگەن ھال سوراش ئۆمىكى بىلەن بىللە چاۋشىيەنگە بېرىپ، ئالدىنقى سەپتىكى، ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئوفىتسېر-جەڭچىلەردىن ھال سوراپ، جوڭگو-چاۋشىيەن كۈرەشچان قىسىملىرىغا ئىلى خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگەن.

1954-يىلى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى، ئالتاي، چۆچەك، غۇلجا قاتارلىق ئورۇنلاردىكى قازاق سەنئەتچىلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «ئىتتىپاق تىياتىرى»، «ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكى»گە ئۆزگەرتىلگەن. بۇ يىللاردا«غۇنچەم»، «ئارشىن مال ئالان»، «گۈلنىسا» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ كونسېرتلىرى ئوينالغان.

1956-يىلى بىر قىسىم ئاتاقلىق سەنئەتچىلەر ئاپتونوم رايۇن تەشكىللىگەن سەنئەت ئۆمەك بىلەن بىللە ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ، يېڭى جوڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سەنئىتىنى دۇنياغا نامايان قىلغان.

1966-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكى» «غۇنچەم»، «ئانارخان»، «سالىقا-سەمەن»، «تاڭدىكى چېچەك»، «سىرلىق پۈركەنجە»، «خۇش كەپسىز مېھمان»، «ماۋ جۇشىغا ئەگىشىپ»، «تامغىنى تارتىۋېلىش»، «تامنى ئۆرۈپ قۇدا بولۇش» قاتارلىق 20گە يېقىن سەھنە ئەسەرلىرىنى ئوينىغان. بۇنىڭ ئىچىدە «تامنى ئۆرۈپ قۇدا بولۇش» درامىسى 1964-يىلى ئاپتونوم رايۇنىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دراما كۆرىكىدە بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتلانغان.

«مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» يىللىرىغا كەلگەندە، بارلىق سەنئەت باغچىلىرىغا ئوخشاش ئىلى تىياتىرىمۇ زور ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان. تىياتىرنىڭ 30 نەچچە يىللىق ئارخىپ ماتېرىياللىرى ۋە نۇرغۇن سەنئەت بويۇملىرى بۇلاپ كېتىلگەن، كۆيرۈرۈۋېتىلگەن. ئابدۇۋەلى جارۇللايوپ، سۇلتان مىجىت، ئىلىپبېك، باياخونغا ئوخشاش پىشقەدەم سەنئەتچىلەر ۋە ئازادلىقتىن كېيىن، پارتىيە تەربىيىسى ئارقىسىدا يېتىشىپ چىققان تالانتلىق رېژىسسور مۇختەر ئابدۇراخمانغا ئوخشاش يولداشلارغا «سېرىق ناخشىنىڭ پىرى»، «شىيۇجىڭجۇيىچى»(رېۋىزىئونىزمچى)، «نەق ئەكسىل ئىنقىلابچى» دېگەندەك خىلمۇ-خىل قالپاقلار كىيدۈرۈلگەن. بالايى-ئاپەتلىك شۇ 10 يىل ئىچىدە نۇرغۇن سەنئەتچىلەر قاتتىق زىيانكەشلىككە يولۇققان، سەنئەت ئىشلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

لىن بىياۋ ۋە «تۆت كىشلىك گۇرۇھ» ئاغۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيىمىزنىڭ توغرا ئەدەبىيات-سەنئەت سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن سەنئەت ئىشلىرى يەنە تېزدىن ئەسلىگە كەلگەن. سەنئەت ئۆمىكى لىن بىياۋ ۋە «تۆت كىشلىك گۇرۇھ»نىڭ ئەپتى-بەشرىسىنى پاش قىلىدىغان «ئېرەن يوپۇرمىقى قىزارغان چاغدا»، «تىمتاس ئەمەس بۇ ماكان»غا ئوخشاش سەھنە ئەسەرلىرىنى ئويناپ چىققان، تىياتىر «تۆت كىشلىك گۇرۇھ» ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، دراماتورگ زۇنۇن قادىرىنىڭ «غۇنچەم» درامىسىنى ئاپتونۇم رايون بويىچە بىرىنچى بولۇپ سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

1976-يىلدىن 1980-يىلغىچە بولغان ئارىلقتا سەنئەت ئۆمىكى چەتئەل مېھمانلىرىغا كۆپ قېتىم ئويۇن كۆرسىتىپ، ياخشى باھاغا ئېرىشكەن، ئۆمەك تەركىبىدىكى ھەر مىللەت ئارتىستلىرى بىر قانچە كىنولاردا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رول ئالغان، باياخون، سائاسەت، كامال ئىشكىباي، ئەمىنا، شەمشى ئەمەم، ئەنمىي، تاش قاتارلىق مۇنەۋۋەر سەنئەتچىلەر چەت مەملىكەتلىرىگە چىقىپ ئويۇن كۆرسىتىش پائالىيەتلىرىگە شەرەپ بىلەن قاتناشقان.

1979-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش سەنئەت كۆرىكىدە كامال ئىشكىباينىڭ ناخشىلىرى «بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز بالدىنمۇ تاتلىق»، «سايرا دۇمبۇرا»، «قاراماي» قاتارلىق نومۇرلار ياخشى باھاغا ئېرىشكەن.

1980-يىلى ئاپتونوم رايۇن ۋە مەركەزدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت كۆرىكىدە ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكىدىن قاتناشتۇرۇلغان «قوڭغۇراقلىق قوزا»، «ئوغلاق تارتىش»، «ئايگۈلەك» قاتارلىق نومۇرلار مۇكاپاتلانغان.

«ئىلى سەنمىي»، «ساداق ئۇسسۇلى» قاتارلىق نومۇرلار ياخشى دەپ تىلغا ئېلىنغان.

«ئىلى ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكى» 1981-يىلى ئىجادىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، مەشىقنى كۈچەيتىپ، ئارتىستلارنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە كۆرسىتىدىغان ئويۇنلارنىڭ سۈپىتىنى كۆتىرىشكە بەل باغلىغان. ئۇلار شۇ يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى بىلەن ئاپتونوم رايۇنلۇق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، شەرقىي-شىمال ئۈچ ئىگىزلىكىنى ئايلىنىپ ئويۇن قويۇپ «ئايگۈلەك»، «ئىلى سەنىمى» قاتارلىق 25 تاللانغان ھەر مىللەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتكەن ۋە جايلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن. شۇ يىلى «سەلىقە-سەمەن»، «تامنى ئۆرۇپ قۇدا بولۇش» قاتارلىق دراممىلارنى قايتا ئىشلەپ، سەھنىگە ئېلىپ چىققان.

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىسەنئەت ئۆمىكى شۇ يىلى يەنە خەلق ناخشا-مۇزىكىلىرىنى يىغىش-رەتلەش خىزمىتىنى ئىشلەشنى پىلانغا كىرگۈزۈپ ئىشلىگەن. سەنئەتنىڭ بۇلىقى بولغان ئىلى رايۇنىدا خەلق ناخشا-سازلىرىنى يىغىش-رەتلەش خىزمىتىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەي، ۋاقتىدا ئىشلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. تىياتىر دەسلەپكى قەدەمدە ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى ۋە دراما ئارتىست ئابدۇۋەلى جارۇللايوپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ناخشىنى، سۇلتان مەجىتنىڭ ئۆلەڭلىرى ۋە مۇزىكانت ئاشىمنىڭ كۈيلىرىنى رەتلەپ ئۈنگە ئالغان.

سانائىينەفىسە قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە بولغان يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتنى ئەسلىسەك، ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرى ئۆز تارىخىدا ئاجايىپ سەھىپىلەرنى قالدۇردى. بۇ سەنئەت ئوچىقى پىشقەدەم خەلق سەنئەتچىلىرىنىڭ كۈچ چىقىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان يېڭى سەنئەت ىادىملىرىنى يېتىشتۇرۇپ پۈتۈن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشا-ئۇسسۇل،دراما سەنئىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.

ئىلىدا دېموكراتىك كۈچلەرنىڭ ئويغىنىشىنىڭ بالدۇر بولۇشى ۋە جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ئىلى رايونىدا غەلىبە قىلىپ، سەنئەت ئىشلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماي راۋاجلىنىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش سەۋەبى بىلەن ئىلىدا سەنە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ باشقا ئورۇنلىرىغا نىسبەتەن ئىلگىررەك بولغان. شۇڭا، ئەينى يىللاردا باشقا ئورۇنلارنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا نىسبەتەن تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. سانائىينەفىسەدە خىزمەت قىلغۇچى مەتتاھىر ھەسەن، سەيدۇللام رەھمىتۇللا، ئىسمايىلجان، مەرۇپ ناسىرۇپ قاتارلىق سەنئەتچىلەر 1939-يىلىلا ئۈرۈمچى تىياتىرىغا بېرىپ، مۇزىكا ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەسىر كۆرسەتكەن.

1942-يىللىرى ئابدۇۋەلى جارۇللايوپ ئۈرۈمچىگە بارغاندا زىكرى ئەلپەتتا ئىشلىگەن «رۇخسارى مۇقامى»نىڭ ئاھاڭلىرىنى شۇ چاغدا ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە ئوينىلىۋاتقان «غېرىپ-سەنەم» ئەسىرىگە سېلىپ، ئۆزى روللارغا چىقىپ، ئۈرۈمچى سەھنىلىرىدە يېڭىلىق ۋە جانلىنىش پەيدا قىلغان.

ئىلى ئوبلاستلىق ناخشائۇسسۇل، دىراما ئۆمىكىئەينى يىللاردا ئىلى تىياتىر ساھەسىگە ئارىلاشقان قاسىمجان قەمبىرى، مەمتىمىن خەلپەتھاجى، ئابلىمىت مەخسۇتۇپ، ساۋدانوپ زاھىر، ياسىن خۇدابەردى قاتارلىق ئىلغار زىيالىيلار كېيىنكى چاغلاردا جايلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆز تەسىرلىرىنى كۆرسەتكەن.

كېيىنچە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق ھەر قايسى سەنئەت تەشكىلاتلىرىدا ئىشلىگەن زىكرى ئەلپەتتا، ھۈسەنجان جامى، مۇساجان روزى، پاشا ئىشان، ئابلىزخان مامۇت، قۇربان ئۆمەر، غىياسىدىن بارات، ئابلىكىم ئابدۇللا، ئابدۇگۈل، ئابدۇكېرەش ئېلى، خانقىز ھەمرا، سىراجىدىن ئىسرائىل، شەربى، ئوسمانجان، زۆھرە شاخمايۇۋا، ھۆرىيەت، ئايشەم، ئىبراھىم قاتارلىق تەسىرى بار سەنئەتچىلەرنى ئىلى تىياتىرى ئۆز قوينىدا تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن، ئىلى تىياتىرى بۇ تۆھپىلىرى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#